- تىزىملاتقان
- 2015-1-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 150
- نادىر
- 0
- يازما
- 2
ئۆسۈش
50%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا adile تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-15 21:01
ئۈن دىدار ئەسلىدە دوستلار توپىنىڭ ئۆزائارا يېڭى ئۇچۇرلارنى،ئۈنۈملۈك بىلگىلەرنى، ئارام بەخىش كۈي مەنزىرىلەرنى، ئىلھام ۋە مەدەت بولۇدىغان گۈزەل ھىكمەتلەرنى يوللاپ، ئۆزارا كۆڭۈل ئاۋۇندۇرۇدىغان، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇدىغان، بىلمىگەننى ئۆگۈنۈدىغان، سەمىمى تىلەكلەر بىلەن دوستلۇقنى يەتكۈزۈدىغان تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە ئاكتىپ زامانىۋى ۋاستە ئىدى. ئەمما،كاللىسى تېخىچە نادانلىق ۋە مەن-مەنچىلىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلمىغان ھاماقەتلەر بۇ ئىلغار مەدەنىيەت سەھنىسىنىمۇ غەيۋەت-شىكايەت، ئۇرۇش-جىدەل، دارتما-قېيداش، سۆكۈپ-تىللاش، باتناپ-زارلاش سورۇنىغا ئايلاندۇرىۋالدى.
ئۇلار توختىماستىن بىر كىملەرنى زارلايدۇ، قېيدايدۇ، تىللايدۇ. ئۆزىدىن باشقا ھىچكىمگە تېتىمايدىغان «پەلسەپەۋى يەكۈن»لىرىنى ياكى، ئۇ يەر-بۇ يەردىن كۆچۈرىۋالغان ئۈزۈندىلەرنى كۈن ئاتلاتماي يوللايدۇ. ئۇنى ماختاپ «يۈرەك»سوۋغا قىلمىغانلاردىن رەنجىپ قالامدۇ، مېنى قەدىرلىمىدىڭ دەپ، يەنە يېڭىدىن-يېڭى يوللانمىلىرى بىلەن قاخشايدۇ. چارچىمىدىڭمۇ ئەي ئادەملەر، ئىشىڭ يوقمۇ سېنىڭ! ئۆزۈنىڭ خوشلۇغى ئۈچۈن ئەمەس،باشقىلارنىڭ غەشلىگى ئۈچۈنلا باش قاتۇرۇپ ياشايدىغايدىغان ئادەمنىڭ ھاياتتىن ئېرىشىدىغىنى زارلاش بولماي نېمە؟
سىزنى دەرتلەتكەن، زارلاتقان، قاخشاتقانلار بىلەن ئايرىم خانىدا راسا دىيىشىۋالسىڭىز ياكى ، ئۇلاردىن بىراقلا قول ئۈزۈپ ، ئۆزۈڭۈزنىمۇ ئۆزگۈنىمۇ بىراقلا قۇتقازسىڭىز بولمامدۇ؟ ئەتراپىڭىزدىكىلەرنى بىزار قىلىپ، ئورتاق سەھنىنى گالۋاڭ قىلىپ نېمە دىگەن بىمەنىلىك، بۇدۇشقاقلىق بۇ؟ بىلىڭكى، سىز توختىماستىن ۋىتىلداپ، ئۆزۈمنى چۈشەندۈرىمەن، قەدىرلىتىمەن دىسىڭىز ئەكسىچە تېخىمۇ قەدىرسىز، چاكىنا ئورۇنغا چۈشۈپ قالىسىز. روھى دۇنيارىڭىزدىكىئاجىزلىقلارنى، تۇيغۇلىرىڭىزدىكى تۇراقسىزلىقنى، ماھىيىتىڭىزدىكى ھاماقەتلىكنى تېخىمۇ ئاشكارىلايسىز.
قارىسا، ئۈن-دىدار توپىدىكى نەچچە ئون ئادەم تۇرۇپلا نەچچە گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ قالىدۇ. ساماننىڭ ئاستىدىن سۇ قويۇشۇپ، بىر-بىرلىرىنى چىمداپ-چېقىپ، قاچاندۇر بىر چاغلاردىكى قورساق كۆپۈگى،ئۆچ-ئاداۋىتىنى چىقىرىشىدۇ. قېيداپ، زىتلىشىدۇ. «ئاق-كۆڭۈللۈك بىباھا بايلىق، ئەپۇچانلىق ئەڭ ئېسىل ئەخلاق، سەمىمىلىك گۈزەللىك…»دىگەندەك چىرايلىق تەرمىلەردىكى ئىجابى شەخىسنىڭ ئالتۇن تاجىنى ئۆزىگە قوندۇرۇپ، ئەكسى تەسۋىردىكى بەد-بەشىرە قارا قالپاقنى قارشىسىدىكى ئادەمگە قورۇنماستىن كىيدۈرۈپ قويۇدۇ. ئارقىدىنلا بۇنۇڭغا يارىشا ، قارا قالپاقلىقلارنىڭ ھۇجۇمى باشلىنىدۇ…ئايىغى چىقماس قورساق ئۇرۇشلىرى.
"ئۇتۇق قازانغانلار ھەر قاچان ھەسەتخورلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ. مەيلى يولۇڭدىن قايتما،ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ، كارۋان يۈرۈۋېرىدۇ..."دىگەندەك ھەممىگە تونۇش ئەقلىيەلەرگە قوشۇپ، ئۇ "ئىت"لارنى بىر ھازا تىللايدۇ. سىز زادى قاۋاۋاتقان ئىتمۇ ياكى ئۆزۈڭىز ياسىۋالغان غالىبىيەتچىمۇ؟ سىز ياراتقان ئۇتۇق قايسى؟دەپ سورۇغۇسى كېلىدۇ كىشىنىڭ.
"ئېسىلزادىلەر بىر-بىرىنى يۆلەيدۇ،پەسلەر بىر-بىرىنى كولايدۇ... دىگەندەك نەدىكى مۇقامدا يوق تەبىرلەرنى يوللاپ قويۇپ، ئەتىسىلا يەنە بىر كىملەرنى تىللايدۇ. سۆكۈپ،ھەيۋە قىلىدۇ. بۇنداقلار ئېسىلزادىلەرگە كىرەمدىغاندۇ؟خۇدامۇ ئۆز بەندىلىرىنى ئەزىز-خار دەپ ئايرىمايدۇ. ئۇلار كىم، ئۆزىچە ئادەملەرنى قۇتۇپقا بۆلۈۋالىدىغان.غەرپ ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئېسىلزادىلەر تونى ئۇلارغا يارىشارمۇ؟ يەنە كېلىپ ئۇلار ھەۋەس قىلىپ كەتكەن ئېسىلزادىلەر دۇنياسى ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك بولۇشى مۈمكىنمۇ؟
"سۈكۈت ئەڭ ياخشى جاۋاپ. مېنىڭ سۈكۈت قىلغىنىم ئاجىزلىغىمدىن ئەمەس..."دىگەندەك ئېسىل ئىبارىلەر... ئەمما، دەل شۇنداق گەپلەرنى تولا قىلىدىغانلار بىر كۈنمۇ ۋىتىلداشتىن توختىمايدۇ. روھى دۇنياسىدىكى ئاجىزلىق بىچارىلەرنى بىر كۈنمۇ سۈكۈت قېنىدا قويمايدۇ.
'مېنى قەدىرلىمىگەنلەرنى مەنمۇ ئۇنتۇپ كېتىمەن..."توغرا،ئۇنداق مەنىسىز تىركىشىشتىن ئۇنتۇپ كەتكەن ياخشى. ئەتراپىدىكىلەرنى مەلۇم مەقسەد-غەرەز بىلەن ئىزدىسە، "قەدىرلىسە"دىمەك ئۇ ساختىپەزنىڭ تىپى، تەمەلىرىگە لايىق جاۋاپقا ئېرىشەلمىگەندە تىللاپ چۈشسە، چىدىماسنىڭ ئۆزى. بۇنداق "دوستلۇق" كىمنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشسۇن؟ ئىززەت تىلىگەن ئادەم ئاز سۆزلەشنى بىلمىسە، كۆڭلى-كۆكسى كەڭ، سەمىمى بولمىسا، بىر ئېغىز گەپ تاپسا شۇ بىر ئېغىزنى دەۋېلىشقا ئالدىرىسا، قانداقمۇ قەدىر-قىممىتى بولسۇن؟
يىگىرمە ياش،سۆزلەپ باقسا،سىناپ باقسا بولۇدىغان دەۋر. ئوتتۇز ياش، ئويلاپ سۆزلەيدىغان دەۋر. قىرىق ياش، ئاز سۆزلەپ، كۆپ ئويلايدىغان، ئاڭلايدىغان دەۋر. بۇ ياشقا كېلىپمۇ، تىلىغا ئىگە بولالمىغان، تۇيغۇلىرىنى كونتۇرول قىلالمىسغان ئادەم قەدىر-قىممەتكە ئەمەس. كۈلكە-لەنەتكە قالىدۇ . خالاس.
شۇڭا، ئۈگۈتلەرنى باشقىلارغا يوللاشتىن بۇرۇن ئۆزۈڭىز ئۆگۈنۈڭ. ئۆزۈڭىزگە ئۈنلۈك ئوقۇپ بېرىڭ. ئاندىن جىم-جىت ئولتۇرۇپ ئويلاڭ. كېرەك بولسا، ئابرويپەرەسلىك، مەن-مەنچىلىك، ساختىپەزلىكتىن چىرىگەن جاراھەتلىك ئەزالىرىڭىزنى سۆكۈپ ئېتىڭ. راھەتلىنىسىز. ئەڭ مۇھىمى،سەمىمىلىكنىڭ لەززىتىنى بىلىپ يېتىسىز. شۇ چاغدا دۇنيا كۆزۈڭىزگە باشقىچە كۆرۈنىدۇ. زارلىمايدىغان، ئاچچىق يۇتمايدىغان بولۇسىز. گۈزەل يۈرەكتىن گۈزەل تىلەك چۈشۈدۇ. ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە بېقىڭ. ئەھمىيەتلىك ئۇچۇرلار، پايدىلىق بىلىملەر، كۆڭۈللۈك سۆھبەتلەر بىلەن ئۈن-دىدارغا تۈس بېرىۋاتقانلارنىڭ تىپى سىزگە ئوخشامدىكەن.
ئەگەر، ئەدەبىي تالانتىڭىزنى، ئېسىل ئەقلىيەلىرىڭىزنى سىناپ باقماقچى بولسىڭىز، نېمە دىسە بولۇۋېرىدىغان ئۈن-دىدارغا ئەمەس، نوپۇزلۇق، تەلەپچان ژورناللاردىن بىرەرسىگە يوللاپ بېقىڭ. تەنقىدى كۆزى، ئەدەبىي پىرىنسىپى بار مۇھەرىر نېمە دەيدىكىن. ناۋادا سۆز ئەركىنلىگىنى نەدە، قانداق ئىشلىتىشنى بىلمىسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى تىلىڭىزنى ئىچىڭىزگە يۇتۇۋېلىڭ. ئۇ تاقا-تۇقۇ پاراڭلار بىلەن ئۈن-دىدارنى ئاۋارە قىلماي، ئۆزۈڭىزدىلا ساقلاپ قويۇڭ. چۈنكى، سىزنىڭ تۇيغۇلىرىڭىز پەقەت سىزگىلا خاس. ئۇنى ھەممە ئادەمنىڭ ئېتىراپ قىلىشى، قوللۇشى مۈمۈكىن ئەمەس. سىز ياقتۇرغاننىڭ ھەممىسى باشقىلارنىڭمۇ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىش تېىخىمۇ ناتايىن. سىز بىلەن قەلبى، ئەقلى، بىلىمى، قىممەت قارىشى ئوخشىمايدىغان ئادەملەرنىڭ سىز چۈشەنگەندىن باشقىچە چئۈشۈنىدىغىنى ئېنىق. ھىچكىم سىزدىن يوللىما تەلەپ قىلمايدۇ. سىزمۇ ھىچكىمدىن 'يۈرەك" تەلەپ قىلماڭ. ئۈن-دىدارنى خالىس،پاكىز، كۆڭۈللۈك، ئەھمىيەتلىك قوللانغىلى قويۇڭ. سىزگە ئوخشىغانلارنىڭ مەنىسىز ئەخلەتلىرىدىن تېلىفونلار ۋېروسلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ئۈن-دىداردىن رايى سوۋۇپ، چېكىنىپ چىقىۋالىدىغانلار ياكى، كۆز-قۇلاقلىرىنى ئېتىپ، ئاڭلىماس-كۆرمەس بولۇۋالىدىغانلار ئاينىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۆزۈڭىزنىڭ بىر ئاپەت بولۇۋاتقىنىڭىزنى بىلىڭ. بىزارلىق ۋە كۈلكىگە قېلىۋاتقىنىڭىزنى چۈشۈنىڭ.
ئۈن-دىدارنى ئاۋارە قىلماڭ!
|
|