بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdu520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-10 18:01
ياشلىقتىكى ۋاقىتنىڭ سىرىنى بىلەمسىز
ياشلارغا نىسىبەتەن ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىك ئۇلاردا غالىپ ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشكە نىسىبەتەن ۋاقىت كەڭتاشا. ئوتتۇرامەكتەپكە چېىققاندا سىز خېلىلا نەرسىلەرنى بىلىپ قالىسىز، توساتتىن بىر كۈنى كەلگۈسىڭىز ھەققىدىكى خىياللار سىزنى چىرمايدۇ. ئەنە شۇندىن تاكى بىر ئائىلە بېشىڭىزغا كىيىلگۈچە سوزۇلغان ياشلىق مۇساپىڭىزدە ئون نەچچە يىللاپ ۋاقىت تامامەن سىزنىڭ ئىلىكىڭزدە. مانا دۇنيا سىزگە بۇ ئادىللىقنى ئاتا قىلدى. سىز ئۇنىڭغا ئېرىشتىڭىز. شۇنى بىلىڭكى،بۈگۈنكى دۇنيا ئېرىشكەن گۆھەرنى يىتتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پۇشايمان يېشىغا قاچا تۇتۇپ ئولتۇرمايدۇ. شۇڭا<<ۋاقتىڭ كەتتى،بەختىڭ كەتتى>>دەيمىز. بىر تۈركۈم ياشلار باركى،ئۇلار ھايات چەمبىرىكى ئىچىدە ھەممىگە كۈلۈپ بېقىۋاتقان ئاشۇ قىممەتلىك ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىشقا كۆنۈپ كەتكەن. خۇددى ياشلىقتىكى ئاشۇ كەڭتاشا ۋاقىت خەجلەپ بولغىلى بولمايدىغان مال-دۇنيادەك،ھەر كۈن،ھەر سائەتتىكى ئىسراپچىلىقلار يىغىلىپ ئۇلارنى زامانىمىزدىكى يارىماسلار قاتارىغا كىرگۈزمەكتە. ئۇلارچە بىكار يۈرگەنلىك ئەيىپ ئەمەس،پۇرسەتنىڭ كەلمىگەنلىكى ھەممىگە باھانە. ئۇلار كۈن بۇيى ئەھمىيىتى يوق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق پۇرسەت تىڭتىڭلايدۇ.ۋاقىتنىڭ بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كېتىۋاتقىنىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ. دۇنيادا ۋاقىتنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىشتىنمۇ ئېغىر گۇناھ بولمىسا كېرەك. بىكارچىلىق ئادەمنى تۈگەشتۈرۈۋىتىدۇ. ۋاقىت سىزنىڭ باھانە-سەۋەپلىرىڭىزگە ئالدانمايدۇ.شۇڭا ئۆزىڭىزنى ئالدىماڭ.ھە دېسىلا دەرس بېسىمىنى باھانە قىلىپ،ئەمەلىي بىلىم ئۆگۈنىشكە ۋاقىت يوق دەپ بىپەرۋا يۈرمەڭ. تورغا چېقىپ ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن ۋاقتىڭىز كېتىۋاتقاندا ئۆزىڭىز <<مەندە ۋاقىت يوقمۇ ياكى روھ>>دەپ بۇ ھەقتە ئوبدان ئويلىنىپ قويۇڭ . سىز ئىستۇدېنىت، شۇنداقلا بۈگۈنكى رىقابەت جەڭگاھىدىكى بىر جەڭچى. شۇنداق ئىكەن ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرىشىڭىز ھەربىي تۈزۈم بويىچە بولسۇن. ھەر كۈنلۈك ۋاقتىڭىزنى ئېدىتلىق تەقسىملەڭ.بورۇن سىنىپ مەسئۇلىڭىز ۋە ئۇقۇتقۇچىڭىز،ئاتا-ئانىڭىز سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنى تەقسىملەپ بەرگەن بولسا،ئەمدى ۋاقىتنى قانداق ئىشلىتىش سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىزدە . ئالىي مەكتەپنىڭ دەرس سالمىقى ھەقىقەتەن ئېغىر. لېكىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ باققان ھەر بىر ئادەم بىلىدۇكى،ئالىي مەكتەپتە دەرس ۋاقتىدىن بوش ۋاقىت كۆپرەك.شۇڭا <<دەرس بېسىمى ئېغىر،ۋاقىت قىس،باشقا ئىش قىلىشقا ۋاقىت يوق دېيىش>> چەك باسمايدۇ.دەرس ئۇقۇيدىغان كۈنلىرى ۋاقىت يەتمىسە،شەنبە،يەكشەنبىدىن ئىبارەت دەم ئېلىش كۈنى بارغۇ؟!شۇ ۋاقىتلاردا تىل،كومپىيوتۇر ئۆگەنسە،ئوقۇپ تورۇپ ئىشلىسە بولىدىغۇ؟! ئۆگىنىشتە تىرىشچان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتىقاندا ۋاقىت ئىنتايىن قىس،ئۇلار دەرسنىلا ئۆگىنىش بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. دەرستىن چۈشكەندىمۇ،ئارام ۋاقىتلىرىدىمۇ باش كۆتۈرمەي ئۆگۈنۈش ئۇلارنىڭ ئادىتىگە ئايلانغان. لېكىن ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇلىنى خەجلىگىلى كەلگەن،ئويۇنخۇمار بەزى بالىلارغا نىسىبەتەن ۋاقىت شۇنچىلىك كەڭرى،شۇنچە قەدىرسىز.ئۇلار ھەتتا ۋاقىتىنى ئۆتكۈزەلمەي زېرىكىپ كەتكىنىدىن قىلغىلى ئىش تاپالمايدۇ.... ئالىي مەكتەپلەردە بىر ھەپتىنىڭ ھەممە كۈنىدە ھەرگىزمۇ تۆت سائەت مۇقىم دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ.ھەتتا بەزى كۈنلىرى بىر كۈندە پەقەت ئىككى سائەت دەرس ئوقۇيدىغان ئەھۋالمۇ بولۇپ قالىدۇ.گەپ ئوقۇغۇچىنىڭ شۇ ۋاقىتىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىشىغا،قانداق پايدىلىنىشىغا باغلىق. ۋاقىت ۋاقىتنى تېجەشتىن كۆپىيىدۇ. ۋاقىت قانچە زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلسا، ئادەمنىڭ كۈنى شۇنچە مەنىلىك ئۆتىدۇ. << ئالىي مەكتەپتە قوشۇمچە بىلىم ئۆگىنىشكە ۋاقتىم چىقمىدى>> دېيىش يالغانچىلىق ۋە ئۆزىنى ئالداشتۇر. << پەقەت دەرسنىلا ئۆگىنىپ ھۆددىسىدىن چىقسام بولدى>>دېگەن ئوقۇغۇچى مەكتەپ پۈتكۈزگەندە ئۆز كەسپىدىن باشقا ھېچىقانداق بىلىمگە ئىگە بولالمايدۇ،ئاقىۋەت دىپلومنىلا قولتۇقلىغىنىچە مەكتەپتىن ئايرىلىدۇ خالاس. بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا كېيىنچە مەكتەپتە ئۆگەنگەن تار دائىرىدىكى نەزەرىيىۋى بىلىملەرنى ئىشلىتىشكە ئىمكانىيەت بولمايلا قالسا،ئۇلار ئىقتىدارسىزلار ئارىسىدىن ئورۇن ئېلىپ،ئاخىرى جەمئىيەت تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىدۇ.شۇڭا ھازىرقى كەسكىن رىقابەت جەمئىيىتىدە پۇت تىرەپ تۇراي دېگەن ئىستۇدېنىت چۇقۇم دەرسلىكنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپلا قالماي،يەنە بىر نەچچە ئەمەلىي كەسىپنىڭمۇ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولۇشنى ئۆزىگە مەجبۇرىيەت قىلىشى كېرەك. بەزى ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ شەنبە،يەكشەنبىسى مەكتەپ-مەكتەپلەرگە چىقىپ دوستلىرىنى ئىزدەش،بازار چۆرگىلەش،ئولتۇرۇش-سورۇنلار بىلەن شۇنچە ئالدىراش ئۆتسە ئۆتىدۇكى،ئۆزىنىڭ كېيىنلىكى ئۈچۈن ئاساس يارىتشقا ۋاقتى چىقمايدۇ. تورخانىلاردا كۈنلەپ-كۈنلەپ ئولتۇرۇپ ئويۇن ئويناشقا، توردىكى ئەھمىيەتسىز ئەخلەت ئۇچۇرلارنى ئوقۇشقا ياكى چچ دا سائەت -سائەتلەپ ئولتۇرۇپ ئەرزىمەس پاراڭلار دۆۋۋىسىگە كۆمۈلۈشكە ۋە ياكى تاماشا شەكلىدىكى چاكىنا مۇنازىرىلەرگە ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ تور ھاڭۋاقتىلىرى بولۇشقا رازىكى،تور دۇنياسىدىكى قىممەتلىك ئۇچۇرلاردىن مەقسەتلىك،پىلانلىق،ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، دەۋر تەرەققىياتىغا ماس ھالدىكى ئۆتكۈر تەپەككۇرىنى ئېچىشنى،بىلىمىنى كېڭەيتىشنى،ئەمەلىي ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشنى ئويلىمايدۇ. ئىنتېرنىت تورىدىكى چەكسىز ئۇچۇر ئامبىرىدىن كېرەكلىك بىلىم بايلىقلىرىنى ئۆزىگە يۇقتۇرمايدۇ.ئەسلىدە ھەر قانداق ئادەم ئۆز ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرالىسىلا،قىسقىغىنا ۋاقىتتىنمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ. نۇرغۇن ياشلار بار،دەرسنىمۇ،باشقا ئىشلىرىنىمۇ ناھايىتى ياخشى،ئۆز يۇلىدا ئېلىپ ماڭالايدۇ. ئۇلار ئۆز ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرالىغان،كېيىنلىكى ئۈچۈن ئۇل ھازىرلىغانلاردۇر. ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى تىرىشچان ياشلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى،ئۇلار ئالدىغا نېمە ئۇچرىسا شۇنى ئوقۇيدىغان، شۇنى ئۆگىنىدىغانلاردىن بولماستىن، بەلكى پىلانلىق ھالدا جەمئىيەتكە ئەڭ كېرەكلىك بىلىملەرنى ئۆگەنگۈچىلەردۇر. سىز نوقۇل ھالدا دەرسنىلا ئۆگەنسەم،بەش يىللىق ياكى ئۈچ يىللىق ئالىي مەكتەپنى ئەپلەپ-سەپلەپ تاماملىۋالسام بولدى دەپ قاراپ، جەمئىيەتكە يۈزلەنسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز. يەنە ئېيتىمىزكى،ۋاقىت سىزدىكى ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىك، ئۆگۈنۈش مۇھىتى ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىك ،مۇھىمى سىزنىڭ بۇ ئەۋزەللىكنى تونۇشىڭىزدا. ئالدىڭىزدا ناھايىتى كۆپ داۋانلار تۇرۇپتۇ. داۋانلاردىن ئېشىشقا ۋاقىت ئەسلى سىز ئۈچۈن كەڭتاشا،ئەمما ۋاقىتنى ئۇتتۇرۇپ قويسىڭىز،داۋانلار سىزگە بۈگۈنىڭىز،ھەتتا كەلگۈسىڭىزدىمۇ مەڭگۈ مۈشكۈلات بولۇپ تۇيۇلىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى،ئىستۇدېنىتلار تالاشتا قالىدىغان دەۋر ئاللىقاچان كەلمەسكە كەتتى. ئەمدى مىڭنىڭ،ئون مىڭنىڭ بىرى بولۇش ئۈچۈن سىزدە يۇقىرى ساپا،ھەر قانداق جاپا-مۇشەققەتكە چىدايدىغان غەيرەت،مۇھىمى ۋاقىتنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە قەدرىنى تونۇيدىغان روھ بولمىسا بولمايدۇ. ئەھمىيەتسىز ئۇچرىشىش،نامراتلىققا ياراشمايدىغان ھەشەمەتلەر،رىستۇرانلاردىكى ئىسراپچىلىقلار،بىكار تەلەپلەرنىڭ كۆپلۈكى،ھۇرۇنلۇق،كۈن غەنىيمەت دەيدىغان قاراشتا ياشايدىغانلار،ھە دېسىلا لاغايلاپ يۈرۈيدىغان،كوچا-كويلاردا غۇژمەك-غۇژمەك بولۇپ قارتا-بىليارت ئوينايدىغان،ئەتىگەندىن كەچكىچە مەسىت دەلدەڭشىپ يۈرۈيدىغانلار ...ۋاقىتنى ئۇتتۇرغۇچىلار،نەتىجىدە كەلگۈسىدە ئۆزىنى بەخىتسىزلىكنىڭ قايناملىرىغا ئاتقۇچىلاردۇر. پەخەس بولمىسىڭىز،ئۆزىڭىزنىڭ بىر كۈنلەردە قانداق بولۇپ ئاشۇ توپنىڭ ئەزاسى بولۇپ قالغانلىقىڭىزنى سەزمەيلا قالىسىز.چۈنكى ۋاقىت ئۆزىنىڭ شەپقەتلىك ھىممىتىنىڭ قەدرىگە يەتمىگەنلەرگە ئۆزىنىڭ شەپقەتسىزلىكىنى ھامان بىلدۈرۈپ قويالايدۇ. ئالەم بىنا بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بارلىق مۇمكىن ئەمەسلىكلەر ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتىن مۇمكىنلىككە ئايلانغانىدى.سىز ئىنسانغا بېرىلگەن چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ئۆز-ئۆزىڭىزدىن ھەر مىنۇت ھالقىپ،ئۆزىڭىزنى تولۇقلاپ تۇرىشىڭىز كېرەك. سىز ياش سىز،سىزگە تەييارلىق قىلىۋېلىشقا تولۇق ۋاقىت بېرىلگەن،لېكىن بۇ كەڭتاشا ۋاقىت سىزگە قويغان يۇقىرى تەلەپكە نىسىبەتەن ئېيتىقاندا ھەرگىز يېتىشمەيدۇ. ئىنسانغا بېرىلگەن 24 سائەت ۋاقىتنىڭ 12 سائىتى كۈندۈز،12سائىتى كېچە بولسا 12 سائەت قانغۇچە ئارام ئالالايسىز ،قالغان 12 سائەتنىڭ ھەر بىر مىنۇتى سىز ئۈچۈن بېرىلگەن ئەڭ چوڭ پۇرسەتقۇ-ئاخىر .بۇ ۋاقىتنى ئۈنۈملۈك ئىشلەتمىسىڭىز،جەمئىيەتنىڭ بېسىملىرىغا تاقابىل تۇرالايدىغان بولۇپ يېتىشىپ چىقىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالىسىز،شۇڭا مۇنۇ شېئىر دائىم ئېسىڭىزدە تۇرسۇن: ۋاقىتنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولماس، لېكىن سالاۋات دېگىلى بولماس ئەقلىڭگە ئۆتەلمىگەن كۆۋرۈككە يەنە بارىسەن، مەشغۇلاتنىڭ دەۋرىيلىكىدە ھايات بەك ئۇزۇن، خۇددى سېنى ساقلاپ تۇرغاندەك سەندىن ئاۋۋال قوزغالغانلار ھەققىڭ يوق توختاشقا سېنىڭ ئالدىغا قارىتىپ قويغاندەك سېنى كېتىۋەر ئۇزاقلاپ ئۆتمۈشلىرىڭدىن...
|