- تىزىملاتقان
- 2012-6-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 615
- نادىر
- 0
- يازما
- 11
ئۆسۈش
  23%
|
ئارتۇچ ئەپەندىنىڭ چاقىرىقى تۈپەيلى ،چۆلدەرەپ قالغان كىتاپخانىلاردا جانلىنىش كۆرۈلدى.
ھەر خىل ياشتىكى ھەرخىل كەسىپتىكى كىشىلەرنىڭ باللىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كىتاپ سېتىۋېلىۋاتقان ،ھەم كۆرۈۋاتقان ئەكۋالىرىنى دائىم ئۇچۇرتۇپ تۇرۋاتىمىز.بۇ ياخشى يۈزلىنىش، ئەمما يېقىنقى بىر ئىش مېنى ئويغا سالدى ، ناھىيمىزدە پەقەت بىرلا كىتاپخانا با ئۇ بولسىمۇ ((شىنخۇا كىتاپخانىسى)) كىتاپنىڭ تۈرلىرى تولۇق ھەم يېڭى كىتاپلارنىڭ سەپلىنىشىمۇ تىز.ئەمىلەيەتتە بۇمۇ بىزنىڭ كىتاپقا بولغان قىزىقىشىمىنىڭ ياخشىلانغىنىدىن بولغان، بىر نەچچە يىل ئاۋال ،ئازىراقلا كىتاۋىمىز تىزىلغان بىر بۇلۇڭنى ئگىلىگەن بولسا ،ھازىر پۈتكۈل زالنىڭ يېرىمىنى ئىگەلىدى.
ئالدىنقى كۈنى يېڭى كىتاپلار كەلدىمۇ دەپ كىتاپخانىغا كىرسەم .شۇنداق جىق كىتاپلار كەپتۇ، بولۇپمۇ دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرلەر قاتارىدا مەن ئۇزۇندىن بېرى سېتىۋېلىشنى ئويلاپ يۇرگەن فىرانسىيە يازغۇچىسى بالزاكنىڭ ((ساغرا تېرە)) .مۇپاسساننڭ ((چىرايلىق دوس)).
مىسىر يازغۇچىسى تەۋفىق ھەكىمنىڭ ((قايتقان روھ)) دىگەن كىتاپلارنى سېتىۋېلىپ ،پۇل تۆلەش ئورنىغا بارسام .پۇل ئالغۇچىنىڭ بىرقانچە بالىلارنى توسۇپ كىرگۈزمىگىنىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپتىمەن،نىمە ئەكۋالىغىنى سورۇسام .ئۇلارنىڭ دائىم كېلىدىغىنىنى ،كىتاپ ئالمايدىغىنى ،يەننە ئۇلارنىڭ كىتاپنى پاسكىنا قىلىۋەتكىننى... ئەزۋەيلەپ كەتتى.
باللىرىمىزنىڭ كىتاپقا ھېرىس بولغىنى ياخشى ئەكۋال .ئەمما كىتاپخانا بىلەن كۈتۈپخانىنىڭ پەرقىنى بالىرىمىزغا بىلدۈرسەك،بولسا كۈتۈپخانىنىڭ كارتىسىنى بىجىرىپ بەرسەك،ئەلبەتتە كىتاپنى ھەقسىز ئوقۇيدۇ .پەقەت زاكالەت پۇلى ئۇچۇنلا كارتا بىجىرىلىدۇ كىيىن قايتۇرۋالسا بولىدۇ.
مەنمۇ بالىلارغا كۈتۈپخانىغا بېرىشنى تەۋسىيە قىلىپ ،قايتتىم.
ئەمما كۆڭلۈم غەش .ئەمدىلەتتىن قىزىقىپ كىتاپخانا بوسۇغۇسىغا قەدەم باسقان ياش بوغۇنلىىرىمىزنىڭ بۇ قەدەملىرىنىڭ شۇ تاپتا قايانغا ئەگىلىشىنى بىلمەيمەن؟!
|
|