قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 671|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئائىلىدىكى مۇناسىۋەت ۋە پەرزەت تەربىيىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

3

دوست

1288

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   28.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 374
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 13:22:02 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
    بىز تۇرمۇش داۋامىدا تۈرلۈك ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىمىز، ئۆزارا مۇلاقەتتە بولىمىز، بىر – بىرىمىزگە تايىنىمىز ۋە شۇنداقلا بىر – بىرىمىزدىن ئۆزارا ئگۈنىمىز. بۇنداق جەريان بولۇپمۇ ئائىلىلەردە چوڭقۇر ئەكسىنى تاپقان بولىدۇ. تۇرمۇشتىكى ھەمراھىڭىزنى چۈشۈنۈش، ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا كىرىپ تونۇشۇش ئۈچۈن ئۇزۇن مەزگىل ئۇنى كۈزىتىسىز، ھەمكارلىشىسىز، ۋە ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى تەتقىق قىلىسىز. بۇنىڭغا ئەگىشىپ خاراكتېرىڭىزدىكى بەزىبىر ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش، ھەتتا ۋاز كېچىش، ئۆز خاراكتېرىڭىزدە بۇرۇن بولۇپ باقمىغان بەزى يېڭى خاراكتېرلارنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۆز ئېڭىڭىزدا يېتىلدۈرۈشكە مەجبۇرمۇ بولىسىز. ئەمما ئادەملەرنىڭ ئەقىل – پاراسىتى، ھىس-تۇيغۇسى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى قاتارلىق بىر قاتار سۇبىكتىپ ئامىللارنىڭ ھەممىسى تۇرمۇش ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت جەريانىدا پەيدىنپەي شەكىللەنگەن ئامىللاردۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئادەملەردىكى ئۇيقۇسىزلىق، چارچاش، يۈرەك مىڭىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى كېسەللىكلەر، ھەتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش قاتارلىق بىر قاتار جىسمانىي ۋە پسىخىكىلىق ئامىللارمۇ ئەنە شۇ تۇرمۇش ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتتىك بەزى مەسىلىلەرنى توغرا ئىنكاستا قوبۇل قىلالماسلىقتىن ۋە توغرا ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاپالماسلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان پىخىكىلىق ئامىللاردىن ئىبارەت.
كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەملەردە ئۆزىنى چۈشۈنۈش ۋە قارشى تەرەپنى چۈشۈنۈش داۋمىدا شەكىللىنىدۇ،يەنى ئەتراپىدىكىلەرنى پسىخولوگىيەلىك ھالىتىنى چۈشەنگەندىلا ئاندىن دەسلەپكى قەدەمدە كىشىلىك مۇناسىۋەت باشلىنىدۇ دىيىشكە بولىدۇ. ئاندىن كىيىن ئادەمدىكى پسىخىك رېفلېكىس ئامىلىنىڭ تۈرتكىسىدە، مۇناسىۋەت جەريانىدا قارشى تەرەپنىڭ مىجەز خاراكتىرى، ساپا ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسى قاتارلىق بىر قاتار ئامىللار پەيدىنپەي كۈزىتىلىشكە باشلىنىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزى مۇناسىۋەت ئورناتقان ئوبېكىتنى  تەپسىلىي چۈشۈنۈش ئىنمكانىيىتى تۇغۇلىدۇ.
      كىشىلىك مۇناسىۋەت ئېڭى ئادەمدە بوۋاق مەزگىلىدىن باشلاپلا شەكىللىنىدىغان ئامىل بولۇپ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ بارىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا كىشىلىك مۇناسىۋەت جەريانىدىكى بۇيرۇق ئاھاڭىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۆزارا رىقابەتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ. ئائىلىدىكى مۇشۇنداق ئامىللار بەزى ۋاقىتلاردا نورمال، ئىناق بولغان مۇناسىۋەتكە نىسبەتەن سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىدۇ، بۇنداق مۇناسىۋەتنىڭ ئارقىمۇ ئارقا داۋاملىشىشى ھەتتا بىر – بىرىگە نىسبەتەن سەمىمىي مۇناسىۋەتتە بولۇش پسخكىسىغا ئەكىس تەسىر يەتكۈزىدۇ.
    ئائىلىلەردە ئۆزارا بىر – بىرىگە ياردەم قىلىش، كۆيۈنۈش، يولۇققان مەسىلىلەرنى مەسلىھەت يولى بىلەن توغرا بىر تەرەپ قىلىش، بىر – بىرىنى ھۆرمەت قىلىش ئائىلىگە نىسبەتەن بىرقەدەر ساغلام بولغان پسىخىكىلىق مۇھىت شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق. كىشىلىك مۇناسىۋەت جەريانىدا شەخىسلەرنىڭ پسىخىك ساپاسىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى بىرنەچچە خىل توسالغۇلارمۇ مەۋجۇت.
    1    - پسىخولوگىيەلىق توسالغۇ.  بۇ خىل توسالغۇ ئۆزارا سوھبەت داۋامىدا قارشى تەرەپنىڭ  سۆھبەتدېشىنىڭ بەزى كۆز قاراش، ئوي پىكىرلىرىنى توغرا قوبۇل قىلالماسلىقىدىن، توغرا چۈشەنمەسلىگىدىن، مەسىلىگە نىسبەتەن كەسكىن مۇئامىلە قىلىشىدىن، قوپال مۇئامىلە قىلىشى قاتارلىق بىر قاتار ئامىللاردىن ئەندىشە قىلىشتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
   2-بىرە ر پىكىرگە نىسبەتەن قارشى تەرەپنىڭ كۆز قاراش ياكى مەيدانىنى شەرھىلەش ئامىلى.  ئەمەلىيەتتە ئورتاق بولغان كۆز قاراشلىرىنى تەرەپلەر ئوخشىمايدىغان يوللار ئارقىلىق شەرھىلەش جەريانىدا شەكىللىنىدۇ.
   3- سۆھبەت مەزمۇنىنى قارشى تەرەپنىڭ قانداق قوبۇل قىلىش ياكى قانداق چۈشۈنۈش پەيدا قىلىشتىكى توسالغۇ.  سۆھبەت داۋامىدا بىر تەرەپنىڭ پىكىرىنىڭ مەزمۇنىنى قارشى تەرەپ قانداق مەيداندا تۇرۇپ، قانداق قوبۇل قىلىش، ئۇنىڭ پىكىرىنىڭ مەزمۇنى قانداق يەكۈن كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى، ئۇنىڭغا قابداق مۇئامىلىدە بولۇش ۋە قانداق ئىپادە بىلدۈرۈش جەريانىدا شەكىللىنىدۇ.
   4-  پىكىرنى ئىپادىلەش شەكلىدىكى توسالغۇ. بۇنداق ئەھۋال پىكىر بايان قىلغۇچىنىڭ  شۇنداقلا قارشى تەرەپنىڭ تەپەككۈر قابىلىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پىكىر بايان قىلغۇچى ئۆزى بايان قىلىۋاتقان پىكىرىنىڭ مەزمۇنىنى دىيەرلىك دەرىجىدە تولۇق ئىپادىلىيەلمەسلىك، ياكى مەلۇم سەۋەپتىن پىكىرىنىڭ مەخسىدى ياكى مەركىزىي ئىدىيىسىنى يورشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىدىن كېلىپ چىقىدىغان توسالغۇ.
    كۆپىنچە ئائىلىلەردە تەرەپلەرنىڭ قارشى تەرەپتىن ئۆزىگە نىسبەتەن ھەددىدىن زىيادە ھۆرمەت تۇيغۇسىدا بولۇشى، ھەددىدىن زىيادە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى سەۋەپلىك بەزىبىر سوغۇقچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۈمكىن.
    تۇرمۇش قۇرماقچى بولۇۋاتقان ياشلانىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىچىكى دۇنياسىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىگى  ئائىلە قۇرۇشتا مۇھەببەتنى ئاساسلىق ئامىل ئورنىغا قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەشۇ مۇھەببەت ئامىلى ئائىلە قۇرۇلۇپ 1 يىلدىن 5 يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا تەرەپلەر پسىخىكىسىنىڭ تەلىۋى ۋە نەتىجىسىگە ئاساسەن تۇرمۇش ئامىلىغا ئۆز ئورنىنى بوشىتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ ئىنسان پسىخىكىسىنىڭ تۇراقسىز ۋە ئۆزگىرىشچان ئىكەنلىگىنىڭ مەھسۇلى. دەرھەقىقەت پىسىخىكىلىق كۆز قاراش تۇراقلىق ئەمەس.
    ئائىلە ۋە ئائىلىۋىي مۇناسىۋەتلەر مەسىلىسى بۇرۇندىن تارتىپلا تەتقىق قىلىنىپ كېلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.  بولۇپمۇ ھەرقانداق ئادەم ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئائىلىدە ئۆتكۈزىدۇ. شۇڭلاشقا ئائىلىدىكى نازۇك بولغان روھىي ھالەت ئائىلىدىكى پەرزەنتلەرنىڭ پسىخىكىسىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىلدىن ئىبارەت. بالا تەربىيىسىدە ئاتا – ئانىنىڭ شەخسىي پائالىيەت ئامىللىرى، تۇرمۇش ئادەتلىرى، پسىخىكىق ساپاسى، شۇنداقلا ئۇنىۋېرسال ساپاسى،ئەخلاق ساپاسى، دىنىي كۆز قاراش،  ئەر – ئاياللارنىڭ ساغلام بولغان مۇناسىۋەت ھالىتى، ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي ئورنى ۋە جەمىيەتتىكى ئورنى قاتارلىق بىر قاتار ئامىللارنىڭ قايسى ھالەتتە ئىكەنلىگى بىۋاستە پەرزەنتلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسى، قىممەت قارىشى، دۇنيا قارىشى ۋە پسىخكىسىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئائىلىدىكى پسىخولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ قانداق بولۇشى پەرزەنت پسىخىكىسىنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. پەرزەنتلەر بالىلىق دەۋرىدە غەمخورلۇققا ئالاھىدە مۇھتاج بولۇپ، ئۇلارغا توغرا يول تاللاپ قىلىنغان غەمخورلۇق ئۇلاردا بەخىت تۇيغۇسى ۋە ئاتا – ئانىسىغا نىسبەتەن ھۆرمەت تۇيغۇسى شەكىللەندۈرىدۇ.
    ئاتا – ئانا بولغۇچى پەرزەنتلەرنىڭ جەمىيەتتە قانداق ئورۇندا چوڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغۇچى ئاساسىي ئامىل. ئاتا – ئانا بولغۇچى پەرزەنتكە تەربىيە بېرىشتە پەرزەنت پسىخىكىسىنى تولۇق ئىگەللەش بىلەن بىرگە ئۇلاردا ساغلام بولغان پسىخىكا ئامىلىنى شەكىللەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى زۆرۈر. بۇ ئاساسەن ئاتا – ئانا ئەخلاق، مەدەنىيەت، كىشىلىك مۇناسىۋەت قاتارلىق بىر قاتار ئامىللاردا پەرزەنتكە ئۈلگە بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى زۆرۈر. بۇنى چوڭقۇر ئويلاپ يېتەلىگەن ئاتا – ئانا ئۆزىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ قايسى دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىگىنى ھىس قىلالىغاندىلا ئاندىن پەرزەنتكە ئۈلگە بولالىغۇدەكساپانى ئۆزىدە شەكىللەندۈرەلەيدۇ ياكى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ئاتا – ئانا مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ چەكىل بولۇشى ھەرگىزمۇ پەرزەنتلەرنىڭ نورمال پسىخىكىسىنى يېتىلدۈرۈشكە توسالغۇ دەپ قاراشمۇ تامامەن توغرا كۆز قاراش ئەمەس. مەدەنىيەت ۋە ساپا سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقۇرى كۆتۈرۈش تامامەن مۈمكىن، شۇنداقلا ئۆزلىرى قىلالمىغان نەرسىلەرنى چەكتىن ئاشۇرىۋەتمىگەن ئاساستا پەرزەنلەرنىڭ قىلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى زۆرۈر.
بىزنىڭ ئەنئەنىۋىي كۆز قارىشىمىزدا ئاتىنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغان بولۇپ، ئاتا بولغۇچى پەرزەنتىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئۆزىگە نىسبەتەن ئىززەت – ئابرويىغا قاتتىق دىققەت قىلىشى زۆرۈر ئامىللارنىڭ بىرى. چۈنكى بالىلارنىڭ پسىخىكىسى ئىنتايىن نازۇك ۋە ئۆزگىرىشچان بولغانلىقتىن پەرزەنتنىڭ بالا ۋاقتىدىكى پسىخىكىسىدىكى ئاتا سىماسى ئۇنىڭ كىيىنكى ئاتىغا بولغان كۆز قارىشىنى بەلگىلەشنىڭ يىلتىزىدۇر. چۈنكى بارغانچە ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ھەرقانداق بالا ئەتراپىدىكى ئوقۇتقۇچىلىرى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر قاتار شەخىسلەرنى ئاتا – ئانىسىغا سېلىشتۇرۇش پسىخىكىسىغا ئىگە بولغانلىقتىن بۇ ئامىللارغا سەل قاراشقا تامامەن بولمايدۇ. شۇڭلاشقا جەمىيىتىمىزدىكى كەڭ ئاتا ئانىلار ئۆزلىرى قوبۇل قىلالىغان ۋە قۇربى يەتكەن دەرىجىدە يۇقارقى ئامىللارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، پەرزەنتلىرىگە مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسىنى ھاسىل قىلغاندىلا ۋەتەنگە، جەمىيەتكە، مىللەتكە بەلگىلىك خىزمەت قىلالايدىغان مەدەنىيەتلىك ۋە غايىلىك پەرزەنتلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ.

1

تېما

6

دوست

5969

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   19.38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8628
يازما سانى: 378
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 443
تۆھپە : 1540
توردىكى ۋاقتى: 687
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-12 21:46:23 |ئايرىم كۆرۈش
تېما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۈر.بەرزەنت تەربىيىسىدە، بەلگىلىك بىلىمگە ئىگە بولدۇم.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

6

تېما

3

دوست

1288

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   28.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 374
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-12 22:09:58 |ئايرىم كۆرۈش
apandim111 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 21:46
تېما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۈر.بەرزەنت تەربىيىسىدە، بەلگى ...

كىيىنچە تەييارلاپ، «بالىلار پسىخىكىسى» ۋە «ئۆسمۈرلەر پسىخىكىسى» قاتارلىق تېمىلادادىمۇ چىقىرىپ قويارمەن. ۋاقتىم سەل قىس.

0

تېما

13

دوست

3578

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   52.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14768
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 1031
توردىكى ۋاقتى: 179
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
يەر
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت  ،    ياخشى تېما ئىكەن  ،     ھازىر باللار تەربىيسى  ئىنتايىن  مۇھىم  .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )