- تىزىملاتقان
- 2013-3-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1475
- نادىر
- 0
- يازما
- 126
ئۆسۈش
47.5%
|
گاۋ جېندوڭ ئەپەندى بۇ نۇتقىدا مېنى ماختىغاندەك قىلىدۇ-جۇمۇ؟ قارىغاندا مىنىڭ دۆلەتنى سۆيۈش، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللى ئېڭىم خىلى كۈچلۈك ئوخشايدۇ. چۈنكى مەن بىر تىجارەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن دۆلەتكە ھەق تاپشۇرىمەن، دۆلەتتىن ئالمايمەن. بىراق، مەندىن ھەق ئىلىۋاتقان، مىنىڭ تاپشۇرغان بېجىمدىن مۇئاش ئىلىۋاتقان مەمۇرلارنىڭ ئالدىدا مەن ھىچنىمە ئەمەس، ئەرزىمەس بىر ئىنسان. شۇڭا تۆۋەندىكى ھېكايىنى ئوقۇساملا ئىچىم ئاچچىق بوپقالىدۇ:
ھەر قايسى ئىرق، ھەر قايسى مىللەت، ھەر قايسى دۆلەتتىن بولغان 9 نەپەر ساياھەتچى ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى شىتاتلىرىنى ساياھەت قىلىش ئۈچۈن بىر ساياھەت ئاپتوۋۇزىدا ئولتۇرۇپ يولغا چىقىپتۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 3 نەپەر جوڭگۇلۇقمۇ بار ئىكەن. ئاپتوۋۇز نىۋيۇرك شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىغا كەلگەندە بىر ئامېرىكىلىق ساياھەتچى شوپۇرغا:‹‹ ماشىنىنى توختات ، مەن ھاجەت قىلىمەن ›› دەپتۇ. شوپۇر ماشىنىنى يول ياقىسىدا توختۇتىپتۇ. ھىلىقى جوڭگۇلۇق ساياھەتچىلەر: ‹‹ ۋاي خۇدايىم، ئادەم تۈكۈرۈشتىنمۇ ئەيمىنىدىغان بۇ شەھەردە ما كاساپەت ئىشنى بۇزىدىغان بولدى›› دەپ قورقۇپ ئولتۇرسا، ھىلىقى ئامېرىكىلىق بىخىرامان ھالدا نىۋيۇرك شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىغا كېرىپ كىتىۋاتقۇدەك. ھېلىقى جوڭگۇلۇقلار:‹‹ ئەمدى ساياھىتىمىز مۇشۇ يەردە تۈگۈشىدىىغان بولدى›› دىيىشىپ ئەندىشە قىلىپ ئولتۇرسا ، ھېلىقى ئامېرىكىلىق ئىشتاننىڭ سېرتمىسىنى ئەتكەن پىتى توسالغۇسىز ھالدا بىنادىن چىقىپ كەپتۇ. بۇ ئەھۋاللارنى كۆرگەن جوڭگۇلۇقلار ھەيران بولغان ھالدا ئامېرىكىلىقتىن سوراپتۇ؛ ‹‹ سەن ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان ئەھۋالدا ھۆكۈمەت بىناسىغا كېرىپ ھاجەت قىلىپ چىقتىڭ، قورقمىدىڭمۇ؟›› دەپ سوراپتىكەن، ھىلىقى ئامېىرىكىلىك:‹‹ نىمىگە چەكلىمىگە ئۇچرايتتىم؟ نىمىدىن قورقاتتىم؟ مەن بىر دۆلەت گىراژدانى ھەم بىر سودىگەر، مەن دۆلەتكە باج تاپشۇرىمەن، مۇشۇ بىنامۇ مېنىڭ تاپشۇرغان باج پۇلۇمدىن سىلىنغان، خالىسام تۈرتۈش ماشىنىسى ئەكىلىپ بۇ بىنانى تۈزلۈۋىتىشكە ھوقۇقلۇقمەن›› دەپتىكەن، ھېلىقى جوڭگۇلۇقلار ئۆزى دۇچ كەلگەن تۈرلۈك رەسمىيەتچىلىكلەر ۋە ئادىل بولمىغان مۇئامىلىلەرنى ئويلاپ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كىتىپتۇ.
ئەگەر دۆلەتنى سۆيۈش، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئوردىنى تەھسىس قىلىنىپ قالسا مېنى ئۇنتۇپ قالماڭلار جۇمۇ باللا |
|