ئارقا تام
(پوۋېست) ماخمۇت يولۋاس
2013-يىلى 19-نۆۋەتلىك "خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى"غا ئېرىشكەن ئەسەر
1
−قاچ! سەمەتباي.
−نېمە بولدى؟
−دەرۋازا تاراقلاۋاتىدۇ.
−ئوھۇ... قەرز ئىگىلىرى كەلدى دېگىنە.
−مۇشۇ كۈنلەردە سېنى باشقا كىم ئىزدەيتتى.
−نەگە قاچىمەن؟
−ھاجەتخانىغا.
−ھاجەتخانا؟!... ئۇ يەرمۇ بىخەتەر بولماسمىكىن.
−ھەرقانچە بولسىمۇ بىرسىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپلا ھاجەتخانىسىغا بارماس ئەمدى.
−ئەخمەق خوتۇن! سەن بىلمەيسەن-دە. باشقىلارنىڭ ھاجەتخانىسىغا كىرىشكە ئامراق ئادەملەر نۇرغۇن دەيمەن.
−سوۋۇتۇپ قويۇپتىمۇ!؟
−ئاستا گەپ قىل. دەرۋازىغا قۇلاق يېقىپ تۇرغاندۇ ئاۋۇ خەق.
−ئۇنداق بولسا ئارقا تامدىن ئارتىلىپ باغ بىلەن سازلىققا قاچمامسەن.
−سازغا؟... بۇ بولىدىكەن. مەن كەتتىم. قالغان گەپنى ئۆزۈڭ بىل. قەرزنى قايتۇرىمىز. ئەمما، ئازراق ۋاقىت بەرسۇن.
−ئوھۇش!... بۇ گەپنى تولا قىلىپ كەتتىمغۇ.
−ئەمىسە، يېڭى بىر گەپ تاپمامسەن.
−تاپاي غوجام.
−تاماكامنى ئالدىم-ھە؟
−ئالدىڭ، ئالدىڭ. يەيدىغان نەرسەڭ تۇرسا ئۇ. ھە... بول... دىپەيدەك تۇرماي. دەرۋازا سۇنۇپ كېتەي دېدى. ئوھۇش... تازىمۇ بىر...
ئايالىم دەرۋازا تەرەپكە، مەن ئارقا تامغا قاراپ يۈگۈردۈم. ئېگىز تامدىن ئۇچۇپ ئۆتتۈممۇ بىلمەيلا قالدىم. پاھ! پۇل تېپىشتا مۇشۇنداق ئۇچىدىغان بولسام-ھە… ئۆيىمىزنىڭ ئارقىسىدىكى كەنتنىڭ بېغىغا چۈشۈپ، دەرەخلىك ئارىسىدىكى يول بىلەن تۆۋەنگە − سازلىققا قاراپ يول ئالدىم. ئەتراپى كېلول، قارىياغاچ، كۆك تېرەكلەر بىلەن بۈككىدە چۈمكەلگەن مېۋىلىك باغدا قۇشلار بەس-بەستە سايرىشىپ كېتىپتۇ. سايرايدۇ-دە! جانىۋارلار بىر بىرىگە قەرزدار بولۇپ قالمىغاندىن كېيىن… كۆڭلۈم تازا جايىدا بولمىسىمۇ باغنىڭ پەيزى مېنى يەنىلا ئۆزىگە تارتىپ تۇراتتى. ياپيېشىل چىملىق ئېرىقلاردا شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان سۈپسۈزۈك سۇلار، رەڭگارەڭ ئېچىلىپ كەتكەن ياۋا گۈللەر، بىر-بىرىنى قوغلىشىپ كۆڭۈل ئىزھار قىلىشىۋاتقان كېپىنەكلەر… سېنىڭدە ھاياتنى سۆيىدىغان يۈرەك بولسا روھىڭنى ئۇرغۇتۇپ، ۋۇجۇدۇڭنى مېھرى-مۇھەببەتكە لىق تولدۇراتتى. توساتتىن كېلول دەرەخلىرىنىڭ قاراڭغۇ دالدىلىرىنىڭ بىر يەرلىرىدىن نازۇك قىزنىڭ تاتلىق پىچىرلاشلىرى ئاڭلاندى. ھەي، بۇ باغدا مەھەللىدىكى يىگىتلەرنىڭ قايسى بىرى بۇنداق پىچىرلاشلاردىن ھۇزۇر ئالمىغان دەيسىز؟ مانا!… باغنىڭ يەنە بىر بۇلۇڭىدىن كۈلكە-چاقچاقلار كۆتۈرۈلدى. ھايال ئۆتمەي دۇتار، تەمبۇرنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى باغنى سېھىرلەشكە باشلىدى. ئاشۇ سېھىر ئىچىدە بۇلبۇللار خۇدىنى يوقىتىپ سايرىشاتتى. «ھەي، ئازاتكاملار پەيزى قىلىۋېتىپتۇ-دە!» دەپ تامىقىمنى چېكىپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتتىم. مانا، بۇ ھايات! كۈنلەر مۇشۇنداق ئۆتىدۇ.
بۈگۈن ھېلىمۇ قەرز ئىگىسىنىڭ چىرايىنى كۆرۈشتىن خۇدايىم ساقلىدى. بولمىسا، نېمە دەپ بېزىرىپ تۇرار بولغىيتتىم. كەلگىنى قايسىكىنا؟ مەن، دەپ ئاۋازىنىمۇ چىقارماس بولىۋالدى. كېلىپلا دەرۋازىنى ئۈن-تىنسىز قاققىلى تۇرغان. بۈگۈنكى چوقۇم ھەمرا…
سىزىق! كاساپەت… سىزىپ قويغان سىزىقىدىن ئۆتكۈزمەيدۇ-دە! چارت بولۇپ قالارمۇ دېمىگەن ئادەمنى. تۇرسۇن بېلىققۇ ئۈرۈمچىگە كەتكەن. بىر نەچچە ۋاق قۇلاق تىنچ. بەكرىمۇ تېخى تۈنۈگۈنلا قاققان. بۈگۈن يەنە قېقىپ يۈرمىگەندۇ-ھە؟… ھەي، ھېكايە ئاڭلاشقا ئامراق قېرىنداشلىرىم. يەنە ماۋۇ سەمەتباي دېگەن نېمە تازا كاززاپ ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلار-ھە؟ بىر نەچچە يېقىن ئاغىنىلەر كەينىمدىن ئادەم قورقىدىغان گەپ تېپىپ، مېنى سېسىتىپ، كۆڭلىنى خۇش قىلىپ يۈرىدۇ. توۋا! قىزىقكەن بۇ خەق. تۇرمۇشتا بىرەرسىگە قەرز بولۇپ قالماي ياشىغىلى بولامدىكىنا؟ ئەڭ بولمىغاندا ياراتقان ئىگىسىگە قەرز بولۇپ قالىمىزغۇ. قەرز بولۇپ باقمىغانلار بۇنى ھەرگىز چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى ناھايىتى كاتتا ئادەم ھېسابلايدۇ. زادى ئادەم دېگەن نېمە؟!… مەنچە بۇ دۇنيادا ياشاپ «ئون تىيىن قەرزىم يوق» دېگۈچىلەرنى تازا نورمال ئادەم دېگىلى بولمايدۇ جۇمۇ. بىلگەن ئادەمگە ھاياتلىقتا ئانچە-مۇنچە قەرز بولۇپ بېقىشمۇ ئەرزىيدۇ. ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ھۇزۇرى بار دەڭلار.
ئۆزۈمگە كەلسەم، مانا، مەن نەق ئۈچ ئادەمگە قەرز. قان قەرز ئەمەس، پۇل قەرز. ئالسا پۇل ئالىدۇ. جان ئالامتى… ھەي، ئامال قانچە؟ ئوقەتتىن زىيان تارتىپ قەرزگە بوغۇلۇپ قالدىم شۇ. يا ئالدامچىلىق قىلىپ پۇلنى خەجلىۋالغان يېرىم يوق. ئۇلارمۇ يامان ۋاقتىدا قەرزنى سۈيلىگىلى تۇردى. بۇ ھەق. بىراق، شۇ تاپتا قولۇمنى كەسسەممۇ قان چىقمىسا… قىلىدىغان ياخشى گەپلەر تۈگىدى. بېزىرىپ تۇرۇشقا يۈزۈم چىدىمىدى. قاچماي قانداق قىلىمەن؟ پۇل تاپقۇچە قېچىپ تۇراي… بۇنداق دەرد ئېيتىۋەرسەم، سەمەتباي تازا بىر كۆك نامرات ئوخشايدۇ دەپ ئىچىڭلار ئاچچىق بولمىسۇن. بارلىقىغۇ بار. ئەمما، ئېغىلدىكى ئۈچ باش ئالا ئىنەكنى ساتالمايمەن.
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يۇللىندۇ
|