- تىزىملاتقان
- 2011-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 18155
- نادىر
- 0
- يازما
- 1578
ئۆسۈش
  20.39%
|
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيىنى تېخىمۇ قاتتىق جازالاشقا تەييارلاندى مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى يوللانغان ۋاقتى: [url=]14 مىنۇت بۇرۇن[/url]

جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 3- ئاينىڭ 5- كۈنىدىكى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىريۇسسىلدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جۇكېر ئاچقان يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ناۋادا ئۆتكەن ئايدا تەرەپلەرنىڭ ياراشتۇرۇشى ئارقىسىدا تۈزۈلگەن مىنسىكى كېلىشىمى ئىجرا قىلىنمىسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوكرائىنا مەسىلىسى بۇيىچە رۇسيىنى تېخىمۇ قاتتىق جازالاشقا تەييارلىنىپ بولدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مېركىل يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئۇلارنىڭ مۇنازىرىسى كېلىشىمىنى قانداق ئىجرا قىلشىنى چۆردەپ ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ھەممىگە ئېنىق بولغان نۇقتا دەل مىنىسكى كېلىشىمىنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنماسلىقىدۇر، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رۇسىيىگە تېخىمۇ قاتتىق جازا قوللىنىشىقا تەييارلىنىپ بولدى. بىز نۆۋەتتە يۈزلەنگەن مەسىلە ھازىرقى جازالاش تەدبىرلىرى بىلەن مىنىسكى كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش ئارىسىدا ئۆز-ئارا باغلىنىش بار يوقلىقىدا. بۇ كېلىشمدىكى مۇھىم ئامىلنىڭ ئوكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ، ھەمدە بۇ نۇقتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئوكرائىنا تەرەپنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ چېگرىسىدا رۇسىيە بىلەن بىللە تۇرالىشىدا.
ئۇنىڭدىن باشقا جۇكېر يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيىنىڭ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈش شارائىتى تېخى پىشىپ يېتىلمىدى- دېدى. ئىلگىرىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كۆپلىگەن ئەمەلدارلار ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى ئىلگىرى رۇسىيىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ناۋادا رۇسىيە ئوكرائىنا كېلىشىمىگە يەنە خىلاپلىق قىلسا، بىز رۇسىيىنى يەنىمۇ قاتتىق جازالاشقا تەييارلىنىپ قويدۇق- دېگەن ئىدى.
|
|