- تىزىملاتقان
- 2014-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1825
- نادىر
- 0
- يازما
- 163
ئۆسۈش
  82.5%
|
tohotur يوللىغان ۋاقتى 2015-2-22 22:15 
مەن ئۇنداق قارىمايمەن . ئۇيغۇرچە تور بەت قۇرلۇشىغا شى ...
بۇ قاراشقا مەن ئەلۋەتتە قوشۇلىمەن . ئۇيغۇرچە ھۆكۈمەت تورى ھەم ئۇنىڭ مەزمۇنى سەرخىل بولۇشى ، مەركەز يوقۇرىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشى ، مەركەزدىن چۈشكەن خەلققە پايدىلىق سىياسەتلەرنى جان دىل بىلەن ئورۇندىشى ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك . بۇنىڭدا ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خەلقنىڭ دەردىگە دەرمان ئارزۇ ئارمانلىرىغا كۈچ قوشۇشى شۇنىڭ بىلەن تەڭ رايونچانلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە خاسلىققا ، ئىجادىي ئىجابىيلىققا تولغان ، خەلقنىڭ نازارىتىنى دادىللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ مەركەز بىلەن يەرلىك ئارىسىدا ئىجابىي مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رولنى ئوينىشى كېرەك . بۇ ئۆز نۆۋىتىدا دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن تۈزۈم قۇرۇلۇشى ھەم دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشىنى تېخىمۇ تېزلىتىپ باراۋەر مۇقىم ئىناق سىجىل تەرەققىي قىلغان ئومۇمىيۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش نىشانىمىزنى ئىشقا ئاشۇرىشىمىزنىڭ جانلىق كاپالىتى . يەنە كېلىپ بۇ بىۋاسىتە دۆلىتىمىز ھەم ھۆكۈمىتىمىزنىڭ خەلق قەلبىدىكى ئوبرازى ھەم نوپۇزىنىڭ يوقۇرى كۆتۈرۈلۈشى ۋە ئوسۈشى ئۈچۈن زۆرۆر شەرتنى ھازىرلىغان . شۇڭا ئۇيغۇرچە ھۆكۈمەت تورى قۇرۇلۇشى مەزمۇنىڭ بېيىتىلىشى جانلىقلىققا ئىجادىيلىققا ئىگە بولۇشى ھەممىمىز ئۈچۈن مۇھىم ، ھېلىمۇ يېقىندىن بۇيان بەك ياخشى باشلىنىش بولۇۋاتىدۇ بولسا ئاللا خالىسا بۇ تېخىمۇ ياخشى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ھاجىتىدىن چىققۇسى ......... |
|