- تىزىملاتقان
- 2015-3-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 87
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
ئۆسۈش
  29%
|
يوللىغان تېمىڭىز بەك ياخشىكەن ، كۆپ رەخمەت . ھەر جاينىڭ مائارىپقا تۇتقان ئۇسولى ، سىياسەت تەدبىرلىرى ئوخشىمايدۇ . مەنمۇ ئۇندىداردىن شۇنداق بىر سېلىشتۇرمىنى كۆرگەن . «كۈل قىز » ھىكايىسىنىڭ جوڭگو ۋە ئامرىكا دەرسخانىلىرىدا سۆزلىنىش ئۇسولى . جوڭگودا مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا «كۈل قىز » ھىكايىسىنى ئالدىن ئوقۇپ كېلىشكە تاپشۇرۇق بېرىپتۇ ، ئەتىسى ئوقۇغۇچىلاردىن بۇ ھىكايىنى بايان قىلىپ بېرىشنى ، قانچە بۆلەك ، قانچە تەبئى ئابزاسقا بۆلۈنگەنلىگىنى ، ئىجابىي پىرسۇناج ، سەلبى پىرسۇناج .... قاتارلىقلارنى سوراپتۇ . ئامرىكىدا : مۇئەللىم «كۈل قىز » ھىكايىسىنى ئالدىن كۆرۈپ كېلىشكە تاپشۇرۇق بېرىپ ، ئەتىسى ئوقۇغۇچىلاردىن : سىز ئەڭ ياقتۇرغان پىرسۇناج كىم ، ئەڭ قايىل بولىدىغان پىرسۇناج كىم ، نىمە ئۈچۈن ؟ ئەگەر سىز كۈل قىز بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز دىگەندەك سوئاللارنى سوراپتۇ . ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلىدىكى سۆزلەرنى ئېيتىپتۇ ، ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى : كۈل قىزنىڭ ئۆگەي ئانىسىنىڭ قىزىنىڭ بەختى ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل بېرىشتىن باش تارتمايدىغان روھىغا ئاپىرىن ئېيتىپتۇ . ئەگەر بىزنىڭ مائارىپىمىزدا بولغان بولسا ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئېيتقانلىرى ئىنكار قىلىنغان سەلبى جەھەتتىن تەسۋىرلەنگەن بولاتتى .
|
|