نەزەردىن يىراقراق تۇرىۋاتقان يەنە بىر ئاپەت
دۇنيادا زەھەر مەسىلىسى بىر ئىجدىمائى ئاپەت بولۇپ،ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىغى ۋە تەرەققىياتىنى چىرماپ كەلمەكتە، ھەمدە تەھدىت سالماقتا.رايونىمىزدا زەھەر مەسىلىسى ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىپ يامراپ، زەھەر چەككۈچىلەرداۋاملىق كۆپىيىپ، جىسمانى ۋە روھى ساغلاملىقىمىز ئېغىر زىيانغا ئۇچراپلا قالماي،ئىجدىمائى مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتمۇ ئېغىر خەۋىپكە كۇچ كەلمەكتە. 2009-يىلىدىكى سىتاستىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە دۇنيادا ھەر يىلى تەخمىنەن 100 مىڭ ئادەمزەھەر چەككەنلىكتىن ئۆلۈپ كىتىدىكەن. 10 مىليون ئادەم زەھەر چەككەنلىكتىن ئەمگەكئىقتىدارىدىن قالىدىكەن. ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانىدىن قارىغاندا زەھەر چەككەنلىكتىنئۆلۈپ كېتىدىغانلار سانى يۈرەك، قان- تومۇر كىسەللىكى ۋە ئەيدىز كېسەللىكى بىلەنئۆلۈپ كېتىدىغانلار سانىدىن قالسىلا ئۈچىنچى ئورۇندا تورىدىكەن. شۇڭا زەھەر«ئىنسانلارنىڭ جېنىنى ئالىدىغان ئۈچىنچى قاتىل» دەپ نام ئالغان. بىز بۇيەردە جەمئىيەتنىڭ نەزىرىدە رەسمى زەھەر دەپ قارالماي كېلىۋاتقان، تارقىلىشى ناھايىتى كەڭ بولىۋاتقان، يەنە بىر ئۆتكۈر زەھەر«چۈمادو» ھەققىدە قىسقىچە توختالماقچى.خىروئىن قاتارلىق بىر قىسىم زەھەرلەرنىڭ زىيىنى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار خېلى كەڭ ئېلىپ بېرىلغاچقا جەمئىيەتتە بۇ ھەقتە بەلگىلىك چۈشەنچە شەكىللەنگەن. خىروئىننىڭ ساغلاملىققا، ئائىلىگە، جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان زىيىنى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە. ئەمما «چۈمادو» ھەققىدە خەلقىمىزنىڭ تونۇشى ناھايىتى يىتەرسىز بولماقتا. شۇڭلاشقا بۇخىلدىكى زەھەرنىڭ تارقىلىشى تىز بولۇپ،تارقىلىش دائىرىسى ئۆزلۈكسىز كېڭىيىپ، پۈتۈن جەمئىيەت، ئاتا- ئانىلار، مەكتەپلەرچوقۇم يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمىسە بولمايدىغان دەرىجىدىكى ئىنتايىن خەتەرلىك ئاپەتكە ئايلانماقتا. زەھەرنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسىگەقاراپ تەبىئى زەھەر، يېرىم بىرىكتۈرۈلگەن زەھەر ۋە بېرىكتۈرۈلگەن زەھەر دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. «چۈمادو» بىرىكتۈرۈلگەن ناركوز دورىسى بولۇپ، يوقۇرى ئۆنۈملۈك مەست قىلىش خاراكتىرلىك ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئۇ تابلىتكا ۋەئوكۇلدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولۇپ، ئاساسەن راك كېسەللىكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكى ئاغرىقنى پەسەيتىشكە ئىشلىتىلىدۇ. ئەپيون قوشۇلغان ھاياجانلاندۇرۇش دورىسىغا تەۋە.دۆلەت قاتتىق تىزگىنلەيدىغان دورىلار قاتارىغا كىرگۈزگەن. دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قاتتىق ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئاز مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ. دوختورنىڭ كۆرسەتمىسى بولمىغان ئەھۋالدا قەتئى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بىر قىسىم دورا دوكانلىرى ۋە قانۇنسىز دوراتىجارەتچىلىرى ئازغىنە ئىقتىسادى مەنپەئەتنى كۆزلەپ مەخپى سېتىپ بۇخىل زەھەرلىك دورىنىڭ كەڭ تارقىلىشىغا سەۋەپچى بولماقتا. «چۈمادو»نىڭ تارقىلىش دائىرىسى ۋەئىستىمال قىلغۇچىلارنىڭ سانى ھەققىدە ئېنىق سانلىق مەلۇمات يوق. ئەمما نەچچەيىلدىن بىرى مۇشۇ خىلدىكى كېسەللەرنى داۋالاش جەريانىدا كۆزىتىش، «چۈمادو»ئىستىمال قىلغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانا، دوست- بۇرادەرلىرىنىڭ بايانلىرى،مەكتەپلەردىن ئېگەللىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن يۈزەكى ھالدا ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا «چۈمادو» ئىستىمال قىلغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكى مەلۇم.خىروئىن، نەشە قاتارلىق زەھەرلەرگە قارىغاندا «چۈمادو» ئىستىمال قىلىدىغانلارنىڭ سانى كۆرىنەرلىك يوقۇرى، ئاساسەن ياشلار ئارىسىدا تارقالغان. ئالى مەكتەپ ۋەئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا تارقىلىشى بىر قەدەر ئېغىر بولماقتا. ھەتتاباشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يوقۇرى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىمۇ «چۈمادو» ئىستىمال قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ تورىۋاتىمىز. ئېنىق سانلىق مەلومات بولمىسىمۇ جەمئىيەتنى كۆزىتىش ئارقىلىق ئېرىشكەن چۈشەنچىمىزگە قارىغاندا ھازىر رايونىمىزدا تارقىلىشى، ئىستىمال قىلغۇچىلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان زەھەر«چۈمادو» بولۇپ قالغان. يېقىندىن بويان ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىگە يۈكسەك دەرىجىدەئەھمىيەت بىرىپ باشقۇرۇشنى ھەقىقى تۈردە كۈچەيتكەن. دورا دوكانلىرىدا قانۇنسىزسېتىلىشى ئاساسەن تىزگىنلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن باھاسىمۇ تىز سۈرئەتتە ئۆرلىگەن.بۇخىل ۋەزىيەت زەھەرنىڭ تارقىلىشىنى تىزگىنلەشتە ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.شۇنىڭ بىلەن بىرگە سېتىش شەكلى ئۆزگىرىپ، دورا دوكانلىرىدا سېتىلىشتىن، خىروئىن قاتارلىق زەھەرلەرگە ئوخشاش يۇشۇرۇن ئالاقە تورى ئارقىلىق سېتىشقا ئۆزگەرگەن. بۇئەتكەسچىلەرگە تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن. «چۈمادو»غا خۇماربولغۇچىلار «چۈمادو»نى ئاسانلىقچە تاپالمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ، «چۈمادو»ئورنىغا يەنە بىرخىل زەھەرلىك دورا «دېفىن» ئىستىمال قىلىشقا ئۆزگەرگەن. زەھەر چەكلەش دۆلەتنىڭلا ۋەزىپىسى بولماستىن جەمئىيەت، مەكتەپ، ئاتا- ئانىلارنىڭمۇ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار.دۆلەت كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، زەھەر چەكلەشتە زور ئۆنۈم قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن مەمنۇن بولۇش بىلەن بىرگە جەمئىيەتنىڭ، ئاتا- ئانىلارنىڭ، مەكتەپلەرنىڭ بۇخىل زەھەرنىڭ زىيىنىنى تونۇش، ئالدىنى ئېلىش، چەكلەش جەھەتتە ئېغىر يىتەرسىزلىكلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز تەخىرسىز مەسىلىدۇر. ئالدىنقى يىلى ئورنىمىز مەبلەغ ۋە كۈچ چىقىرىپ مەخسۇس خادىم تەكلىپ قىلىپ، بىر قانچە ئوتتۇرا مەكتەپتە «چۈمادو»نىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە ھەقسىز لىكسىيە پائالىيىتى ئويۇشتۇردۇق. بۇئىشقا بىر قىسىم مەكتەپلەر ناھايىتى بەك ئەھمىيەت بەرگەن بولىسمۇ لېكىن بەزى مەكتەپلەرنىڭ ئېتىۋارسىز قارايدىغانلىقىنى بايقىدۇق. ئاتا- ئانىلار بۇ خىل زەھەرنىڭ زىيىنىنى تونۇپ يەتمەسلىك، ئاقىۋىتىنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىك ۋەدورىخانىلاردا سېتىلىدىغان بىر خىل دورا ئىكەنغۇ دىگەندەك ئاددى قاراش سەۋەبىدىن ئالدىنى ئېلىشقا ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيدىغانلىقىنى، خۇمار بولغانلارنى داۋالىتىپ،ساغلام نورمال ئادەمگە ئايلىنىشىغا يىتەرلىك كۈچ چىقىرىشقا سەل قارايدىغانلىقىنى بايقاپ كىلىۋاتىمىز. زەھەرگە خومار بولۇش بولسا ئاددىلا «خۇمار بولۇپ قېلىش» بولماستىن زەھەرلىنىپ ئورگانىزىملار زەخمىلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان پۈتۈن بەدەن خاراكتىرلىك ئۇنۋىرسال كېسەللىكتۇر. ئۇنداقتا «چۈمادو»نىڭ قانداق زىيىنى بار؟ ئۇ بىمارغا(خۇمار بولغۇچىغا)، ئائىلىسىگە، جەمئىيەتكە قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ 1 . «چۈمادو»نىڭ ئىنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى TramadolHydrochloride بولۇپ، خېمىيىلىك بىرىكتۈرۈپ ئىشلەنگەن، ئەپيۇن قوشۇلغان ئاغرىق توختىتىش، ھاياجانلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە دورىدۇر. بۇ خىل دورىنى دەسلەپتە ئىشلەتكەندە پۈتۈن بەدەن ناھايىتى يەڭگىللەپ، روھى كۆتۈرۈلۈپ ھاياجانلىق تويغۇسىغا چۆمىدۇ. ئازراق ۋاقىت ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن روھى ھەم جىسمانى جەھەتتىن بېقىنىپ قېلىپ، خومار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى ۋە ئىشلىتىش قېتىم سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ زەھەرلىنىپ، سىپازمىلىنىپ، قېتىپ قېلىپ ئۆلۈپ كىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇخىل دورىنى قالايمىقان ئىشلەتكەندە ئادەمنىڭ نېرۋاسېستىمىسىنى كېرەكتىن چىقىپ، نېرۋا ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە چىكىندۈرۈپ،قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. زەھەرلىنىش خاراكتىرلىك روھى كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.«چۈمادو»نىڭ خىروئىنغا قارىغاندا نېرۋا سېستىمىسىغا كەلتۈرىدىغان زېيىنى تېخىمۇكۈچلۈك بولۇپ، دەلدۈش بولۇپ قېلىش، زىھنىنى يىغالماسلىق، ئاسان ئاچچىقلىنىش،ئۇنتۇغاق بولۇپ قېلىش، سىزىمى ئاستىلاش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىش، ئىچى تىتىلداپ بىئارام بولۇش، جىم تۇرالماسلىق،تەپەككۇر قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، دېۋەڭلىك، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زەھەر ئىستىمال قىلغان ۋاقتى ئۇزىراپ ئېغىرلاشقاندا خامۇشلۇق،ئۆزىچە قورقۇش، سىپازمىلىنىپ قېتىپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەردەئېلىشپ قېلىش (ساراڭلىق)نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قان ئايلىنىش سېستىمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ.يۆرەك مۇسكۇلى ۋە قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىغى تۆۋەنلەپ، قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قان پىلازمىسىنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاشقازان يىگىلەش،ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جىگەر قېتىشىش كېسەللىكى،ھەرخىل جىگەر ياللۇغى كىلىپ- چىقىپ ھاياتقا خەۋىپ يەتكۈزىدۇ. ئىممونىت سېستىمىسى تۆۋەنلەپ سىبلىس قاتارلىق يوقۇملۇق كېسەللەردىن ئاسان يوقۇملىنىش ۋە پۇت- قوللار ماغدۇرسىزلىنىش، سىرقىراپ ئاغرىش ئالامەتلىرى كېلىپ چىقىدۇ. كۆپىيىش ئەزالرىنىڭ خىزمىتى ئېغىر دەرىجىدەچېكىنىپ، جىنسى ئىقتىدار ئاجىزلىق، جىنسى ئىقتىدار يوقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۆرەك زەئىپلىشىدۇ.
2 . «چۈمادو»غا خۇمار بولۇش ئادەمنىڭ خاراكتىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئەخلاقنى بۇزىدۇ شەخسىيەتچى بولۇپ قالىدۇ. ئوزىنى قالتىس ھېساپلاپ،باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ھورۇن بولۇپ قالىدۇ. يالغان ئېيتىشقا ھېرىسمەن بولىدۇ.مەسئۇلىيەتسىز كېلىدۇ. ئار- نومۇسنى بىلمەيدۇ. يۈزسىز كېلىدۇ، پۇلنىلا تونۇيدۇ.بەزىدە ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش، كەمسىتىش ھېسياتىدا بولىدۇ. ئۆزىنى تۇتىۋالالمايدىغان،ئالغا بېسىشقا ئىنتىلمەيدىغان، ئۈمىدسىزلىنىپ ھەممىدىن ۋاز كېچىدىغان، قورقۇنچاق ۋە گۇمانخور بولۇپ قالىدۇ. ھەتتا ئۆلىۋېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. بىر ئادەم زەھەرنى ئىستىمال قىلىشتىن بورۇن ھەرقانچەساغلام ۋە ئەقىللىق، غەيرەتلىك، تىرىشچان بولسىمۇ زەھەر ئىستىمال قىلغاندىن كېيىنلا ھەممىدىن ئايرىلىدۇ. ئىرادىسى بوشىشىپ كېتىدۇ. مىجەزى ئۆزگىرىپ غەلىتەئادەم بولۇپ قالىدۇ. 3. «چۈمادو»نى ئىستىمال قىلغۇچىلار ئائىلىسىگە ئاپەت خاراكتىرلىك ئاقىۋەت كەلتۈرىدۇ. بىر ئائىلىدىن زەھەر ئىستىمال قىلغۇچى چىقسىلائائىلىگە ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ. زەھەر ئىستىمال قىلىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئائىلەتىراگىدىيىلىرى خىلمۇ- خىل بولسىمۇ لېكىن خاراكتىرى ئاساسەن ئوخشىشىپ كىتىدۇ.ئائىلە ئەزالىرىنىڭ نەپرىتىدىن خالى بولالمايدۇ. نەتىجىدە ئەر- خوتۇن بىر- بىرىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ. ئاتا- ئانىلار بىلەن بالىلار ئۆز- ئارا ئۆچەكىشىپ قالىدۇ.قېرىنداشلارنىڭ كۆڭلى ئازار يەپ ئۆمىتسىزلىنىدۇ. ئائىلە تىنىچ- ئىتتىپاق بولمايدۇ .زەھەر ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن خۇي- پەيلى ئۆزگىرىپ كىتىدۇ. يىنىڭ بولغاندائۆيدىكىلەرنى تەكرار ئالدايدۇ. ئائىلىنىڭ پۇل- مېلىنى ئوغۇرلايدۇ. سېتىۋېتىدۇ.ھەتتە ۋىجدانىنى يوقىتىپ ئەشەدىلىشىشكە قاراپ ماڭىدۇ. ئەگەر ئوقۇغۇچىلار«چۈمادو»غا خۇمار بولۇپ قالسا ئاقىۋىتى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. نىرۋىسى ئاجىزلاپ كىتىدىغان بولغاچقا زىھنىنى يىغالمايدۇ. ئۆتۈلگەن دەرسلەر كاللىسىغا چۈشمەيدۇ. زەھەرنىڭ خۇمارى تۇتقاندا زەھەرئىستىمال قىلىش ئىستىكى قاتتىق كۈچىيىپ، پۈتۈن بەدىنى چىدىغۇسىز بىئارام بولۇپكىتىدۇ. زەھەردىن باشقا ھېچقانداق ئىش كاللىسىغا كىرمەيدۇ. بۇنداق ۋاقىتتاھېچقانداق كۈچ ئۇنى زەھەر ئىستىمال قىلىشتىن توسالمايدۇ. زەھەر ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن بولسا مەست بولۇپ ئۇخلايدۇ. شۇڭا سىنىپتا ئولتۇرسىمۇ دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرەلمەيدۇ. زەھەر ئىستىمال قىلغۇچىلاردا ئىتقاد، غايە، كەلگۈسى ئىستىقبال دىگەنلەردىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس، روھى جەھەتتىن چېچىلاڭغۇ تەپەككۇرى قالايمىقان بولغاچقا مەكتەپنىڭ تۈرلۈك قائىدە- تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلمايدۇ. ئۇنىڭ جىسمى مەكتەپتە بولسىمۇ روھى ئۆلگەن بولىدۇ. ياخشى ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى
زەھەرئىستىمال قىلغاندىن كېيىنلا دەرستىكى نەتىجىسى تەدرىجى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. 4 . زەھەر ئىستىمال قىلىش جەمئىيەتتىكى بىر زەھەرلىكئۆسمە، ئۇ جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزۇپ ئىقتىسادى تەرەققىياتقا تەسىر يەتكۈزىدۇ.ئىجدىمائىي كەيپىياتنى زەھەرلەيدۇ. ھەمدە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەدىنىلىك تەرەققىياتىغا تەھدىت سالىدۇ. زەھەر كۆپ خىل جىنايى قىلمىشنىڭ مەنبەسى، زەھەرئىستىمال قىلغۇچىلار ئەخلاقتا بوزۇلۇپ ھەق ناھەقنى ئاستۈن- ئۈستىن قىلىۋاتىدۇ.زەھەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن قانۇنسىز ۋاستىلارنى قوللىنىپ، پۇل- مالغا ئېرىشىشتىن يانمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەرخىل جىنايەتلەرنى سادىر قىلىدۇ. «چۈمادو» ئىستىمال قىلغان ئوغۇل- قىزلار ئىنتايىن ئاسان يولدىن چىقىپ كىتىدۇ. «چۈمادو»نىڭ بىر قەدەرئەرزان بولىشى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تىز تارقىلىشقا شارائىت يارىتىپ بەرگەن. «چۈمادو»غا خۇمار بولۇپ قېلىش ھەددى- ھىساپسىز ئېغىرئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ بىئەجەل ئۆلۈپ كىتىشكە سەۋەپچى بولىدۇ. ساغلاملىققاكەلتۈرىدىغان زىيىنى بەزى جەھەتلەردىن خىروئىندىن ئېغىر، شۇڭا پۈتكۈل جەمئىيەت يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىشكە تىگىشلىك تەخىرسىز مەسىلىدۇر. (داۋامى بار)
شىنجاڭ ئەل ئۆمىد بىئو پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى خوتەن تۇرغۇن ئۇيغۇر تىبابىتى ئامبولاتورىيىسىدىن تۇرغۇن توختى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتسىڭىز بولىدۇ. |