قۇربان مامۇت ۋە‹‹ تەپەككۇر›› ژورنىلى
بىر مىللەت تەرەققىياتىدا نەشىر ئەبكارلىرىنىڭ رولى زوردۇر. شۇڭا ئەينى ۋاقىتتا مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى نەشىرىياتچىلىقنى مىللەتنىڭ مەنىۋى رىزىق دەرگاھى، دىگەنىدى.ياخشى بىر ژورنال مۇنەۋۋەر بىر ئۇنۋىرستىتتۇركى، قابىل بىر مۇھەررىر گوياكى شۇ ئۇنۋىرستىتنىڭ مۇدىرىدۇر.
قۇربان مامۇت ئەپەندى ئەنە شۇنداق بىر قابىل مۇھەررىدۇر.مەن قۇربان مامۇت ئەپەندىنى <<شىنجاڭ مەدەنىيىتى>> ژورنىلى ئارقىلىق تونۇغان ئىدىم. تولۇقسىز،تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپ ھاياتىم مەزكۇر ژورنالىنى ئىز قوغلاپ ئوقۇش بىلەن ئۆتكەن.شۇنداقلا ئۆزۇم يازغان ماقالىلەرنى توختىماي يوللاپ تۇراتتىم.ئاخىر نەتىقىسىنى كۆردۇم.2009-يىلىنىڭ باشلىرىدا قۇربان مامۇت ئەپەندىدىن كەلگەن تېلفوننى تاپشۇرۇپ ئالدىم.بۇ مېنىڭ تولۇق 3-يىللىقنى قايتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتىم ئىدى.قۇربانكام مېنىڭ ئەسىرىمنىڭ مەزكۇر ژورنالىنىڭ 2009-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئېيتىپ،ئەھۋالىمىنى سۇرۇشتۇردى ۋە ئىلھام ،مەدەت بەردى.ئارقىدىن يەنە ئەسىرىم ئېلان قىلىندى.2009-يىلى ئالى مەكتەپ ئىمتھانىنى بېرىپ بولۇپ،ئۈرۈمچىگە باردىم.ئۈرۈمچىدە مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ ئايالى رەنا مۇئەللىمنى يوقلاپ ئۆتتۇم.ئەتىسىئۈرۈمچىدىن قايتىش ئالدىدا قۇربان مامۇت ئەپەندىگە تېلفون قىلدىم.ئۇ ئازراق ۋاقتى بارلىقىنى ئېيتتى.بىز يول بويدىلا كۆرۇشتۇق.چىرايىدىن كەمتەرلىك،مىھرىبانلىق چىقىپ تۇراتتى.شۇنچە قىلساممۇ،ئاپتورلار بىلەن بىللە تاماق يېمەسلىك ئادىتىم بار ، دەپ تەكلىبىمىنى قەتئىي رەت قىلدى.شۇنىڭ بىلەن يول بويدىلا ئازىراق پىكىرلىشىپ قايىتتۇق.
تۇيۇقسىز<<شىنجاڭ مەدەنىيىتى>. ژورنىلىدىن ئۇنىڭ ئىسمى غايىپ بولدى.شۇنداقلا ژورنالىنىڭ سۈپىتى كۈنسىرى تۆۋەنلەپ كەتتى.شۇندىلا قابىل مۇھەررىرنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.ۋە قۇربانكام مۇھەررلىكىدىكى مەزكۇر ژورنالىنى غايىبانە سېغىندىم.
2014-يىلى ئوتتۇرسىدا <،شىنجاڭ ياشلىرى>>ژورنىلىنىڭ <<تەپەككۇر> ئالاھىدە سانى نەشىر قىلىنغانلىقىنى توردىن بىلدىم.بىرە ئايدىن كېيىن ژورنالىنى سېتىۋىلىپ مۇندەرىجە ئاستىدىكى <<ئىجرائىيە باش مۇھەررىر:قۇربان مامۇت>> دىگەن خەتلەر كۆزۈمگە بۆلەكچە ئىسسىق كۆرۈندى.ئۈستازنىڭ يەنە <<جەڭگاھ>> قا قايتىپ كەلگىنىدىن سۆيۈندۇم.ئوقۇماي تۇرۇپلا ژورنالىنىڭ كاتتا چىققانلىقىغا ئىشەندىم.
ھالا بۈگۈنكى كۈندە <،تەپەككۇر>> ئىككى سان نەشىر قىلىندى.بىر بىردىن ئىسىل ماقالىلەر چىقتى.ئەڭ مۇھىمى يىڭى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر <<تەپەككۇر>>ژورنىلىنى كۆرمىگەن بولۇشى مۇمكىن.مېنىڭ بۇ تېمىنى يېزىشتىكى مەقسىتىممۇ،<<ياخشى نەرسە مەخپىي قالمىسۇن>> دېدىم.
ئاخىرىدا ياشلىرىمىزنىڭ مەزكۇر ژورنالىنى بىر -بىرگە تەۋسىيە قىلشىنى، كىتاب ئوقۇش يىلىدا ئۆزىگە ھەمراھ قىلشىنى تەۋسىيە قىلمەن.ژورنال ئۈچۈن ئەجىر قىلغان بارلىق كىشىلەرگە، بولۇپمۇ قابىل مۇھەررىر قۇربان مامۇت ئاكىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ، ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيمەن.<<تەپەككۇر>>نىڭ كۆكتە تېخىمۇ پەرۋاز قىلشىنى،يامان كۆزلەرنىڭ تېگىپ كېتىشىدىن پاناھ تىلەيمەن.
|