- تىزىملاتقان
- 2014-6-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1170
- نادىر
- 0
- يازما
- 25
ئۆسۈش
  17%
|
سەت ئىشلار (1)
ئابدۇرەھمان ئەفغانىي
جاھان مالىماتاڭ بولۇپ كەتتى...
كوچىدا ناھەقنىڭ تولىلىقىدىن ھەق چېلىقمايدۇ. ساقچىلار ساياھەتتە، ئالىتوپىلاڭنى غۇرۇرلۇقلار بېسىقتۇرىدۇ. قازىمۇ يانچۇققا چۆمچىيىدىغان بولۇۋالدى.
بۇرۇن موللىلار ياخشى ئادەملەرنىڭ ئازلىقىغا ۋايسايتتى. ھازىر ياخشىلىق قىلىدىغانلار كۆپ، بىلىدىغانلار ئاز (يەنى قىلغاننى). تۈنۈگۈن مەن ئۇنى بېشىمدا ئىززەتلىسەم، ئۇ مېنى پېتەكچىلىكمۇ كۆرمىگەنىدى، مەنمۇ بۈگۈن ھۆرمەت كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم.
نادان تىلىنى زەھەر قىلسا، دانا كۈلۈپ «رەھمەت!» دېدى. ئالىم تەۋازۇلىقىدىن بۇرجەككە ماڭسا، يوغان باشلار مېھرابقا ئۆتتى. ئۇلار ئاللىنېمىلەرنى كاپىلدايدۇ، ئالىم قوۋمىگە ئاھ ئۇرىدۇ.
بىر قەبىلىنىڭ قاراڭغۇ جاڭگالدا ئېزىتقۇغا ئۇچرىغىنىغا 300 يىل بولاي دېدى. مانا بۈگۈن يىراقتىن بىر گۈلخان كۆرۈنۈۋىدى، ئۇلار كەلمىگەن ئۆلۈمدىن قورقتى. ۋاي بىچارىلەر! ئەجەبا ئۇلار ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ مۇشۇنچىلىك يورۇقلىققا زار - زار بولۇپ، ئارمان بىلەن كۆز يۇمغىنىنى بىلمەمدۇ؟ دېمەككى، ئابدۇلھەسەن ھەراكانى ئېيتقاندەك، ئۇلار گەرچە يەر يۈزىدە تىرىك يۈرسىمۇ، ئەسلىدە ئۇلار ئۆلۈك.
ئاسمانغا قارايدىغان خوجايىن داشقالغا پۇتلىشىپ سەنتۈرۈلۈپ كېتىۋىدى، ھەممە ئوپۇر - توپۇر بولۇشۇپ كەتتى. ئەكسىچە ئىشچان ئىشچى ئۈچىنچى قەۋەتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ نەچچە ئۇمۇرتقىلىرى سۇنۇپ كەتسىمۇ، ئىنس - جىن قاراپ قويمىدى. بۇنى كۆرگەن ئۆلىمامۇ بەك ئەجەبلىنىپ كەتمىدى: ئىتمۇ ئىگىسىنى يۆلىگەن بىلەن، قېرىندىشىغا قاۋايدۇ ئەمەسمۇ؟!
قىزچاقلار يەرگە قاراپ تۇرۇپ ئەرگە تېگىدۇ. ئۇلار ئۆمۈرلۈك قاياشى بولماقچى بولۇۋاتقان جۈپتىنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلگەن بولسا، بەلكىم ئاللىقانداق بىر نېمىلەرنى سېزەر ئىدى. ئەقىلسىزلەر ئويلاشماي ئىش قىلىدۇ، ئىشتىن كېيىن پۇشايمانغا ئۇچرايدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئادىتى. «سۆيىمەن!» دەيدۇ، سۆيۈپ بولۇپ سۆيمەيدۇ. كاززاپلىقنىڭ ئورنىنى ساداقەت باسسىدى، لۇغەتتىن «يىتىم» دېگەن بىر سەت سۆز ئۆچەتتى.
كەچمىشكە شاھىت بوۋامنىڭ كۆزلىرىدە ئۇيقۇ يوق، ئەمما ئۇخلاي دېسە ئۇخلىيالايتتى. تىڭشاڭ! بىرى خورەك تارتىۋاتىدۇ، پۇرىقىدىن زالىمنىڭكىدەك قىلىدۇ. ئۇ ئۇخلاقلىق بولغان بىلەن، لېكىن ئۇمۇ بىكار ئەمەس. ئۇ تاڭ ئاتقۇچە «كوزىر! كوزىر!» دەپ جۆيلۈپ ھېرىپ كېتىدۇ.
ھەق ئاشىقلىرى ئۆيىدە يېڭى ئىدىيەنى ساقلاپ ئولتۇرىدۇ. بىراق ئۇ ئىدىيەنى ئىپتىدائىي جامائەسى تارقىتىدۇ. چۈنكى، بۈگۈن ئۈستى - بېشى رەتلىكلەر ئەمەس، تۇرقى - تەلەتى ئالىتاغىللار ئىلغار قارالدى. كەڭ تەبىئەتكە ھېچكىم ئىنتىلمەيدۇ، ھەممىسى قەپەسكە قىستىلىدۇ. تۈزۈم دېسە، كىشىنىڭ كاللىسىغا ۋاششىدە كېلىدىغىنى: ئەركىنسىزلىك، بولدى.
ئۇنىڭ گېپى دۇنيانى چۆرگىلەيدۇ، ئۆزى ئىشرەتخانىلارنى...
ھەر مىللەت خوجايىنلىقنى تەمە قىلىۋاتسا، بىر مىللەت كىمگە چاكار بولۇشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. ئۇلاردىن ئاتىلىرى نارازى.
ئېتىزلار جەۋھەرگە، ئېرىقلار يۇندىغا تولغان. قايسىسى مۇھىم ئىدى؟ سەت ئىشلار داۋام ئەتكەنسېرى، دۇنيامۇ تەتۈرلۈككە كۆندى.
زالىم ئۆز خىلىنى ئەمەس، ئۆز خىلىدىن يىراق بولغان مەزلۇمنى خورلاۋاتىدۇ. تەڭسىزلىك تارازىنى ئۆلتۈردى. زوراۋانلىق باينى گاداي، ئەركنى مالاي ئەتتى. ھەتتا بىر ئىنگلىزمۇ يىغلىماقتا:
___ Tell me why?
2015 - يىلى فېۋرالنىڭ باشلىرى، يۇرۇڭقاش
|
|