قىرانلىققا مۇبارەك ! (ئادىلە ئىسمائىل)
ئاياللار بايرىمىغا بېغىشلايمەن.
.
ياشلىغىم، نازۇكلۇغىم كەتتى دېمە. گۈل يۈزۈم، لەرزان سەسىم سۇلدى دېمە. قىزلىغىم، قىزغىنلىغىم ئۆلدى دېمە. ئارمانىم، ئىستەكلىرىم ئۆچتى دېمە.
گۈل يۈزۈڭگە قورۇق ئەمەس لاتاپەت قوندى. ئانىلىققا قىزلىغىڭ تەختىنى سۇندى. سالاپەتتىن شاش-قىزغىنلىق قىزاردى،چۆكتى. ئارمانلىرىڭ چېچەك ئاچتى، ئارمانلار تۇغدى.
پاراسەتلىك ئايال بولدۇڭ، مېھرى ئوت ئانا. ھاياتقا رەڭ، مەنە بەردىڭ. ئەرلەرگە داۋا. ھايات تۇغدۇڭ، ھاياتلىققا بولغىن باش-پانا. بايرام بولسۇن ھەر كۈنۈڭ،بەختكە ئەسرا.
2015-يىلى3-ئاينىڭ 7-كۈنى ياپونىيە |