قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1401|ئىنكاس: 15
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئاشىق –مەشۇقلار بايرىمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

39

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34427
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-24
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-24 23:04:58 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئاشىق –مەشۇقلار بايرىمى      


       بۈگۈن 14-فېۋرال ئاشىق –مەشۇقلار بايرىمى.ھاۋا ئوچۇق بولغان بىلەن نەشتەردەك ئۇرۇلغان سوغۇق جاندىن ئۆتەتتى.بايرام خوشاللىقىغا چۆمگەن قىز-يىگىتلەر چىرايلىق ياسىنىشىپ ،ئۆز ئاشىق-مەشۇقلىرى بىلەن كۆرۈشۈش تەقەززالىقىدا ئالدىرايتتى.كىچىككىنە سېۋەتكە لىققىدە قىزىل ئەتتىرگۈل سېلىۋالغان توققۇز ياشلار چامىسىدىكى سوغۇقتىن مەڭزىلىرى ئاناردەك قىزارغان ،ئۇچسىغا يوغان پاختىلىق چاپان كىيگەن، جۇغى كىچىك ،چىرايىدىن سەبىيلىكى يېغىپ تۇرىدىغان ئوماققىنە بىر قىز پىيادىلەر يولىدا سېۋىتىنى كۆتۈرگىنىچە ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە قاراپ، گۈلىنى تەڭلىگەچ نازۇك ئاۋازى بىلەن ؛
-قىزىل ئەتتىر گۈل ئېلىڭلار،قىزىل ئەتتىر گۈل ئېلىڭلار –دەپ چاقىراتتى. ئۇ توڭلاپ كەتكەن قوللىرىنى پاختىلىق چاپىنىنڭ ئىچىگە يوشۇرغان بولۇپ،سېۋىتىنى يەرگە قويۇپ ئۈمىد بىلەن ھەر يەرگە قارايتتى.
   -سىڭلىم گۈللەرنى قانچىدىن ساتتىڭىز؟-يىگىرمە ئىككى ياشلار چامىسىدىكى بىر يىگىت سېۋەتتىن بىر تال گۈلنى ئالدى ۋە قىزچاققا تىكىلدى.
   -بىر تېلى بەش يۈەن -،دېدى قىزچاق نازۇك ئاۋازى بىلەن ۋە چاپىنىغا ھىم تىقىۋالغان قوللىرىنى چىقىرىپ بەش بارمىقىنى كۆرسەتتى.يىگىت يانچۇقىدىن بەش يۈەن پۇلنى ئالدى –دە،قىزچاققا ئۇزۇتۇپ ،-ئوماق سىڭلىم سودىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن .-دىدى ۋە گۈلنى ئېلىپ يۈرۈپ كەتتى.قىزچاق بۇ تۇنجى سودىسىنىڭ ياخشى باشلانغانلىقىدىن بەكمۇ خۇرسەن بۇلدى.ئۇنىڭ بالىلارچە شېرىن خىيالى ئۇنى سۆيۈندۈرمەكتە ئىدى.
    -ئەگەر بۈگۈن مۇشۇنداق ياخشى ئاكا-ئاچىلار گۈللەرنىڭ ھەممىسىنى  سېتىۋالسا،مەن ئاۋۋال مومامغا دورا ئېلىپ بېرەتتىم .موماممۇ ساقىياتتى.يەنە پۇلۇم دورىدىن ئېشىپ قالسا ساۋاقداشلىرىمنىڭكىگە ئوخشاش سىياھ قەلەم ئالاتتىم،يەنە بىر نەچچە شاكىلاتمۇ ئېلىپ يېسەم نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى –ھە!قىزچاق شېرىن خىياللارنىڭ ھاياجانغا سېلىشى بىلەن ئاچچىق سوغۇقنى ئۇنتۇپ، تېخىمۇ روھلاندى بولغاي ئەتراپقا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتكەچ  خېرىدار چاقىرىشقا باشلىدى.بىردىن ئۇ ئۆزىدىن ئانچە يىراق بولمىغان ئالدى تەرەپتە 13-14 ياشلار چامىسىدىكى ئوغۇل بالىنىڭ گۈل سېۋىتىنى كۆتۈرۈپ كىشلەر ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ گۈلنى تەڭلەپ تۇرۇپ سېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.ئەنە ھايت-ھۇيت دېگىچە ئۇ بالا ئۈچ تال گۈلنى سېتىپ بولدى.
-ۋۇي ،بۇ ياخشى ئامالكەنغۇ؟مەنمۇ شۇنداق قىلايچۇ؟قىزچاق ئۆز-ئۆزىگە سۆزلىگەچ كىشلەر ئالدىغا قاراپ ماڭدى.
-ئاكا گۈل ئالامسىز؟-دېدى قىزچاق ئالدىدا كېلىۋاتقان بىر جۈپ قىز-يىگىتنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ-،يوقال،يوقال،قانداق نېمىلەر بۇ؟-دېدى يىگىت قىزنى سىلكىىشلەپ  .ئۇنىڭ بايىقى خوشاللىقى نەلەگىدۇر غايىپ بولدى.تۇنجى قېتىم باشقىلار تەرىپىدىن كۆڭلى ئازار يىگەن قىزچاقنىڭ چاناقلىرى ياشقا تولدى.
-نېمانداق قىلىسىز،كىچىككىنە بالىغا،-دېدى يىگىتنىڭ يېنىدىكى قىز يىگىتنىڭ قوپاللىقىنى ئەيىپلەپ.
-كۆرمەيۋاتامسز،يۇز قەدەم كەلمەيدىغان يەرگە كەلگۈچە بەشىسى توسۇپ بولدى ئادەمنىڭ يولىنى ،بۇ بىرنېمىلەر چىۋىنغا ئوخشاش بىزار قىلىۋاتسا .
-بۈگۈن بايرام  ئەمەسمۇ،ئۇلارمۇ پۇل تاپايلى دېگەندۇ،مۇشۇ سوغۇقتا بۇكىچىككىنە  قىزغا بۇنچە رەھىمسىزلىك قىلماڭ،مەن باغرى تاش ئادەملەرنى يامان كۆرىمەن.-دېدى قىز يىگىتكە تەئەددى بىلەن.
-كەچۇرۇڭ مەن خاتا قىپتىمەن ،-دېدى يىگىت  ئوڭايسىزلىنىپ.
-كەچۇرۇمنى مەندىن ئەمەس مۇشۇ ئۇكامدىن سوراڭ-دېدى قىز يىگىتكە .
-ھە راست ماڭا ئېلىپ بېرىمەن دېگەنتىڭىز ،مۇشۇ ئۇكامدىنلا ئېلىپ بېرىڭ.ماڭا بەش تال گۈل كېرەك.-دېدى قىزچاققا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.يىگىت قىزچاقنىڭ سېۋىتىدىن بەش تال گۈل ئالدى .ۋە قىز دوستىغا قاراپ:
-نېمە قىلىسىز بەش تال گۈلنى؟
-بىرنى دادامغا بېرىمەن ئاپامغا بېرىدۇ،بىرنى ئاكامغا بېرىمەن يەڭگەمگە بېرىدۇ.ئۆيدە يەنە ئىككى سىڭلىممۇ بار  ئۇلارغىمۇ بىردىن بېرىمەن. ئۆزۈم بىرنى ئېلىپ قالىمەن.گۈل دىگەن كۆڭۈل –دېدى قىز جاۋابەن.
-مەن ئەسلى گۈلخانىدىن ئېسىل ئورالغان بىر دەستە گۈل ئېلىپ بېرەي دېگەنتىم،يەنە شاكىلاتمۇ بار..
-سوغات قىممىتى بىلەن ئەمەس بەلكى مەنىسى بىلەن گۈزەلدۇر.مانا مەنمۇ گۈلگە ئېرىشتىم،بۇ سىڭلىممۇ گۈلىنى سېتىپ خوشاللىققا ئېرىشتى،سوغۇقتا بالدۇراق قايتالايدىغان بولدى.خوشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بولۇشتىن ئارتۇق تاتلىق شاكىلات يوق...-يىگىت خىجالەتتىن قىزاردى،كېيىنكى ھەمرايىنىڭ مېھرىبانلىقىدىن سۆيۈندى.ۋە يىنىدىن 50 يۈەن چىقىرىپ ئۇ قىزچاققا تۇتقۇزدى.
-كەچۈرۈڭ سىڭلىم،بايا مەن خاتا قىلدىم ،ئاشقان پۇلنى قايتۇرماڭ ،بالدۇراق سېتىپ بولۇشىڭىزنى تىلەيمەن،-دېگىنىچە خوشلىشىپ يۈرۈپ كەتتى.
قىزچاق بىردە ئاچچىق بىردە تاتلىق ئىككى خىل تۇيغۇنىڭ ئارىسىدا گاڭگىرماقتا ئىدى.
-گۈل دېگەن ياخشى نەرسە ئىكەندە،ھەممە ئادەم گۈل بەرسە خوش بولىدىكەن،ئەمىسە مەنمۇ مومامغا بىر تال ئالغاچ كېتەيچۇ؟موماممۇ خوش بولۇپ كەتسۇن...قىزچاق شۇ خىياللىرىنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى.لېكىن بۇ قېتىم باشقىلارنىڭ ئالدىغا بېرىشتىن رايى قايتتى. ئاۋالقىدەكلا سېۋىتىنى ئالدىغا قويۇپ خېرىدار چاقىرىشقا باشلىدى.يىراقتىن بۇ قىز بىلەن تەڭ دېمەتلىك بىر قىز ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى .ۋە مۇلايىملىق بىلەن:
قىزىم گۈلىڭىزنى نەچچە ساتتىڭىز؟-سورىدى قىزچاقنىڭ دادىسى مۇلايىملىق بىلەن.
-بەش يۈەن .
-ئەمىسە قىزىم گۈلىڭىز دىن ئىككىنى ئالاي –دېگىنىچە قىزغا ئون يۈەن پۇل بەردى.
-دادا،گۈلدىن بىرنى ئاپامغا بەرسىڭىز،يەنە بىرنى كىمگە بېرىسىز؟-دەپ سورىدى قىزى ھەيرانلىق بىلەن.
-ئەلۋەتتە سىزگە بېرىمەن ئوماق  قىزىم،-دېدى دادىسى قىزىنىڭ  بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ ۋە گۈلنى قىزىغا بەردى.
-بالام ،سىزنىڭ خۇددى مۇشۇ گۈلدەك ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىنى رام قىلىدىغان ئوبدان بالا بولۇشىڭىزنى تىلەيمەن-دېدى دادا مېھرى بىلەن.ئۇلار خوشال ھالدا يولىغا راۋان بولۇشتى.قىزچاق ئۇلارغا ھەۋەس بىلەن بىلەن قارىغىنىچە يەنە خىيالغا پاتتى.
-مېنىڭمۇ دادام بولغان بولسا ،مېنىمۇئوماق قوزام دېگەن بولاتتى. مەنمۇ شۇ قىزدەك خوشال يۈرگەن بولاتتىم –ھە..
قىزچاقنىڭ دىمىقى زىڭڭىدە قىلدى-د،ئىككى تامچە ياش چاناقلىرىدىن ئاستا دومىلاپ چۈشتى.قىزچاق چاپىنىنىڭ يېڭى بىلەن كۆزلىرىنى سۈرتتى.ئۇنىڭ پۇتلىرى توڭلاشقا باشلىدى.ئۇ پۇتلىرىنى بىر-بىرىگەيىنىك  ئۇرۇپ يەنە خېرىدار چاقىرىغاچ ئەتراپقا تەلمۈرىدى.بۇ  ئۇتۇنجى قېتىم سودا قىلىشى. بىرىدە سېۋىتىگە قارىسا بىرىدە كىشلەرگە تەلمۈرەتتى.
-گۈللەر شۇ پېتى تۇرىدىغۇ؟ قاچانمۇ سېتىپ تۈگىتەرمەن؟دېگەن بۇ ئوي ئۇنى تەقەززا قىلماقتا ئىدى.مومىسىنىڭ ئۆت ياللۇغى قوزغىلىپ قالغان بولۇپ ،ئىككى كۈندىن بېرى ئۆيدە ياتىدۇ.ئۇلار مەھەللە كومىتىتىدىن بەرگەن ياردەم پۇلى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرەتتى. بۇ ئايلىق ياردەم پۇلىنى تارقىتىدىغانغا خېلى كۈن بار. بىر دىن بىر قېرىندىشى ياشىنىپ قالغان مومىسىنىڭ ئاغرىپ قىلىشى ،ئۇ قىزنى غەيرەتكە كەلتۈرۇپ ،بۇگۈنكى تۇنجى سودىسىنى باشلىغانىدى.چۈنكى بۈگۈنكى كۈننىڭ ئالاھىدە كۈن ئىكەنلىكىنى،گۈل سېتىپ نۇرغۇن پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى خوشنىسىدىن ئاڭلىغانىدى.قىزچاق مۇشۇلارنى ئويلاپ ئۆز-ئۆزىگە مەدەت بەرمەكتە .
-نەفىسە،-قىزچاق ئالدىدا تۇرغان سىنىپ مەسئۇلىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى.-نېمە سىزمۇ تىجارەت قىلىۋاتامسىز ؟-دېدى نادىرە مۇئەللىم قىزچاققا تىكىلىپ تۇرۇپ.
-مومام ئاغرىپ قالغان،مۇئاشى چىقىدىغانغا خېلى كۈن بار.خوشنىمىز گۆھەر ئاپام بۇ گۈللەرنى سېتىپ ،مومىڭىزغا دورا ئېلىپ بېرىڭ دېگەنىدى.شۇڭا...-قىزچاق خۇددى ئەيىپ ئىش قىلىپ قويغاندەك بېشىنى يەردىن كۆتۈرمىدى.
-شارائىتىڭلار نى خېلى ياخشى دەپ ئويلاپتىمەن.نەچچە رەت قىيىنچىلىقى بار ساۋاقداشلار قول كۆتۈرۈڭلار دېسەم سىز بىرەر قېتىممۇ ئېغىز ئاچمىغانغۇ؟-دېدى مۇئەللىم ھەيرانلىق بىلەن.
-مومام،ھەدېسىلا قىيىنچىلىقىم بار دەپ سۆزلەپ  يۈرسەك بولمايدۇ،ساۋاقداشلىرىڭىز كۆزگە ئىلمايدۇ. ئادەم دېگەن غورۇرى بىلەن ياشىشى كېرەك،مەنىۋى كەمبەغەللىكتىن روھى جەھەتتىكى كەمبەغەللىك بەك يامان،ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقىلارغا تايىنىۋىلىش ياخشى ئادەت ئەمەس.ئۆز كۈچىڭىزگە تايىنىپ ياشاشنى ئۈگىنىشىڭىز كېرەك،دېگەنتى.شۇڭا مەن ...
-سىز مومىڭىز بىلەن بىللە تۇرامسىز؟ئاتا-ئانىڭىزچۇ؟
-دادام بىلەن ئاپام كىچىكىمدە ئاجرىشىپ كەتكەن.ئاپام كېيىن توي قىلىپ يىراق شەھەرگە كەتتى.مومامنىڭ دەپ بېرىشىچە ئاپامنىڭمۇ تۇرمۇشى قىيىنچىلىق ئىكەن.شۇڭا كېلەلمەيدىكەن.مەن دادامى كۆرۈپ باقمىغان ،بوۋام بار چاغدا تۇرمىشىمىز خېلى ياخشى ئىدى.بوۋام ساتىراچخانا ئاچاتتى. بۇلتۇر تۇگەپ كەتتى.ئىككى تاغام ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتتى.ھازىر مومام ئىككىمىز قالدۇق.مومام باشقىلاردىن پۇل قەرز ئېلىشنى ياختۇرمايدۇ.خوشنىمىز گۆھەر ئاپام گۈل دۇككىنى ئاچىدۇ.ئەتتىگەندە مېنى دۇككانغا ئېلىپ بېرىپ بۇ گۈللەرنى بەردى.خىراجەت قىلىڭلار دېگەن.شۇڭا..
قىزچاق گېپىنى توختىتىۋالدى.چۈنكى مۇئەللىمنىڭ كەينىدە بىر يىگىت ئۇلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىپ تۇراتتى.
-كىچىككىنە بۇ بالىنىڭ بىشىغا كەلگەن بۇ ئېغىرچىلىققا قارىمامدىغان –دېدى يېگىت ئاستا پىچىرلاپ .بۇيىگىت نادىرە مۇئەللىمنىڭ يىگىتى ئىدى.
-توۋا،مەن بۇ ئەھۋاللاردىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئىكەنمەن.-دېدى نادىرە مۇئەللىم ئۆزىنى ئەيىپلىگەن ئاھاڭدا.
يىگىت قىزچاقنىڭ سېۋىتىدىن بىر تال گۈلنى ئالدى-دە،قىزچاققا:
-سىڭلىم،بۇ گۈلنى مۇئەللىمىڭىزگە سوۋغا قىلاي.-دېگىنىچە قىزچاقنىڭ قولىغا 100يۈەن تۇتقۇزۇپ قويدى.
-بۇ مۇشۇ گۈلنىڭ پۇلى.پۇل قايتۇرماڭ.بالدۇر قايتىپ مومىڭىزغا دورا ئېلىپ بېرىڭ.بولامدۇ؟-دېدى چوڭقۇر ھېسداشلىق بىلەن قىزچاققا تىكىلىپ تۇرۇپ.
-نەفىسە،مەن ئەتە ئۆيۈڭلارغا بارىمەن.ھاۋا بەك سوغۇق.ئىمكان بار بالدۇر قايتىڭ،ھە راست كىيىملىرىڭىز قېلىنمۇ؟-سورىدى نادىرە مۇئەللىم .
-كىيىلىرىم قېلىن ،توڭلىمىدىم مۇئەللىم.-دېدى قىزچاق جاۋابەن.
-ئەمىسە ئەتە كۆرۈشەيلى-دېدى قىزچاق بىلەن خوشلىشىپ.
-مۇئەللىم،-دېدى قىزچاق بىر تال گۈلنى قولىغا ئېلىپ.-بۇنى سىزگە سوۋغا قىلاي،ماڭا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭىزگە رەھمەت.قىزچاق پېئونېرلار سالىمى بىلەن مۇئەللىمگە گۈلنى سۇندى.ئۆزىنى ئاران تۇتىۋالغان مۇئەللىم قىزچاقنى  باغرىغا چىڭ باستى ۋە مەڭزىگە مېھرى بىلەن سۆيۈپ قويدى.ئۇنىڭ چاناقلىرى نەملەنگەن ئىدى.
-بلدۇراق قايتىڭ جۇمۇ-ئۇ بۇ سۆزلەرنى خۇددى بوغۇزىغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك ئاران تەستە ئېيتالىدى ۋەتېز-تېز مېڭىپ قىزچاقتىن ئۇزاپ كەتتى. قىزچاق گۈل سېۋىتىنى كۆتۈرۈپ ئالدىغا قاراپ ماڭماقتا.چۈنكى بىر جايىدا تۇرېۋىرىپ پۇتلىرى توڭلاپ كەتتى،شۇڭا ئۇ مېڭىشى كېرەك.ئۇ ئەتراپقا قاراپ گۈل ئالىدىغان كىشى بارمىدۇ دېگەندەك تەلمۈرۈشتە ماڭماقتا.قوللىرىدا گۈل تۇتۇشقان قىز-يىگىتلەر چىرايىدىن تەبەسسۇم ياغدۇرۇپ خوشال ھالدا ئۇياق-بۇياققا ئۆتۈشمەكتە.ئۇنىڭغا ھەممە ئادەم خوشالدەك،خوشاللىق ئىنسانلار ئارىسىغا چېچىلغاندەك تۇيۇلماقتا.ئۇ ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنى چۈشەنمەيدۇ،ئۇنىڭ گۆدەك قەلبىدە بۈگۈنكى بايرام ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىگە گۈل تەغدىم قىلىدىغان كۈن،ئۇنداقتا ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى كىمۇ؟مومىسىمۇ؟راست،ئۇ مومىسىنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدۇ،دادىسىنى غايىبانە سېغىنىدۇ.ئۇ مومىسىدىن دادىسىنىڭ رەسىمىنىڭ بار-يوقلىقىنى،بىر كۆرۈش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتقاندا،مومىسى:
-ئۇلار ئاجراشقىندا ئاپىڭىز ھەممە رەسىملەرنى كۆيدۈرىۋەتكەن ،دادىڭىزنىڭ رەسىمى يوق.-دەپ جاۋاپ بەرگەنىدى-
-دادام-ئاپام نېمىشقا ئاجرىشىپ كەتكەن؟دەپ بېرىڭە جىنىم موما-دېگىنىدە-سىز چوڭ بولغاندا چۈشىنىپ قالىسىز،قىزىم-دېگەن مۈجۈمەل جاۋاپقا ئېرىشكەنىدى.شۇڭا ئۇ بالدۇراق چوڭ بولسام دەيتتى.ئۇنىڭ گۆدەك قەلبىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئايرىلىپ كېتىشى بىر سىرلىق تۈگۈن بولۇپ قالغانىدى...ئۇنىڭ ئۆز ئاپىسى يىراقتا،خۇددى ئۇ ئۆز بالىسى ئەمەستەك،ئاچچىق تولغاقتا باغرىنى يېرىپ چىقمىغاندەك ئۈچ يىلدىن بېرى بىرەر قېتىممۇ كېلىپ ئۇنى كۆرۈپ باقمىدى.خەتمۇ يازمىدى.ئۇ ئاپىسىنى بەكلا سېغىندى.لېكىن يەنىلا سېغىنمىدىم دەيدۇ.ئۇ مۇشۇنداق ئۆزىنى ئالداش بىلەن مىسكىن قەلبىگە تەسەللىي تاپماقچى،كۈنلەرنى ئايلارغا ئۇلىماقچى...
سائەت ئىككىلەردىن ئاشقان چاغ،قىزچاقنىڭ قورسىقى ئېچىپ ماغدۇرى قىسىلدى.قورسىقى بەك ئاچتىمۇ ياكى بەك توڭلاپ كەتتىمۇ توختىماي تىتىرەشكە باشلىدى.دېمىسىمۇ ئەتراپنى سۇس بىر قەۋەت تۇمان قاپلىغانىدى.سېۋەتتىكى گۈللەر تېخى خېلى بار .ئۇ ئەتراپقا قاراپ بىرەر نەرسە يېيىشنى ئويلىدى،ئانچە يىراق بولمىغان يەردە بىر بوۋاينىڭ ھارۋىدا نان سېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى.ئۇ نان ئالماقچى بولۇپ يانچۇقىغا قولىنى سېلىپ پۇلىنى چىقاردى،بەش يۈەنلىك،ئون يۈەنلىك،50يۈەنلىك 100يۈەنلىك ئۇ پۇللارنى پارچىلاشنى خالىمىدى بولغاي ئارقىسىغا بۇرۇلدى.
-قىزىم،بىردىن ئۇنىڭ قېشىدا خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەك پوزۇر كىيىنگەن 35ياشلار چامىسىدىكى بىر كىشى ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.ئۇنى كۈلۈمسىرەپ تۇردى دېگەندىن يېغلامسىراپ تۇردى دېگەن تۈزۈك.چۈنكى ئۇنىڭ چاناقلىرىدا لىق  ياش بالىقتى.ئۇ كۆز يېشىنى زورىغا بېسىۋاتقاندەك بىر ھالەتتە ئىدى.
-گۈل ئالامسىز تاغا؟-دېدى قىزچاق ئۇ كىشىگە ئۈمۈتلىك قاراپ.
-شۇنداق گۈل ئالىمەن،گۈل ئالىمەن.
-قانچىنى ئالىسىز؟
-ھەممىىنى ئالىمەن،ھەممىسىنى..
-ئەمىسە ساناپ بېرەيمۇ؟
ماقۇل ،لېكىن گۈلنى يەرگە قويسىڭىز بولمايدۇ،ئاۋۇ ئۇدۇلىمىزدىكى ئاشخانىغا كىرىپ ئۈستەل ئۈستىدە ساناپ بېرىڭ بولامدۇ؟
-ماقۇل،-دېدى قىزچاق كۆپ ئويلانمايلا.ئاشخانا ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا ،قىزچاق گۈل سالغان سېۋىتىنى كۆتۈرۈپ  ئۇ كىشى ئاشخانىغا كىرىپ كەلدى.ئىشتىھاسى غىدىقلىدىمۇ ئېيتاۋۇر ئۇنىڭ قورسىقى غورۇلداشغا باشلىدى.
-قىزىم ،ماۋۇ ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇرايلى-دېدى ئىللىق چىراي بىلەن ۋە –ئاۋۋال ئىككمىز بىرگە تاماق يەيلى ئاندىن مەن گۈللىرىڭىزنى سېتىۋالاي بولامدۇ؟
ياق.سىز گۈللەرنى سېتىۋىلىڭ.مەن ئۆيگە قايتىپ مومام بىلەن يەي.مومام تونىمىغان كىشىنىڭ نەرسىنى ئالماڭ،بىرەر نەرسە بەرسە يىمەڭ دېگەن-دېدى قىزچاق سەل قورۇنۇپ.     
-مەن ناتونۇش ئەمەس قىزىم،مەن سىزنى ،مومىڭىزنى،ئاپىڭىزنى ھەتتا دادىڭىزنىمۇ تونۇيمەن،بىز دېگەن تونۇش بالام –دېدى ئۇ كىشى قىزچاقنىڭ بىشىنى مېھرى بىلەن سىلاپ تۇرۇپ.
ئەمىسە دەپ بېقىڭە؟-دېدى قىزچاق ئىشەنمىگەن تەرىزدە.
سىزنىڭ ئىسمىڭىز نەفىسە،مومىڭىز بولسا زەينەپخان،ئاپىڭىزنىڭ بولسا ئايجامال،دادىڭىزنىڭ ئىسمى ئەختەم.توغرىمۇ؟
ۋاي ،سىز راستىنلا بىلىدىكەنسزغۇ؟-قىزچاقنىڭ كۆزلىرى خوشاللىقتىن باشقىچە نۇرلىنىپ كەتتى.
-مەن سىزنىڭ دادىڭىزنىڭ يىقىن دوستى تۇرسام ،مەن دادىڭىز سىزنى كۆرۈپ كېلىشكە ئەۋەتكەن تۇرسا-دېدى ئۇ كىشى كۆزلىرىنى قىزچاقتىن قاچۇرۇپ ۋە:
-سىز قايسى تاماققا ئامراق قىزىم-بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا ئۇنىڭ ئاۋازى تىتىرمەكتە ئىدى.
-مەن پولۇ بىلەن كاۋاپقا بەك ئامراق-دېدى قىزچاق خوشاللىق بىلەن.ئۇلار بىللە تاماق يىدى.ئۇ كىشىنى يىدى دېگەندىن كۆرە يىگۈزدى دىگەن تۈززۈك.ئۇ قىزچاق بىر ياقتىن مەززە بىلەن كاۋاپ يىگەچ بىر ياقتىن توختىماي دادىسى توغرىسىدا سورايتتى.
-مېنىڭ دادام ئېگىزمۇ،پاكارمۇ؟چىرايى قانداق؟سېمىزمۇ؟مەن دادامغا ئوخشامدىكەنمەن ؟دادام ھازىر نەدە؟  نېمىشقا مېنى ،مومام ئىككىمىزنى كۆرگىلى كەلمەيدۇ؟-دېگەندەك سوئاللار نى توختىماي سورايتتى.ئۇ كىشى بولسا ھەربىر سوئالغا شۇنچە تەستە جاۋاپ بېرەتتى.دىماقلىرى قىرىلدى،ھازىرلا يىغلايدىغاندەكلا قىلاتتى.قىزچاق گۈللىرىنى سانىدى.جەمىئي 23تال قىزىل ئەتتىرگۈل بار ئىدى.ئۇ گۈللەرنى قايتا سېۋەتكە سېلىپ يەنە سورىدى.
-تاغا،سىز راستىنلا دادام بىلەن كۆرۈشەلەمسىز؟
-ھەئە،قىزىم،قانداق دەيسىز؟
-دادامنى بەك سېغىندىم،ئۇنىڭغا سوۋغا بېرەي دېگەن –دېدى قىزچاق سېۋەتتىن ئىككى تال گۈلنى ئالدى.
-بۇ گۈلنىڭ بىرسىنى مومانغا سوۋغا قىلاي ،يەنە بىرسىنى دادامغا سوۋغا قىلاي،سىز يەتكۈزۈپ بېرىڭ، بۇ گۈللەرنىڭ پۇلىنى تۇتىۋىلىڭ تاغا،بولامدۇ؟-دېدى قىزچاق تاتلىق كۈلۈمسىرىغىنىچە.
-دادام بىلەن قاچان كۆرۈشەلەيمەن؟ ئۇ مېنى كۆرگىلى كېلەمدۇ،تاغا؟
-كىلەر يىلى بۈگۈنكى –دېدى ئۇ كىشى قىزچاققا چوڭقۇر مېھرى بىلەن تىكىلىپ .-لېكىن بىر شەرت ،سىز مەن بىلەن پات-پات كۆرۈشۈپ تۇرىسىز،مەن مەكتىپىڭىزگىمۇ بارىمەن ،دوسلىتىڭىزغا مېنى دادام دەپ تونۇشتۇرۇڭ بولامدۇ؟
قىزچاق ھەيرانلىق ئىچىدە ئۇ كىشىگە تىكىلدى.
-نېمىشقا تاغا؟مەن يالغان ئېيتسام بولمايدۇ.-دېدى قىزچاق تۇمشىقىنى ئۇچلاپ.
-بۇ دېگەن شەرت ،دادىڭىزنى بالدۇراق كۆرگىڭىز يوقمۇ؟
-ئەلۋەتتە بار
-ئەمىسى ياخشى،قىنى بۇنى ئېلىڭ –دېگىنىچە يانچۇقىدىن بىر لىپاپنى ئېلىپ قىزچاقنىڭ چاپىنىنىڭ ئىچ يانچۇقىغا سالدى.ۋە:
-قىزىم ،بۇ نىڭ ئىچىدە بەش مىڭ يۈەن پۇل بار.مومىڭىزغا بېرىڭ.دادىڭىز ئەۋەتكەن پۇل .تۇرمۇشۇڭلارغا ياردىمى بولىدۇ.مانا ماۋۇ 215يۈەن مەن سېتىۋالغان گۈلنىڭ پۇلى،سانىۋېلىڭ.
-ياق،ئون يۈەننى تۇتىۋىلىپ 205يۈەن بېرىڭ تاغا.-دېدى قىزچاق .
ئۇلار بىرلىكتە ئاشخانىدىن چىقتى.قىزچاق قولىدىكى گۈلنى مېھرى بىلەن سۆيۈپ ئۇ كىشىگە ئۇزاتتى.
-تاغا بۇ گۈلنى دادامغا بېرىپ قويۇڭ،مەن بۇ گۈلنى سۆيۈپ قويدۇم،دادام پۇرىسا ،مەن ئۇنى سۆيۈپ قويغاندەك بولىمەن ،چوقۇم مېنى سېغىنىدۇ.خوش تاغا ...
قىزچاق بىر تال گۈلنى تۇتقىنىچە يۈگۈرۈپ كىشلەر توپى ئىچىگە كىرىپ كەتتى.بىر قولىدا گۈل سېلىنغان سېۋەت،يەنە بىر قولىدا قىزچاق قىزچاق بەرگەن گۈلنە چىڭ تۇتقان ئۇ كىشى،قىزچاقنىڭ قارىسى يۈتكىچە قاراپ تۇردى.ۋە قىزچاق دادىسىغا سوۋغا قىلغان گۈلنى ئىچ-ئىچىدىن پۇراشقا ،سۆيۈشكە باشلىدى.ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلمەكتە، ھىجران ئازابى ئاچچىق قىينىماقتا ئىدى.ئۇنىڭ گۈل بەرگىگەتامچىغان كۆز ياشلىرى خۇددى شەبنەمدەك جۇلالايتتى...
-
                                      ئېلنۇر ئابدۇرىھىم.

0

تېما

1

دوست

1531

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   53.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27636
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 482
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 07:36:56 |ئايرىم كۆرۈش
呵呵,,,ئاشۇق-مەشۇقلار بايرىمى  ؟
نېمە دىمەكچىكىن……؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

10

تېما

16

دوست

8909

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   78.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15861
يازما سانى: 890
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 2650
توردىكى ۋاقتى: 659
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-13
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 10:11:25 |ئايرىم كۆرۈش
خىلى يوقىغانتى  بۇ  ‹زەيپانە› لەرنىڭ  گىپى  .   
يەنە  باشلىنىپتۇ .

0

تېما

19

دوست

3994

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   66.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14768
يازما سانى: 437
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 1155
توردىكى ۋاقتى: 197
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-4
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 11:15:53 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ بايرام نۇرغۇنلىغان قىزلارنى كىرەكتىن چىقىرىدۇ .

1

تېما

9

دوست

2151

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22990
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 648
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-11
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 11:57:33 |ئايرىم كۆرۈش
ھېكايىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى يەنى بىر سەبىي قىزچاقنىڭ مومىسىغا دورا ئېلىشقا پۇل تېپىش ئۈچۈن گۈل سېتىشى، ھەم بۇ جەرياندا يولۇققان ئاددىي بولسىمۇ تەسىرلىك ۋەقەلىكلەر ياخشى يورۇتۇلۇپتۇ.
ئەمما ئاپتۇرنىڭ بۇ خىل ئالىيجاناپ مېھىر-مۇھەببەتنى نېمە ئۈچۈن بولمىش «ئەركەك-چىشىلار بايرىمى»(مەن بۇ ئاتالمىش «بايرام»نى شۇنداق چۈشىنىمەن، بۇ سۆز ئاپتۇرغا قارىتىلمىدى)غا باغلاپ بايان قىلغانلىقىنى چۈشىنەلمىدىم. مېنىڭچە بۇنى باشقا مۇۋاپىق بايراملار ئارقىلىقمۇ يورۇتقىلى بولاتتى.

قىزچاققا بەش مىڭ يۈئەن بەرگەن ھېلىقى ئادەمنى قىزچاقنىڭ ئەسلى دادىسىمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.

0

تېما

1

دوست

1242

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   24.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28894
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 388
توردىكى ۋاقتى: 123
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-6
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 12:32:54 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسلى بايراملارنى دىسىمۇ بولاتتىغۇ

1

تېما

0

دوست

167

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   55.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32657
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 52
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-25
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 14:40:41 |ئايرىم كۆرۈش
نىمىشقا تونۇشلۇق بەرمىگەندۇ؟ قانداق يۈرىكى چىدىغاندۇ؟

0

تېما

1

دوست

1138

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33156
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 338
توردىكى ۋاقتى: 78
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 14:57:05 |ئايرىم كۆرۈش
كۆزلىرىمگە لىق ياش كەلدى ، ھەقىقەتەن تەسىرلىككەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )