- تىزىملاتقان
- 2014-12-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2346
- نادىر
- 0
- يازما
- 235
ئۆسۈش
  11.53%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sheydai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-27 11:11
akram129 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 12:55 
ئويلىنىشقا تىگىشلىكىمىز ئۈزمىزنىڭ كەلگۈسى ، كەلەگۈسى ...
رۇسسىيە ئىمپرىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىيلەرنى بېسىۋېلىشتىن بۇرۇن، روسسىيەنىڭ ئورېنبۇرگ ئوبلاستى تەۋەسىدىن كىچىك جۈزنىڭ بىر قورچاق ئەمەلدارىنىڭ ئوغلى بولمىش ۋەلىخانوف شوقان شىنگىسوۋىچ دەيدىغان يەنى چوقان ۋەلىخانوف دەيدىغان مىللىي مۇناپىقنى ھەربىي مەكتەپتە ئالاھىدە تەربىيىلەپ ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆپ قېتىم ئەۋەتىپ، تۈركىيلەرنىڭ ئاساسلىق ئەھۋاللىرىنى يەنى ئىقتىسادىي، سىياسىي، جەمىيەت ئەھۋالىنى تەلتۆكۈس ئىگەللەپ قارا قولىنى سۇنۇشتىن بۇرۇن، يەنە شۇ ساتقىن قازاقنىڭ تەلىۋى بويىچە ئورېنبېرگدىن كەلگەن كارۋانلار سېپىنى ئىمپرىيە مالىيىسىدىن مەبلەغ چىقىرىپ تەمىنلەپ مۇساباي نامىدا ئىككى قېتىم دىيارىمىزغا كېلىپ، جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ توغرىلىق شۇ جاسۇسنىڭ ئۆزى يازغان بەش توملۇق ئۆزىنىڭ سەپىرى جەريانىدىكى كۈندىلىك خاتىرىسىدىن تۈزۈلگەن «تارىخىي يازمىلار توپلىمى» دەيدىغان ئەسىرى بار. ئۇنىڭدا يىپىدىن يىڭنىسىگىچە ھەتتا دىيارىمىز كارۋان يوللىرىدىكى ھاجەتخانىمۇ قالماي خەرىتىگە چۈشۈرۈپ كەتكەن. كىيىن رۇسلار تۈركىيلەر ئەھۋالى توغرىلىق ئۇنى بىرىنچى قول ماتىريال قىلىپ ئاندىن تۈركىيلەرنى يۇتۇۋالغان. ئۇنىڭ شەرىپىگە بۇ خائىننى شۇ ۋاقىتتىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىگىنىڭ بىر بۆلۈمىگىلا خىزمەتچى قىلىپ مۇكاپاتلىغان. ئەمما شۇنىڭدىن كىيىن ئەڭ كۆپ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان تۈركىيلەردىن مۇشۇ قازاقلار. رۇسلار ئۇلارنى كوللىكتىپ قىرغىن قىلغان. ئەپسۇس ھازىرقى قىمىزدىن مىڭىسى ئېچىپ كەتكەن بىر تۈركۈم قازاق قېرىداشلىرىمىز(پەقەت بىر تۈركۈم نادان يېرىم چىلەك سۇلىرى، بۇنداقلار بىزدىمۇ بار) بۇ ئاچچىق تاارىخنى بىلمەيدۇ. |
|