بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Fedaiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-27 21:00
يازغانلىرىڭىز ھەقىقەت، «بىزدە مەسىلە يوق» دېگەن قىپقىزىل يالغان گەپ. بۇنى كۆپ قىسىم زىيالىلار ئوبدان بىلىدۇ.
ئېيتىلغان مەسىلىلەر: دىنى، سىياسى، ئىدىئولوگىيە، مائارىپ، تەرەققىيات، پەرزەنت تەربىيىسى ... قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن.
«مانا مۇشۇ مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش» بۇ يەردە باش قاتۇرۇشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم مەسىلە. ئەنە شۇ مەسىلىلەرنىڭ بىرىنى چىڭ تۇتۇپ: كېلىپ چىقىشى، تەرەققىيات ئەھۋالى، كەلگۈسى يۈزلىنىشى دېگەنلەرنى ئىلمىي شەرھىيلەپ چىقالىسىڭىز؛ ئەڭ مۇھىمى، ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقالىسىڭىز مېنىڭچە ھەممە ئۇيغۇر سىزنى زىيالى سۈپىتىدە بېشىدا كۆتۈرىدۇ.
بۇ ئۇزۇن، مۈشكۈل مۇساپە، سىزگە ئۇتۇقلار تىلەيمەن. (قاقشاش، ھامان مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئەمەس دەپ ئويلايمەن)
ئۈستىدىكى كۆك بۆرە، بۇ يەردە ھېچكىم، ھەمجىنىسۋازلىقنى، يەنەبىرنېمىنى تەشۋىق قىلمىدى. ئىلەشتۈرمىسىڭىزكەن قېرىندىشىم. |