بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-27 22:48
كىتاب ئوقۇش يىلىدا-قومۇلدىن سادا
-مۇجىبۇل راخمان ئەركىم
2015-يىلىنىڭ كىتاب ئوقۇش يىلى بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 2015-يىلى2-ئاينىڭ12-كۈنى قومۇل ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى ۋە قومۇل شەھىرى تۆتكوچىدىكى باراۋەت تېز تاماقخانىسىنىڭ مەرىپەتپەرۋەر خوجايىنى ئەسەت ھاجىنىڭ ئۆز يانچۇقىدىن 1 تۈمەن يۈەن پۇل چىقىرىپ سېتىۋالغان 300 پارچە ھەمدە يازغۇچىلار جەمئىيتى نەشىر قىلدۇرغان كىتابلاردىن 300 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب قوشۇلۇپ، جەمئىي 600 دىن ئارتۇق كىتاب قومۇل شەھىرى قارادۆۋە بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن « مەدەنىيەتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش»، « كىتاب ئوقۇش يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن كىتاب تارقىتىش پائالىيتى »، دە كەلگۈسىنىڭ غۇنچىلىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتكە قومۇل ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، قارادۆۋە بارزارلىق ھۆكۈمەت، « قومۇل ئەدەبىياتى» ژورنىلى، قومۇل گېزىتى ۋە بىرقىسىم پىشقەدەم رەھبەر، يازغۇچى، شائىرلار كېلىپ قاتناشتى. كىتاب تارقىتىش باشلانغاندا پىشقەدەم رەھبەر ۋە يازغۇچى، شائىرلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ياش ئەۋلادلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن كىتابلارغا ئىمزا قويدى.
---
---
---
---
---
2015-يىلى2-ئاينىڭ27-كۈنى |