- تىزىملاتقان
- 2014-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1979
- نادىر
- 0
- يازما
- 176
ئۆسۈش
  97.9%
|
باغداش تورى تەرجىمە خەۋىرى
ئامېرىكا ئوكرائىنادا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۇرۇش قوزغاشقا تەييارلاندى
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھەدەپ رۇسىيىنى ئوكرائىنا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيبلەۋەتقان پەيتتە، ئۆزى ئوكرائىنانى خۇممېر ناملىق كۆپ ئىقتىدارلىق ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، يەنىمۇ كۆپ جازالاش تەدبىرى قوللىنىپ، ئەل ئىچى قوراللىقلىرىنىڭ رەھبىرى ۋە رۇسىيىگە زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى 3- ئاينىڭ 11- كۈنى ئوكرائىنانى 75 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، خۇممېر ناملىق كۆپ ئىقتىدارلىق ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە باشقا قىرغىنچىلىق خاراكتېرىنى ئالمىغان قوراللار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. رۇسىيىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى نۆۋەتتىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئەمەلىيلىشىۋاتقان پەيتتە ئامېرىكىنىڭ ئوكرائىنانى قورال بىلەن تەمىنلىشى، ئوكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىشىغا ياردەم قىلغانلىق- دېدى.
ئامېرىكىنىڭ يېڭى جازالاش تەدبىرلىرىنىڭ دائىرىسى ئوكرائىنانىڭ شەرقىدىكى « دونىتىسكى خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى، رۇسىيە دۆلەتلىك سودا بانكىسى ۋە رۇسىيە مىللەتلەپەرۋەرلەر كوللېكتىپى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
نەچچە ھەپتە ئىلگىرى ئامېرىكا ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي رۇسىيەنى ئەيىبلەپ: موسكۋا ئىزچىل ئوكرائىناغا ئەسكەر ئەۋەتىپ ۋە قورال ياراغ يۆتكەپ، ئەل ئىچى قوراللىقلىرىغا يانتاياق بولدى- دېگەن ئىدى.
بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارى مۇنداق يەنە دېدى: بىز يەنىلا ھەربىي ۋاستە ئوكرائىنا كىرزىسىنى ھەل قىلالمايدۇ دەپ قارايمىز، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىز ئوكرائىنانىمۇ ئۆز-ئۆزىنى قوغدىشى لازىم دەپ قارايمىز.
|
|