- تىزىملاتقان
- 2013-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3567
- نادىر
- 0
- يازما
- 221
ئۆسۈش
  52.23%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ordakent تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-18 03:09
LAQIN610 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 20:15 
مۇشۇ باشلىقلارنىڭ بىر گىپى بار : بۇ دىگەن يۇقىرىدىن چۇش ...
بۇ دىگەن ئۇ نادان ، بىتەلەت مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ تېرە تاراقشىتقىنى . 2011- يىلى مەن ئىشلىگەن يېزىدا « قوش تىل » دا ئوقۇۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىرا ياردەم پۇلىنى ئورۇنسىز تۇتۇپ قالدى ، سەۋەبى : ئوقۇۋاتقان بولغاچقا كىرا كەتمەسمىششششش .
شۇنىڭ بىلەن سۈرۈشتۈرسەم ئاتالمىش « يۇقۇرى » ئورۇنلاشتۇرۇپتىمىش . ئۇ « يۇقۇرى » نەدۇ ؟ دىسەم ، بازارلىق ھۆكۈمەت باشلىقىكەن . ئۇ قارا تىل باشلىقتىن سورىسام ، ناھىيىلىك تەشكىلات بۆلۈمنىڭ « ھۆججىتى » شۇنداقمىش . ئۇ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىنى مىنىڭ ئاغىنەم ئىدى ، سۈرۈشتۈرسەم ، ئۇنداق ئىش يوق .
شۇنىڭ بىلەن ناھىيىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش بۆلۈمىگە قاراپ ماڭغاندا مىنىڭ پەيلىمدىن خەۋەر تاپقان مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ماڭا تېلىفون قىلىپ ئىدارىغا چاقىرتىپ ، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق 31 نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ 1000 يۈەندىن قانۇنسىز تۇتۇپ قېلىنغان پۇلى قايتۇرۇلغانىدى .
شۇڭا ، بۇ رەزگىلەرنىڭ يۇقۇرىنىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ « يۇقۇرىنىڭ بۇيرۇقى » دىگەنلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يالغان . ( بۇ مۇتلەق ئەمەس ، ھەممە جايلار ئۇنداق بولماسلىقى مومكىن ) چۈنكى ھېلىقى ئۆزىنىڭ زىيالىيلىقىنى ئۇنۇتقان ياكى زىيالىي سانالمايدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئۇ « يۇقۇرى » نى ئىچكىرلەپ سۈرۈشتە قىلىپ تەكشۈرۈپ باقمايدۇ ئەمەسمۇ؟! |
|