- تىزىملاتقان
- 2015-3-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 102
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
ئۆسۈش
34%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار! پەخىرلىك سىڭلىمىز پەخرىيە ئەشرەپنىڭ مۇۋەپىقىيەتلىك ھالدا ئامىرىكىدىكى دۇنياغا داڭلىق بەش ئالىي مەكتەپنىڭ ماگىستېرلىق ئوقۇش چاقىرىقى قوبۇل قىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىللە، مىللىتىمىز ئۈچۈن، مۇشۇنداق مۇنەۋەر بىر قىزنى، تەربىيەلەپ بەرگەن ئاتا-ئانىسىغا، ئۇستازلىرىغا چىن يۈرىكىمىزدىن رەخمەت ئېيتايلى. « رەخمەت سېلەرگە! » سېلەرنىڭ پەخرىيەنى تۇغۇپ، تەربىيەلەپ مۇشۇنداق مۇنەۋۋەر پەرزەنت قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشىڭلار ئۈچۈن قانچىلىك يۈرەك قېنىڭلارنى سەرىپ قىلغانلىقىڭلارنى بىرى ئۆزۈڭلار يەنە بىر «ھەق» ئۆزى بىلىدۇ. سىلەر جاپا چەكتىڭلار! تارىتقان جاپالىرىڭلار، قىلغان ئەمگىگىڭلار مېۋە بەردى. سىلەر ھازىر خوشال، ئۇيغۇر خەلقىمۇ شادلاندى. سىلەرگە مىڭ تەشەككۈرلەر بولسۇن، ئالتۇن تېنىڭلار ئامان بولسۇن.
مەنمۇ بىر ئاتا بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بەك خۇرسەن بولدۇم. مۈمكىن بولسا، ئەشرەپ ئاكىنىڭ ۋە پەخرىيەنىڭ ئۇستازلىرىنىڭ ، پەرزەنت تەربىيەلەشتىكى ياخشى تەجرىبىللىرىنى تونۇشتۇرىدىغان ماقالىلار ياكى سۆھبەت خاتىرلىرى بولسا مۇنبىرىمىزگە يوللانغان بولسا، مۇشۇنداق خوشاللىققا تولغان بەلەن كەيپىياتىمىز بىلەن پەرزەنتلىرىمىزنى ئوبدان تەربىيەلەشكە كېرىشىپ كەتسەك. تورداشلار قانداق قارايدىكى؟ |
|