قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2522|ئىنكاس: 19
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

جۇڭگو مائارىپى قانداق ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەك ؟(لاڭ شەنپىڭ)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

31

دوست

4800

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   93.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13250
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى: 175
تۆھپە : 1536
توردىكى ۋاقتى: 800
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 01:22:44 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
جۇڭگو مائارىپى قانداق ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەك ؟
لاڭ شەنپىڭ


    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىمتىھان نومۇر سىزىقى تۆۋەنرەك بولغاچقا ، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان كۆچمەنلەر "ئاپەت رايونى"غا ئايلىنىپ قالغان.ئاممىنىڭ پاش قىلىشىغاقارىغاندا خۇخۇت شەھەرلىك مائارىپ تارماقلىرى خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئىككى مەكتەپنى تۇيۇقسىزتەكشۈرگەندە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى نوپۇسىدا ئەمەس 690ئوقۇغۇچىنى بايقىغان ،بۇنىڭ ئىچىدە 590 نەپىرى مەكتەپتە يوق بولۇپ پەقەت رويىخەتتىلا ئىسمى بار ئىكەن ،مانا بۇلار تۈزەشكە تېگىشلىك "ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كۆچمەن"لىرى . شۇڭامەن دېمەكچى  مائارىپتا ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈنلائىسلاھات ئېلىپ بېرىلسا بولمايدۇ ، مائارىپنى كەسىپلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ بولمايدۇ ، بەلكى چوقۇم باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك ، مانا بۇ بارلىق ئىشلارنىڭ ئاساسى .  
    نۆۋەتتىكى  مائارىپ تۈزۈلمىسى باراۋەرلىككە ئىگىمۇ ؟
   دۆلىتىمىزدە "985"قۇرۇلۇشىغا(دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردىكى مەكتەپ قۇرۇش پىلانى)كىرگۈزۈلگەن مەكتەپتىن 39 ،211قۇرۇلۇشىغا (21-ئەسىردە پەن -تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ رىقابىتىگە جەڭ ئېلان قىلىش)كىرگۈزۈلگەن مەكتەپتىن 116 سى بار ، يۇقىرىقى مەكتەپلەر  ھەريىلى دۆلەتنىڭ مائارىپ خىراجىتىنىڭ 1%گە ئىگەبولىدۇ ، يەنى ئاۋۇ 39 مەكتەپ پۈتۈن ئالىي مەكتەپلەر خىراجىتىنىڭ 52.7% خىراجىتىنى خەجلەپ بولىدۇ دېگەن گەپ .  
بۇ 39 مەكتەپنىڭ 8 بېيجىڭدا ،4 شاڭخەيدە بولۇپ985قۇرۇلۇشىدىكى مەكتەپلەرنىڭ 31%نى ئىگىلەيدۇ، يەنە خېنەن ،خېبىي،جىياڭشى،شەنشى قاتارلىق 13ئۆلكىدە بىرمۇ يوق ، ئەمەلىيەتتە بىرەر ياخشى مەكتەپنىڭ بىرەر رايونداباش كۆتۈرۈپ تەرەققىي قىلىشى ھەم ھۆكۈمەتنىڭ 1%مالىيە تولۇقلىمىسىنى ئېلىشى دېگەنلەرمۇھىم ئەمەس ، مەسىلە شۇكى مۇشۇ مائارىپ خىراجىتىنى ئېلىپ ئۇلار قانداق ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلدى ؟
     تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بۇلىشىچە چىڭخوانىڭ25%ئوقۇغۇچىسى بېيجىڭ نوپۇسى ،فۇدەننىڭ 49%ئوقۇغۇچىسى شاڭخەي نوپۇسى ، جېجىياڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ69%ئوقۇغۇچىسى جېجىياڭ نوپۇسى ئىكەن ، ئەگەر بۇ مەكتەپلەر ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەرمالىيىسىدىن تولۇقلىما ئېلىپ شۇ شەھەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىلا قوبۇل قىلغان بولسا بۇنىڭغا مەيلىتتى ، ئامېرىكىدا ھەرقايسى شتاتلاردا قۇرۇلغان ئالىي مەكتەپلەر ئۆزى تۇرۇشلۇق شتاتتىن تولۇقلىما ئالىدۇ بىراق مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىردىن ئوخشاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ ، مەسىلەن : ئامېرىكىنىڭ مىچگان شتاتىدىكى مىچگان ئونۋېرستىتى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ ، ئەگەر سىز بىر مىچگان شتاتىدىن بولمىغان ئامېرىكىلىق بولسىڭىز مىچگان شتاتىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىغان ئوقۇش پۇلىنى ئۈچ ھەسسە كۆپ تۆلەيسىز ، مانا بۇنى ئادىللىق دەيمىز  . بىراق بىزنىڭ 985 قۇرۇلۇشىدىكى مەكتەپلەر  مەركەز مالىيىسىدىن تولۇقلىما ئېلىپ تۇرۇپ نېمىشقاپۈتۈن مەملىكەتكە ئىچىۋېتىلمەيدۇ ؟
    قوبۇل قىلىش نىسبىتىدىن قارىغاندا خېنەندە ھەر 100ئادەمنىڭ ئىچىدە 985قۇرۇلۇشىدىكى مەكتەپلەرگە ئۆتۈش نىسبىتى 0.7%بولۇپ ھەممىدىن تۆۋەن ، ھەممىدىن يۇقىرىسى شاڭخەي بولۇپ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى 4.75%يەنى خېنەنىڭكىدىن 6.6ھەسسە يۇقىرى دېگەن گەپ ، خېنەن ئاھالىسى يۈز مىليوندىن ئاشىدۇ بىراق شاڭخەيدە ئاران 20مىليون نوپۇس بار، يۈز مىليون نوپۇسنىڭ ئىچىدىن0.7%، 20مىليون نوپۇسنىڭ ئىچىدىن 4.75% ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلسا،ئەجەبا خېنەندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيىسى شاڭخەيگە يەتمەمدۇ ؟ ھەممىمىزگە ئايان نۇرغۇنلىغان جايلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيىسى ناھايىتى يۇقىرى ، مەسىلەن شەندۇڭنى ئالساق رىقابەت ناھايىتى كەسكىن بولۇپ ئالاھىدە يۇقىرى نومۇر ئالمىسا چىڭخوا قاتارلىق داڭلىق مەكتەپلەرگە كىرەلمەيدۇ  ، مانا بۇ قابىلىيەتلىكلەرنى شاللاش تۈزۈمى . ئەقىللىق،تىرىشچان بولمىسىڭىزمۇ كېرەك يوق  پەقەت توغرا جاينى تاللاپ تۇغۇلالىسىڭىزلا كۇپايە ،بولۇپمۇ بېيجىڭ ، شاڭخەي دېگەندەك جايلارنى.  نوپۇسنىڭ قەيەردە بۇلىشى بەك  مۇھىم ئەمەسمۇ.
     قارشى پىكىردىكىلەر : گواڭدۇڭ ئۆلكىسى پۈتۈن مەملىكەت مالىيە خام چوتىنىڭ سەككىزدىن بىرنى كۆتۈرىدىغان تۇرسا ،شاڭخەيمۇ شۇنداق كۆپ باج تاپشۇرىدۇ، ئۇلار باجنى جىق تاپشۇرغانىكەن نېمىشقا ئۇلارنىڭ باللىرىنى ئەڭ ياخشى مائارىپ تەربىيىسىدىن بەھرىمەن قىلمايمىز ؟ دېيىشىدۇ.  
بۇ گەپ ئاڭلىماققا دۇرۇستەك بىلىنىدۇ ،بىراق بىر بالا ئەگەر تەلىيى كاج كېلىپ چىڭخەي ، گەنسۇدا تۇغۇلۇپ قالسا قانداق قىلىدۇ ؟ بىرىنچى قەدەمدىلا ئۇتتۇرغان بۇلامدۇ ؟ بۇ شى رەئىسنىڭ باللار باش پەللىدىلا ئۇتتۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك دېگەن سۆزىگە توغرا كەلمەيدۇ  ، بالىدا نېمە گۇناھ ؟ ئۇ گەنسۇ ، خېنەن ، چىڭخەيدەتۇغۇلۇپ قالغانلىق سەۋەبلىك  ياخشى مەكتەپلەردەئوقۇيالمىسا قانداق بولغىنى ؟ گواڭدۇڭ ، شاڭخەيلەرنىڭ شۇنچىۋالا باجنى تاپشۇرغانلىقىدائاشۇ باللارنىڭ يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ شۇ يەرلەردە ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئاتا-ئانىلىرىنىڭمۇتۆھپىسى بار ئەمەسمۇ.  
ئۇنداقتا مائارىپ قانداق ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەك ؟
      مېنىڭچە بالا تۇغۇلغاندىن باشلاپلا ئەگەر يېتەرلىك ئەقىل ۋە تىرىشچانلىقىلا بولسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغان باراۋەر مۇئامىلىگە ئېرىشەلىسە بۇنىڭ ئۆزىنى باراۋەر مائارىپ تۈزۈلمىسى دەيمىز ، شۇڭا مائارىپ ئىسلاھاتى روھى مۇنداق ئۈچ شەرتكە ماس كېلىشى كېرەك.
    بىرىنچى : مەن بۇ يەردە جۇڭگوسىياسى-قانون ئۇنۋېرستىتىنىڭ مۇدىرى شۈمىڭشەننىڭ سۆزىنى نەقىل ئالماقچى "جۇڭگوسىياسى-قانون ئونۋېرستىتى بېيجىڭنىڭ ئەمەس جۇڭگونىڭ سىياسىي –قانۇن ئونۋېرستىتى شۇڭابىز رايونلارنىڭ نوپۇس نىسبىتىگە قاراپ ئوقۇغۇچى قىلىمىز ھەم ئاز سانلىق مىللەتلەررايونلىرىغا ئالاھىدە ئېتىبار قىلىمىز ."مېنىڭچە بۇنى ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. ھازىر يەنە نۇرغۇن مەكتەپلەر مۇشۇ يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ ، مەن بۇ خىل ۋەزىيەت ئۆزگەرمىسە دەيمەن.
     ئىككىنچى : مەن ياپونىيىنىڭ تۈزۈمىدىن پايدىلىنىشىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى يەنى پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە ئىمتىھان سوئالىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ، گۇاڭجۇ كۈندىلىك گېزىتىنىڭ 2014-يىلى 17سېنتەبىردىكى خەۋىرىگەقارىغاندا 80% تورداش ئىمتىھان سوئالىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى قوللايدىكەن ، بۇكىشىلەرنىڭ تەقەززاسى، ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى . بۇلتۇر 13-سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان"ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ ئۇقۇش ئىمتىھان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قۇيۇش پىكرى" دە مۇنداق بىر جۈملە بار" 2015-يىلى مەملىكەت بۇيىچە ئوخشاش ئىمتىھان سوئالى ئىلىنىدىغان ئۆلكىلەر كۆپەيتىلىدۇ"دېمەك بۇ ئىسلاھاتمۇباشلىنىپ كەتتى دېگەن گەپ ، مەن پەقەت قەدەمنىڭ چوڭراق ھەم تېزرەك ئىلىنىشنى ئۈمىدقىلىمەن.
    ئۈچىنچى : مەن ھەرقانداق شەكىلدىكى نومۇر قوشۇش ،كاپالەت بىلەن ئەۋەتىش ، مەكتەپ مۇدىرى تەۋسىيە قىلىش دېگەنلەرنى بىكار قىلىش پىكرىنى بېرىمەن . جۇڭگولۇقلار پارا بېرىشكە ، ئارقا ئىشىكتىن مېڭىشقائامراق ، ئازراقلا يوچۇق بولىدىكەن شۇ يەرنىڭ سېسىپ كېتىشىدە گەپ يوق .  2009-يىلى چۇڭچىڭدا 31نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ساختاماتېرىيال ياساپ نومۇر قوشتۇرغانلىق دېلوسى بىر تەرەپ قىلىندى ، بۇلارنىڭ 15سىنىڭ ئاتا-ئانىسى پارتىيىلىك رەھبىرى كادىر . خەلق تورىنىڭ 2014-يىلى 2ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە2009-يىلدىن 2014-يىلىغىچە پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە ئەليۇلئەلالارنىڭ 37.67% ئەنە شۇنداق نومۇر قوشۇشلارئارقىلىق يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەن ئىكەن . جۇڭگو ياشلار گېزىتى2014-يىلى 21ئىيۇل سانىدا بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە لىياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىشخانىسى تەنتەربىيىدە ئالاھىدىلىكى بارلىق ئىسپاتىنى بېجىرىشتەپۇتبول 40مىڭ ، سۇ ئۈزۈش 80مىڭ دېگەندەك باھالارنى بېكىتىپ بەرگەن ، شۇڭا ئەمدى بۇيوچۇقلارنى ئەتمىسەك بولماس.
    مەن بۇ ئۈچ شەرت ئارقىلىق مائارىپ ئىسلاھاتى روھىنىڭ باراۋەرلىككە قاراپ يول ئېلىشنى ، ھەرقانداق بىر  بالىنىڭ باش پەللىدىلا ئۇتتۇرۋەتمەسلىكىنى ، مەيلى قانداق جايدا تۇغۇلغان بولۇشىدىن  قەتئىنەزەرئاتا-ئانىسى باي ياكى نامرات ، ئەزىز ياكى پېقىر بولسۇن ھەرقانداق كەمسىتىشكە ئۇچرىماسلىقىنى ئۈمىدقىلىمەن  ، مانا بۇ بىزنىڭ ئۈمىدقىلىدىغىنىمىز.  

18

تېما

4

دوست

5226

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   4.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 359
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 1612
توردىكى ۋاقتى: 452
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 11:13:16 |ئايرىم كۆرۈش
ئىشقلىپ مائارىپ ئادىلىقى يوقالدى .  بىزنىڭ بۇ يۇرتىمۇ  تۇيۇقسىز ئىچكىردىن كېلىپ ئالى مەكتەپ ئىمتاھانى بېردىغان كۆپيىپ قالدى دىسە ، 2014-يىلى 3 ئوقۇغۇچى بېيجىڭ ئونىۋېرستىغا ، ئىككىسى چېڭخۇا ئونېۋىرستتىغا ئۆتۇپىتكەن ، نىمە ئىشتۇ بۇنداق ئوقۇغۇچى چىقىپ باقمغان دەپ سورسام ، ئەسلى بۇلار ئىچكىردىن كېىلىپ ئالى مەكتەپ ئىمتاھانغا قاتنشىپ نۇختلىق ئالى مەكتەپلەرىگە ئۆتكەرنلەركەن. ئەگەر بېيجىڭدا ئالى مەكتەپىكە قاتىناشقان بولسا شىنجاڭ ئونېۋىرستتىغا ئاران ئۆتەركەنتۇق . چۇنىكى ئاپتۇنۇم رايۇنمىزنىڭ نۇمۇر سىزىقى تۆۋەن دە ........ ئىچكىرنىڭ ھەققەتەن يۇقىرى .....
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

823

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   64.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33477
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 246
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 11:32:07 |ئايرىم كۆرۈش
چوڭقۇر ئويلۇنۇشقا تىگىشلىك مەسئىلە ئىكەن . شى رەئىسكە دوكلات قىلىش كىرەك .

0

تېما

0

دوست

948

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   89.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33827
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 280
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-1
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 12:30:43 |ئايرىم كۆرۈش

مائارىپنى مائارىپچى باشقۇرغاندىلا ئاندىن ھەقىقىي مائارىپ مەيدانغا كېلىدۇ...؟!

1

تېما

1

دوست

2024

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24648
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 608
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 12:52:53 |ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تىما بوپتۇ مائارىپنى چوقۇم ئىسلاھ قىلىش كىرەك مائارىپتا چوقۇم مائارىپقا مۇناسىپ ئادەملەر ئىشلىشى كىرەك كۈن ئۆتكۈزۈدىغان لاي غەزەللەر يىراقتۇرغاي

7

تېما

4

دوست

2518

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 734
توردىكى ۋاقتى: 163
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 13:11:15 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sheydai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-7 19:32  

ئويغا سالىدۇ.....

0

تېما

0

دوست

283

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   94.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17737
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 90
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-2
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 13:26:14 |ئايرىم كۆرۈش
ھەي بىزنىڭ مائارىپىمىزنى ئويلىسام كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىدىن بەك ئەنسىرەيمەن. شۇنداقلائابدۇقادىر داموللامدەك بوۋىلىرىمىزنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى ئەسلەپ قالىمەن.

0

تېما

2

دوست

2123

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22136
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 674
توردىكى ۋاقتى: 123
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 14:47:04 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   desertstorm تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-1 19:48  

ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز،رەھمەت. بولسا شى خەنبىڭنىڭ(گۇۋاڭدۇڭ تېلۋىزسيىدىكى لاڭ ئەپەندىمنىڭ نەزىردىكى ئىقتىساد پروگىراممىسىدا دۆلتىمىزنىڭ ھازىرقى باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى تۈزۈلمىسىدىن نومۇس قىلىپ نەخ مەيداندا ياش تۆككەن.) كىتاپلىرىغا دىققەت قىلىپ قويسىڭىز . مەن يېقىندا بۇ ئەپەندىمىنىڭ ئىككى قسىملىق چوڭ بىر كىتابىنى ئوقۇپ چىقتىم. ئىنچىكە نوقتىلارنى لاڭ شىيەنپىڭىدىن ياخشىراق يازىدىكەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )