- تىزىملاتقان
- 2014-2-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 436
- نادىر
- 0
- يازما
- 34
ئۆسۈش
  68%
|
يۈسۈفىي قىرىندىشىمىزنىڭ قولىغا دەرت كەلمىسۇن ! يازمىڭىزدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى-سىزنىڭ پىكىرنى ناھايىتى ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدىغان سىيلىق سۆزلۈك ئادەم ئىكەنلىكىڭىز چىقىپ تۇرىدۇ. ھەربىر تەنقىدچى سىزدەك قىلالىغان بولسا نۇرغۇن ئاغرىنىشلار بولمىغان بولاتتى.
سىزگە بىر ئۆتۈنۈشىم: ئەگەر ئىمكانىيىتىڭىز يار بەرسە، «تەنقىدچىلىكتىكى ئىلمىي پوزىتسىيە»، «ئوبزۇرچىلىقتىكى سۆز قىلىش ئەخلاقى ياكى سەنئىتى» قاتارلىق تىمىلاردا ئىزدىنىش قىلىپ بىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. مىنىڭ بۇنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى مەقسىتىم: مەيلى تەنقىچىلەر بولسۇن ۋە ياكى ئوبزۇرچىلار بولسۇن «قوپال سۆز - ئەقلىي، ئەخلاقىي، روھىي گادايلىقنىڭ ئىپادىسى» دىگەن ھىكمەتكە سەل قاراۋاتقانلىقى تۈپەيلىدىن كىلىپ چىقىۋاتقان ئەكىس سادالارنىڭ قورشاۋىدا قالىدىغان پاسسىپ ئەھۋالاتلارنى ئازايتىشقا پايدىسى تېگىپ قالارمىكىن دەيمەن. مەن سىزنىڭ بۇ جەھەتتىن قىممەتلىك ئەمگەك نەتىجىلىرىنى يارىتالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن . |
|