- تىزىملاتقان
- 2015-1-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1832
- نادىر
- 0
- يازما
- 97
ئۆسۈش
  83.2%
|
mitran يوللىغان ۋاقتى 2015-2-24 22:51 
پەلسەپە توغرىسىدا گەپ بولۇپ قاپتۇ، بىر سۇئال بار ئىدى، ...
بۇرادەر ، سۇئالىڭىز لوگىيكا جەھەتتىن مۇۋاپىق بولمىسىمۇ ، ئاتكاچىلىق ىبلەن ئىككى ئىغىز پىكىرىمنى دەپ باقاي.
1.دىنغا كىرىش كىرمەسلىكتە ئەركىن. ئىمان ئىيتىش، ئىيتماسلىق ئىنساننىڭ ئەركىنلىكى، ئۇنىڭدا زورلاش يوق، مەيلى پەيغەمبىرىمىز بولسۇن ياكى ساھابىلەر بولسۇن ئىمان ئىيتىشتا زورلايدىغان قىلمىش بولمىغان،لىكىن دىنغا كىرگەن ئىكەن شۇ دىنىي قائىدىلەرگە جەزمەن ئەمەل قىلىشى كىرەك.
مەككەدىكى بۇتنى چىقىش ئىشى- ھەرەم رايونى ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى، قىبلىنامىسى بولغاچ ئىسلام غەلبە قىلغاندىن كىيىن ھەرەم مەسچىدىنى بۇددىن تازلىغان، لىكىن ھىچقانداق بىر ئادەمنى مەجبۇرىي ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشقا زورلىغانلىق توغۇرسىدا ھازىرچە ئىسپات يوق. سىزنىڭ « بۇتنى چىقىش، كىشىلەرگە دىننى زورلاپ تاڭغانلىق»دىگەن قارشىڭىز خاتا . ھازىرمۇ يەھۇدىيلار مەسچىدىي ئەقسانى چىقىپ يەھۇدىي چىركاۋى سالىمىز دەپ جارسىلىۋاتمامدۇ؟ ئەقسا مەسچىدىنى چىقىش، يەھۇدىي دىنىنى مۇسۇلمانلارغا زورلاپ تاڭغانلىق بولامدۇ بولمامدۇ؟
2. مەيلى پەيغەمبەر زامانى،4خەلىپە زامانىي، ياكى ئۈمەييە،ئابباسىيلار، ئوسمانىيلار زامانلىرى بولسۇن، ھەممىسىدە مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىي، خىرستىئان، يەرلىك نۇرغۇن دىنلار ئۆزئارا بىرگە ياشىغان،مۇسۇلمان بولمىغانلار دۆلەتكە باج تاپشۇرغان. ھەتتا ئىسپانىيدىكى ئۈمەييە سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ تاپشۇردىغان بىجىنىڭ ئازىيىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ خىرىستىئانلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى چەكلىگەن ئىشلار بولغان. ئەمدى سىزنىڭ سۇتۇق بوغراخاننىڭ ئىسلام تارقىتىشىغا كەلسەك، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ زورقىسمى قىلىچ ئاستىدا ئىسلامغا كىرگەن دىسەكمۇ بولىدۇ. لىكىن بۇ ئىسلامدىكى قىسمەنلىك بولۇپ، پۈتۈنلۈك دائىرسىگە كۆتۈرۋەتسىڭىز بولمايدۇ. |
|