نىيوتۇن گالىلېنى ئىنكار قىلماقتا
让牛顿否定伽利略
مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى
بۇ فىلىمدىكى تەجىربە نەتىجىلىرى بىلەن تۆۋەندىكى قانۇن ۋە بايانلارنى سېلىشتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى.زىدىيەت بارمۇ ياكى زىدىيەتسىز چۈشەندۆرگىلى بولامدۇ؟
نىيوتۇننىڭ 2-قانۇنى:
جىسىمنىڭ تېزلىنىشى بۇ جىسىم ئۇچرىغان ئۇچرىغان تاشقى كۈچلەرنىڭ يىغىندىسىغا ئوڭ تاناسىپ،بۇ جىسىمنىڭ ماسسىسىغا تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ.تېزلىنىشنىڭ يۆنىلىشى تاشقى كۈچلەرنىڭ يۆنىلىشى بىلەن بىردەك بولىدۇ.
ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنى:
خالىغان ئىككى ماددى نۇقتىنىڭ مەركەزلىرىنى تۇتاشتۇرغۇچى سىزىق يۆنىلىشىدىكى ئۆز ئارا سۆمۆرۈش كۈچى.تارتىش كۈچىنىڭ چامىسى ئۇلارنىڭ ماسسىسىنىڭ كۆپەيىتمىسىگە ئوڭ تاناسىپ،ئۇلارنىڭ ئارىلىغىنىڭ كىۋادىراتىغا تەتۆر تاناسىپ بولىدۇ.بۇ كۈچ ئىككى جىسىمنىڭ خېمىيىلىك تەركىۋى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇھىت -ۋاستىچىنىڭ تۆرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
تارتىش كۈچى تېزلىنىشى:
باشقا تاشقى كۈچلەر بولمىغان ئەھۋالدا،ھەرقانداق جىسىم تارتىش كۈچى مەيدانىدا ئوخشاش تېزلىنىشكە ئىگە بولىدۇ.
ئەسكەرتىش:
فىلىمنىڭ ئاخىرىدا تېزلىنىش بىلەن ماسسا تەتۆر تاناسىپ دىگەندەك قىلامدۇ - نىمە؟
|