- تىزىملاتقان
- 2014-1-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3187
- نادىر
- 0
- يازما
- 236
ئۆسۈش
  39.57%
|
تەتقىقاتىنى «تۈرك ئادەبىياتىدا ئىلك مۇتەسەۋۇفلار» غا مۇجەسسەملىگەن م.فۇئاد كوپۇرلۇ خوجا ئەھمەد يەسەۋىينىڭ باي سايرامدىكى ئىبراھىم شەيىخ ئائىلىسىدە تۇغۇلغانلىقىنى، 7 يېشىدا يېتىم قېلىپ ئاچىسى گەۋھەر شەھناز بىلەن بىللە يۇرت كېزىپ تۈركىستانغا بارغانلىقىنى يازىدۇ. تەتقىقاتچىمىز قەقىنۇس كاشغەر، ئارتىشلاردىكى مازار شەيىخلىرىدىن قاراخانىيلارغا ئائىت نەسەب-ھۆججەتلەرنى تاپقانلىقىنى، ئەمما تەتقىق قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەنلىكىنى، قىياسىچە ئىبراھىم شەيىخنىڭ مەھمۇد كاشغەرىي جەمەتىگە تۇتىشىدىغانلىقىنى، قاراخانىيلار ئوردىسىدىكى نىزادىن كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بۇجەمەت كىشىلىرىنىڭ تەرەپ-تەرەپلەردە مۇساپىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى، ئىبراھىم شەيىخنىڭ شۇ مۇساپىرلار ئىچىدىكى بىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. مەرھۇم قەقىنۇس ئەپەندى يەنە مەھمۇد كاشغەرىي جەمەتىگە تۇتىشىدىغانلاردىن جەمال قەرشىي، ئەلىشىر نەۋائىي جەمەتىنىڭمۇ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى قىياسلايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى (بىر سىردىشىشتا)! |
|