بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tarati تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-10 11:53
نىمىشقىدۇر بۈگۈن تالادىكى توپىلىق ھاۋاغا قاراپ مۇڭلىنىپ قالدىم. شۇڭا باغداشنى ئېچىپ بۇرۇنقى شېئىرلىرىمنى، يازمىلىرىمنى ئوقۇدۇم. يېڭى شېئىرلاردىن يوللاپ قويدۇم. بىللە ھوزۇرلىنايلى....
قومۇلغا قايتىش
كۆپكۈك ئاسمان، تاكسىيلارنىڭ چىرىقى
چىراقلىق يوللار ، غازاڭسىز دەرەخلەر
ئاسماندا ئېسىلىپ تۇرغان ئاي
مەن ئۆزۈمنى قومۇلدا دەپ ئويلايمەن
ھېچنىمىگە قارىماي
قومۇل شىۋىسىدە سۆزلەۋاتقان يول
سەن كىمسەن
كىمدۇرسەن
قومۇلغا قايتتىم ئاخىر
ئۇزۇن ـ ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ
قۇملۇقلارنى تاغلارنى كېسىپ
نۇرغۇن ھېكايىلەرنى سۆزلەپ
نۇرغۇن ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ
بىز بىر تال چىراقتۇرمىز
ھەممە يەرگە نۇر چاچقان
بىز بىر تال قوغۇندۇرمىز
قىرىقبىر ئۇرۇقى بىر يەردە قالغان
كۆپكۈك ئاسمان تەۋەدۇر خىيالغا
قومۇل شىۋىسى تەۋە قەلبىمگە
مەن تەۋەدۇرمەن قۇمۇلغا
ئۆرگىلىپ ئوينايلى
چۆرگىلىپ ئوينايلى
قومۇلغا قايتىپ كەلدۇق
قۇمۇل بىر تال ئوتۇن بولسۇن
باغرىمىزنى يېقىپ
راسا كۆيەيلى
|