- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 19367
- نادىر
- 9
- يازما
- 466
ئۆسۈش
  23.42%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tograk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-15 16:47
جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ سابىق دائىمي مۇئاۋىن مۇدىرى خې داجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىن نېمە ئۈچۈن نەنجىڭ زىجىڭشەن تېغى جۇڭشەن قەبرىستانلىقىدىكى سۇن جۇڭشەن قەبرىسى يېنىغا دەپنە قىلىنمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ : سۇڭ چىڭلىڭ ئىلگىرى جۇڭشەن قەبرىستانلىقىغا ئۇلۇغ ئەربابلارنىڭ دەپنە قىلىنغانلىقى ، سالاھىيىتىنىڭ بۇ قەبرىستانلىققا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيىتقان . مانا بۇ ئۇنىڭ سۇن جۇڭشەن قەبرىسى يېنىغا دەپنە قىلىنمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ، دېگەن .
ئۇنىڭدىن باشقا ، سۇڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھايات ۋاقتىدا قانچىلىك زىددىيىتى بولسىمۇ ، ۋاپات بولغاندىن كېيىن بىر يەرگە دەپنە قىلىنش قائىدىسى بار ئىكەن . سۇڭ چىڭلىڭ ئائىلىسىنىڭ جەمەت قەبرىستانلىقىدا سەككىز قەبرە بولۇپ ، بۇ سۇڭ چىڭلىڭنىڭ ئاتا - ئانىسىدىن باشقا ، ئالتە پەرزەنتى ئۈچۈن ئالدىن تەييارلانغان ئىكەن . بۇ ئائىلىدىكى سەككىز كىشىنىڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىن بىر يەرگە دەپنە قىلىندىغانلىقى خېلى بۇرۇن بېكىتىلىپ بولغان ئىش ئىكەن .
خې داجاڭ مۇنداق دېگەن : يەنە بىر سەۋەب شۇكى ، سۇڭ چىڭلىڭ سۇن جۇڭشەنگە ياتلىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇۋالغاچقا ، ئاتا - ئانىسى بەكلا ئازابلانغان . سۇڭ چىڭلىڭ كېيىن ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ ، سۇن جۇڭشەنگە ياتلىق بولغان . ئاتا - ئانىسى بۇ ئىشتىن ئازابلىنىپ كېسەلچان بولۇپ قالغان ، شۇڭا سۇڭ چىڭلىڭ بۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنىپ ، ئۇلارغا ھەمرا بولۇشنى ئارزۇ قىلغان .
" شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى " دىن ئېلىندى .
|
|