2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن جۇڭگۇ نىمە ئۈچۈن ياپۇنىيە جۇڭگۇغا تۆلەيدىغان
تۆلەم پۇلىدىن ۋاز كەچكەن؟
جۇڭگۇ-ياپۇنىيە جىياۋۇ يىلىدىكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بۇلغان سالاھىيەت بىلەن تەخمىنەن ئەينى ۋاقىتتىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۈچ يىللىق مالىيە كىرىمى بىلەن تەڭ كىلىدىغان 230مىليۇن سەر كۆمۈشنى ئۇرۇش تۆلىمى سۈپىتىدە ياپۇنىيىگە تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بۇلدى. ياپۇنىيە بۇ زور مىقداردىكى پۇل ئارقىلىق ئېغىر سانائەت، ھەربىي سانائەت ۋە مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەقىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلىگىرى سۈرۈپ، 10 نەچچە يىلدىن كىيىنلا جۇڭگۇنى ئېغىر ۋەيران قىلىۋەتكىدەك چوڭ ئۇرۇشنى قوزغاش كۈچىگە ئىگە بۇلدى. بىراق، 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدا ئېغىر دەپسەندە قىلىنغان جۇڭگۇ ئۇرۇشتا مەغۇلۇپ بۇلغان ياپۇنىيە تاپشۇرۇشقا تىگىشلىك ئۇرۇش تۆلىمىگە ئېرىشەلمىدى. ھازىر كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدا تارقىلىپ يۈرگەن قاراش بۇلسا جۇڭگۇ خەلقىنىڭ كۆڭلى-كۆكسى كەڭ بۇلغاچقا ئاكىتىپ ھالدا بۇ تۆلەمدىن ۋاز كەچكەن دىگەن قاراش. ئەمىلىيەتتە بۇ كۆز قاراش تارىخى ئەمىلىيەتكە ئويغۇنمۇ؟
ئەسلىدە، 1945-يىلىدىكى «پوتسىدام خىتاپنامىسى»دا، تۈنجى قېتىم ياپۇنىيىنىڭ تۆلەم تۆلەش پرىنسىپى ئېنىق ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپ، ياپۇنىيىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىقتىسادىي ئايلىنىشنى ساقلاپ قىلىشىغا، زۆرۈر بولغان سانائەت ئەسلىھەلىرىنى ساقلاپ قېلىشىغا رۇخسەت قىلىنىپ، باشقا قىسىملىرىنى ئۇرۇش چىقىمى سۈپىتىدە تۆلەش بەلگىلەنگەن. ئۇرۇشتىن كىيىنكى دەسلەپ مەزگىلدە ئامېرىكىنىڭ ياپۇنىيىنىڭ ئۇرۇش تۆلىمىنى تۆلىشىگە بۇلغان پۇزىتسىيىسىنى خېلى ئاكىتىپ بۇلۇپ، كىيىن تەۋرىنىشكە باشلىغان،ئامېرىكا 1947-يىلى4-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇستەقىل ھەركەت قوللىنىپ، «ئاۋۋال ۋاقتىنى بىكىتىپ ئاندىن تۆلەش»پىلانىنى كۆتۈرۈپ چىقتى. بىراق ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈنسېرى ئۆتكۈرلىشىشى، يەنە جۇڭگۇدىكى خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ غەلبە قىلىشىغا ئەگىشىپ، دېپلۇماتىيە سىتىراتىگىيىسى جەھەتتە ماھىيەتلىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى. ئامېرىكا ئالدىن بىلەن يىراق شەرققە نىسبەتەن، سوۋېت رۇسىيىسىگە، كوممۇنىستىك پارتىيىگە قارىشى بىر بازا قۇرۇپ چىقىش، ئاندىن پۈتۈن دۇنيا ۋەزىيىتىگە نەزىرىنى ئاغدۇرۇشنى ئارزۇ قىلدى. ئامېرىكىنىڭ بۇ تەلىپىگە پەقەت ياپۇنىيىلا ئۇيغۇن كىلەتتى. شۇنىڭ بىلەن ياپۇنىيىنى يۆلەپ، ياپۇنىيىنىڭ تۆلەمنى تۆلىشىگە قارىشى تۇرۇش ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي فاڭجىنىغا ئايلاندى.
گومىنداڭ مەمۇرى مەھكىمىسى تۆلەم پۇل كومتېتىنىڭ سىتاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگۇنىڭ(زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ بەدىلىدىن باشقا) ئۇرۇشتا تارتقان زىيىنىنى ئەينى ۋاقىتتىكى باھا بۇيىچە ھىساپلىغاندا ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 62مىليار ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن ئەمەس ئىدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن جۇڭگۇنىڭ تۈنجى ۋەكىلى ۋۇبەننۇڭ كەسكىن ھالدا ئامېرىكا ياپۇنىيىنىڭ تۆلەم لاھىيىسىنى تۈزۈتىشنى تەلەپ قىلدى. بىراق ئامېرىكا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈپ، پىسەنت قىلمىدى. ئەسلىدە، 1946-يىلى 3-ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۈزۈپ چىققان «ۋاقىتلىق تۆلەم لاھىيسى»دە «ئاۋۋال مۇددىتىنى بىكىتىپ ئاندىن تۆلەش»پىلانىدا ياپۇنىيىنىڭ سانائەت ئەسلىھەلىرىنىڭ 30%نى بىۋاستە ياپۇنىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان دۆلەتلەرگە ئۇرۇش تۆلمى قىلىپ تۆلەش، بۇنىڭ ئىچىدىكى 15%نى جۇڭگۇغا تۆلەش بەلگىلەنگەن. بىراق ۋەزىيەنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ مەنپەئەت سىتىراتىگىيىسى بۇيىچە بۇ 30% تۆلەم دائىرىسىنى داۋاملىق كىچىكلەتتى. ئەڭ ئاخىرىدا جۇڭگۇنىڭ ئېرىشدىغان تۆلەم سوممىسىنى تەخمىنەن 22مىليۇن 500مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قىلىپ بىكىتىپ، بۇ ئەسلىدىكى پىلاننىڭ 0.03%گە توغرا كەلگەن.
ئامېرىكىنىڭ تەسىرىدىن باشقا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ياپۇنىيىدىن تۆلەم ئېلىش پۇزۇتسىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشى جۇڭگۇنىڭ مۇۋاپىق تۆلەمگە ئېرىشەلمەسلىكىنىڭ مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ، جىياڭ جىيېشىنىڭ كومپارتىيىگە ئىزچىل قارىشى تۇرۇپ، ياپۇنىيىنى كومپارتىيىگە قارىشى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ياپۇنىيىگە كەڭ قوللۇق قىلىپ، ئۆچ ئېلىش سىتىراتىگىيىسىنى يولغا قويماي، ئۆزىنىڭ جۇڭگۇنىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى سالاھىتى بىلەن كىلىشىمگە ئىمزا قۇيۇش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىدى. چۈنكى ياپۇنىيە بۇنىڭدىن بۇرۇن تەھدىت بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئىككى تەرەپ كىلىشىم ئىمزالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان. مەغلۇپ بۇلۇپ تەيۋەنگە چىكىنگەن گومىنداڭ دائىرلىرى «جۇڭگۇنىڭ قانۇنلۇق ۋەكىلى»ئوبرازىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ۋەزىيەتكە ئاساسەن قەدەممۇ-قەدەم ياپۇنىيىگە يول قۇيۇپ، گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن مىللەتنىڭ چوڭ مەنپەئەتىنى ساتتى. ئۇرۇش تۆلىمىنى ئېلىش قاتارلىق ماھىيەتلىك تەلەپلەردىن ئۈزۈل-كېسىل ۋاز كىچىپ، جۇڭخۇا ئوغۇل قىزلىرىنى قاتتىق نۇمۇسقا قويدى.
1952-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، تەيۋەن دائىرلىرى ياپۇنىيە بىلەن ئاتالمىش«ياپۇنىيە-جۇڭگۇ شەرىتنامىسى»نى ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپ«ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش»، ئاتالمىش «دېپلۇماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش»نى ئىلان قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈردى.
بىراق 70-يىللاردا، جۇڭگۇ- ياپۇنىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ نۇرماللىشىش ۋەزىيىتىنىڭ پىشىپ يىتىلىشىگە ئەگىشپ، ئۇرۇش تۆلىمى مەسىلىسى يەنە جۇڭگۇ-ياپۇنىيەدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىغا قۇيۇلغان بىر مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى. جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى ياپۇنىيە بىلەن بۇلغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ئاكىتىپ تەييارلىق قىلدى.زۇڭلى جۇئىنلەي ئۇرۇش چىقىمىنى تۆلىتىشتىن ۋاز كىچىش مەسىلىسىگە قارىتا كۆرسەتمە بىرىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرغا قويدى. بىرىنجى، جۇڭگۇ ياپۇنىيە دېپلۇماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىن بۇرۇن تەيۋەندىكى جىياڭ جىيېشى ئالدى بىلەن تۆلەم مەسىلىسىنى بۇلدى قىلدى. شۇڭا كومپارتىيىنىڭ قورسىقى جىياڭ جىيېشىنىڭكىدىن كىچىك بۇلسا بۇلمايدۇ. ئىككىنجى، ياپۇنىيە دۆلىتىمىز بىلەن دېپلۇماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن چۇقۇم ئالدى بىلەن تەيۋەن بىلەن بۇلغان مۇناسىۋەتنى ئۈزمىسە بۇلمايدۇ. تۆلەم مەسىلىسىدە كەڭ قوللۇق سىياسەت يولغا قۇيۇش ياپۇنىيىنى ئۆزىمىزگە تارتىشقا پايدىلىق. ئۈچىنجى، ئەگەر بىز ياپۇنىيىنىڭ تۆلەم تۆلىشىدە چىڭ تۇرساق، تۆلەم پۇل تۆلەشنىڭ ئېغىر يۈكىنى يەنىلا يەنىلا ياپۇنىيە خەلقى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇنداق بۇلغاندا مۇشۇ تۆلەمنى تۆلەش ئۈچۈن ياپۇنىيە خەلقى ئۇزۇن مەزگىل جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجبۇر بۇلىدۇ. بۇ مەرگەزنىڭ ياپۇنىيە ھۆكۈمىتى بىلەن دوسلۇق.ئورنىتىش ئارزۇسىغا ئويغۇن كەلمەيدۇ. جۇزۇڭلىنىڭ بۇ پۇزۇتسىيىسى كومپارتىيىنىڭ كۆڭلى-كۆكسىنىڭ ئىنتايىن كەڭلىكىنى نامايان قىلىپ بەردى شۇنداقلا جۇڭگۇدەك چوڭ دۆلەتنىڭ سېخىلىقى ۋە يىراقنى كۆرەرلىكىگە ۋەكىللىك قىلدى.
2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى گىرمانىيىدىن 12مىلياد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۇرۇش تۆلىمىگە ئېرىشتى؛ يەھۇدىلار گىرمانىيىدىن 60مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تۆلەمگە ئېرىشتى. بىراق جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى جۇڭگۇ-ياپۇنىيە خەلقىنىڭ دوستانە ئۆتۈش ئارزۇسى ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، ياپۇنىيىدىن ئالىدىغان ئۇرۇش تۆلىمىدىن ۋاز كەچتى. بۇ يەردە چۇقۇم تىلغا ئېلىش كىرەككى، جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى گەرچە ياپۇنىيىدىن ئالىدىغان ئۇرۇش تۆلىمىدىن ۋاز كىچىشى ئەمىلىيەتتە 120مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تۆلەمدىن ۋاز كەچكەنلىك. بىراق ياپۇنىيە مىلتارىزىم ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان 180مىليادلىق خەلققە تۆلەيدىغان تۆلەم پۇل مەسىلىسىنى جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى ھەرقانداق سۇرۇندا بۇلدى قىلىدىغانلىقىنى ئىلان قىلمىدى. بۇخىل زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا تۆلەيدىغان تۆلەم تەلىپىنى ۋە بىزنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن ھالدا ياپۇنىيىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراش تۆلىمىنى تۆلىتىش پۇرسىتىنى تېخىچە ساقلاپ كەلمەكتە.
مەنبە: لى ۋىي تۈزگەن جۇڭگۇ تارىخىكى مەخپى ئىشلار(2009-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى نەشىر قىلىنغان، 1-نەشىرى 62-بەت) دىن تەرجىمە قىلىندى.
|