بۇ يازمىنى ئاخىرىدا juxkun49 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-26 14:16
سېلىشتۇرما : مەھمۇد قەشقىرى ۋە بىز ئىبراھىم خۇدابەردى
مەھمۇد قەشقىرىنىڭ زامانىدا سەرەڭگە يوق ئىدى . كىشىلەر ياغاچنى ياغاچقا سۈركەپ مىڭبىر جاپادا ئوت تۇتاشتۇراتتى . لېكىن ھازىر بىزنىڭ سەرەڭگىگىمۇ ئانچە ئېھتىياجىمىز يوق .
مەھمۇد قەشقىرىنىڭ زامانىدا توكچىراق ،ھەتتا كىرسىن چىراقمۇ يوق ئىدى . بوۋىمىزنىڭ كەچلىرى لۇغەت تۈزگەندە ئىشلەتكىنى بەلكىم كالا يېغىدىن ياسالغان شام ئىدى . ئەمما ھازىر ئۆيلىرىمىزدە LED لامپۇچكىلىق قىممەت باھالىق چىراقلار بار ، بىر نەرسە يازىلى دېسەك 24 سائەت ئۆچۈپ قالمايدۇ .
مەھمۇد قەشقىرى ئۆزى يالغۇز ئات مىنىپ ياكى ئىشەك مىنىپ ھەتتا پىيادىمۇ مېڭىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بارلىق تۈركى قەبىلىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۈركى تىلىنىڭ سېلىشتۇرما تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان . ئەمما ھازىر دىيارىمىزدا ئات - ئېشەكنى ھېچكىم مىنمەيدۇ . نەگە بارىلى دېسەك ماشىنا ، ئايروپىلانلار تەييار .
مەھمۇد قەشقىرى كىتابخانا بولمىغاچ كىتاپ سېتىۋالالمايتتى . ئەمما بىز ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئامازوندىن كىتاپ ئەكەلتۈرەلەيمىز.
مەھمۇد قەشقىرىنىڭ قېرىنداش قەلىمىمۇ يوق ئىدى مېنىڭچە تۈركى تىللار دىۋانىنىمۇ قومۇش ياكى پەينى سىياھقا چىلاپ يېزىپ پۈتتۈرگەن . ئەمما ھازىر بىزنىڭ ماگىزىنلاردىكى ئېسىل قەلەملەرگىمۇ ئانچە ئېھتىياجىمىز يوق . بىزگە خەتنى كومپىيۇترنىڭ كۇنۇپكا تاختىسى يېزىپ بېرىدۇ .
مەھمۇد قەشقىرى تەخمىنەن 1000 يىل بۇرۇنقى شۇ كونا ، قالاق دەۋىردىلا دۇنيا خەرىتىسىنى سىزالىغان . ئەمما بىز بىرەر شەھەرنىڭ خەرىتىسىنىمۇ سىزىشىمىز تەس .
1000 يىل بۇرۇن مەھمۇد قەشقىرىنى زىيارەت قىلىپ نامىنى چىقىرىپ قويىدىغان مۇخبىرلار يوق ئىكەندۇق . شۇنداقتىمۇ ئۇ زات ئۈن - تۈنسىز مىللىتى ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرۈپتىكەن . ئەمما ھازىر قانچىمىز مىللەت ئۈچۈن رىياسىز ئەجىر سىڭدۈرەلەيمىز ؟
مەھمۇد قەشقىرىنىڭ مائاشى يوق ئىكەنتۇق . ھازىر قانچىمىز مىللەتنى بىكارغا سۆيەلەيمىز ؟ ..........
مەھمۇد قەشقىرى شۇ قىيىن شارائىتتا ئىلىم تەھسىل قىلىپ بىزگە ئەجرىنىڭ مېۋىسىنى قالدۇرۇپ كەتتى . ئۇنىڭ بىز تازا كۆزگە ئىلىپ كەتمىگەن ئاشۇ لۇغىتى ھازىرمۇ پۈتۈن دۇنيادىكى 200 نەچچە مىليۇن تۈركىي مىللەتنىڭ قېرىنداشلىق رىشتىسىنى باغلاپ تۇرۇۋاتىدۇ ۋە چەتئەلنىڭ مۇزىيخانىلىرىدا گۆھەر سۈپىدە ئەتىۋارلىنىپ ساقلىنىۋاتىدۇ . دېمەك بىز قەدرىنى قىلمىساق باشقىلار قىلىۋاتىدۇ .
ئوخشىمغان دەۋىر شارائىتىدا ياشىغان ئادەملەرنى ئۇلۇغلۇق، قالتىسلىق جەھەتتە ئۆز- ئارا سېلىشتۇرۇش توغرا ئەمەس .بىراۋنىڭمۇ ئۆزىنى قالتىسلىق جەھەتتە ئىلگىرىكىلەرگە سېلىشتۇرىشىمۇ ھەم شۇنداق .ئەگەر سېلىشتۇرۇش توغرا كەلسە ئاۋال دەۋىرنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى ، شارائىتى سېلىشتۇرۇلۇلۇشى لازىم . زامانىۋىيلىق بىلەن كونىلىق سېلىشتۇرۇلىشى لازىم . شۇندىلا كىمنىڭ ئۇلۇغ ، قالتىسلىقى ئايرىلىدۇ . بولمىسا سېلىشتۇرۇشتا ئادىللىق بولمايدۇ .
مىسال : خىرىستىئان ئەللىرىدە قەدىمقى رەسسام داۋىنچى بىلەن رافائىل چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىلىدۇ . لېكىن ھازىر داۋىنچى بىلەن رافائىلغا ئۇستاز بولغۇدەك داڭلىق رەسساملار ساماندەك . ئەمما نېمە ئۈچۈن يەنىلا مۇشۇ ئىككى رەسسامنىڭ شۆھرىتى يۇقىرى ؟ ئۇلارنىڭ شۆھرىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنىڭ سەۋەبى ئۇلار ئىلگىرىكى شۇ كونا ، قالاق جەمىيەتتە رەسساملىق ھۈنىرىنى يېتىلدۈرەلىگەن ۋە رەڭلىك بوياقلارنى ياساپ 《مونالىزا 》، 《ئافېنادىكى مەدرىستە 》قاتارلىق نادىر ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرەلىگەن . شۇڭا ئۇلارنىڭ نامى ئۆچمەي كېلىۋاتىدۇ. ھازىر ئىتالىيەدىكى ئەڭ داڭلىق ئائىلە سايمانلىرى ياساش زاۋۇتىغا داۋىنچىنىڭ ئىسمى قويۇلغان . ئۇلار ئەجدادىدىن پەخىرلىنىپ شۇنداق قىلغان .
يەنە بىرمىسال : ھازىر پۈتۈن دۇنيادا مىڭلىغان ئايروپىلان ياساش مۇتەخەسسىسى بار . ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئاكا - ئۇكا رايىتلارنى « ئۇلار ناھايىتى كەلسە بىر ئەبجەق ئايروپىلان ياسىغان » دەپ باقمىدى . ئەكسىچە ئۇلار رايىتلارنى چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىپ كەلمەكتە . چۈنكى ئاكا - ئۇكا رايىتلار شۇ كونا ، قالاق زاماندا 《تۆمۈرنى ئۇچۇرۇش 》تىن ئىبارەت مۆجىزە خاراكتىرلىك كەشپىياتنى بارلىققا كەلتۈرەلىگەن . دېمەك بىز ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار يولۇچىلار ئايروپىلانى A380 نىڭ لايىھىلىگۈچىسى جۈرگېن توماس بىلەن ئاكا- ئۇكا رايىتلارنى سېلىشتۇرالمايمىز . بىرلىرى تېخنىكا ئىنتايىن قالاق شارائىتتا ئايروپىلان ياساپ ئۇچۇرالىدى ، يەنە بىرى ھەممە نەرسە تېپىلىدىغان زامانىۋى دەۋىردە يېڭى بىر ئايرۇپىلان شەكلىنى لايىھەلىدى خالاس . شۇڭا بۇلارنىڭ تۆھپىسىدە ۋە قالتىسلىقىدا ئاسمان زېمىن پەرق بار .
خوش . ئۇنداق بولسا 1000 يىل بۇرۇنقى شۇ كونا ، قالاق دەۋىردىلا دۇنيا خەرىتىسىنى سىزغان ، نۇرغۇن يۇرت - ئايماقلارنى پىيادە كېزىپ ، چۆل - جەزىرىلەرنى كېچىپ تۈركى تىلى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان شۇ مەھمۇد قەشقىرىچۇ ؟ ئۇنىڭ شۇ دەۋىردىلا دۇنيا خەرىتىسىنى سىزالىشى ۋە شۇ دەۋىردە مىڭبىر جاپادا پۈتتۈرگەن شۇ لۇغىتى ئاشۇ دەۋىرگە نىسبەتەن مۆجىزە خاراكتىرلىك ئۇلۇغ ئەسەر ھېسابلىنىدىغان تۇرۇپ يەنە نېمە ئۈچۈن بىزگە ئەتىۋارلىق تۇيۇلمايدۇ ؟ بىز نېمە ئۈچۈن مەھمۇد قەشقىرىگە قايىل بولمايمىز ؟
بىر ئادەمنىڭ تەرەققىيات گۈللەنگەن زاماندا تۇغۇلۇپ ئىلگىرىكىلەرنىڭ زامانىدا بارلىققا كەلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئىلگىرىكىلەردىن قالتىس ، ئۇلۇغلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ .
شۇڭا بىز ئۆزىمىزنى ئۇلۇغلۇق ، قالتىسلىق جەھەتتە بۇرۇنقىلار بىلەن سېلىشتۇرمايلى . سېلىشتۇرساق ئۆز دەۋرىمىزدىكى ھايات قالتىس كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرايلى . ئۆزىمىزنى ئەجدادلىرىمىز بىلەن سېلىشتۇرغىمىز كېلىپ كەتسە ئاۋال ئۆزىمىز ياشىغان دەۋىر بىلەن شۇلار ياشىغان دەۋىرنى سېلىشتۇرايلى . بىزدىكى قولايلىق ، باياشاتلىق تۇرمۇش بىلەن ئۇلار كەچۈرگەن جاپالىق كۈنلەر ۋە قىيىنچىلىقلارنى سېلىشتۇرايلى . شۇندىلا بىز ئۇلارنىڭ جاسارىتىگە قايىل بولىمىز . بىز ئەجداتلىرىمىزنى ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك . چوڭقۇر ئېھتىرام بىلەن ياد ئېتىشىمىز كېرەك . ئۇلار بولغاچقا بىز بولالىغان . ئۇلار ھېچنىمىنى قىلالمىدى دېگەندىمۇ شۇ قاراڭغۇ زۇلمەتلىك يىللاردا چاڭلىشىپ كەتمەي ئېتىقادىدا مەھكەم تۇرالىدى ، ئازغۇن ياكى مۇرتەد بولۇپ كەتمەي بىزگە ھەقنى يەتكۈزۈپ بېرىپ دۇنيادىن كەتتى . بىزگە ياشاش يولىنى ئۆگىتىپ قويۇپ دۇنيادىن كەتتى . شۇڭا بىز ئۇلاردىن مىننەتدار بولۇشىمىز كېرەك . ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشىمىز كېرەك . بىزنىڭ تومۇرىمىزدا ئېقىۋاتقىنى شۇلارنىڭ قېنى !
2015-يىل 26- فېۋرال خەينەن سەنيا
|