- تىزىملاتقان
- 2014-2-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 630
- نادىر
- 0
- يازما
- 18
ئۆسۈش
26%
|
مانا مەنمۇ چوڭ بولۇپ مۇساپىر بولغاننىڭزى , دادامنىڭ بىزنى ناھايىتى ياخشى تەربىيلىگەنلىكىنى ھىس قىلدىم . گەرچە بىز كىچىكىمىزدىن باي -باياشات ياخشى تۇرمۇشتا چوڭ بولغان بولساقمۇ , تاكى تۇلۇق ئوتتۇرغا چىققۇچە دادامنىڭ مە بالام ما پۇلنى خەجلە دەپ بەش موچەن بەرگىنىنى بىلمەيمەن . بىز پەقەت ھېيتلىق پۇللىرىمىزنى يىغىپ خەجلەيتۇق . بۇ ھەرگىزمۇ دادامنىڭ پىخسىقلىقىدىن ئەمەس , دادم , بىزگە بۇنداق چىڭلىق قىلغان بىلەن ھەرقانداق ئادەم ھاجەتمەن بولۇپ كىرىپ قالسا قولىدىن كىلىشىچە ياردەم قىلاتتى , مەھەللە ھەرقانداق ئش بولسا قولىدىن كىلىشىچە قىلاتتى ناھايىتى قولى كەڭ ئادەم ئىدى . بىز كىچىكلىكتە بىلمەي خەققە بىردىكەن ۆزىنىڭ باللىرىغا بەرمەيدىكەن دەپ ئاغرىپ يۈرەتتۇق .
دادامنىڭ مۇشۇنداق قاتتىق تەربىيەسىدە چوڭ بولدۇق , ئاللاھ خالىسا تىجارەتنىمۇ ناھايىتى دۇرۇس قىلىپ كىلىۋاتىمىز , قالايىمقان باللارنىڭ كەينىگە كىرىپ ھىچقانداق كەيىپ ساپا ئىشلارغا ئارلاشماي ياخشى ئىتقاتلىق چوڭ بولدۇق . ئاللاھقا شۈكرى , دادمنىڭ تېنى سالامەت بىزمۇ ھەم شۇ , ھەر -بىر قەدەمنى دادمنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بېسىۋاتنمىز , باسقان قەدىمىمىزدىن گۈللەر ئۈنىۋاتىدۇ , دادا بار ئۆيدە بەركەت بار قېرىنداشلىرىم . شۇڭا ھەممە قېرىنداشلارنىڭ ئاتا -ئانىسىنى قەدىرلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . |
|