- تىزىملاتقان
- 2015-1-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1856
- نادىر
- 0
- يازما
- 97
ئۆسۈش
85.6%
|
كۆپۈنچە مۇنبەردە ئىنكاس يازىدىغانلارغا قاراپ باقتىم، يوللاپ باققان ياكى ئۆزى يىزىپ باققان بىرەر يازمىسى يوق، لىكىن ئىنكاس يىزىشقا ئالاھىدە قىزىقىدىكەن. بۇلارغا بىمە ئۈچۈن ؟ دەپ سۇئال قويۇپ باقتىم، بەزىلىرىنى، بەلكىم خىزمىتى بەك ئالدىراش بولغاچ ۋاقىت چىقىرالمىغاندۇ، دەپ ئويلىدىم ، لىكىن كۆپۈنچىلىرىنى «قوساقتا ئۇماچنىڭ تايىنى يوق، كاللىسى قۇرۇق» بولغاچقا ئۆزى تېخى بىرنەرسە يازالماي، باشقىلارنىڭ يازمىسىنى تېخى ھۆزمەت قىلماي، ياكى ئىلمى ئىككى ئىغىز گىپىنى قىلالماي ئالا-جوقا ئىنكاسلارنى يىزىۋاتقان بايقۇشلارغا ئىچىم ئاغىرىپ قالدى.
ئنكاس يىزىشنىڭ شەرتى بولىدۇ: ئالدى بىلەن چوقۇم يازمىنى تولۇق بىر قىتىم ئوقۇۋىتىمىز، ئاندىن كاللىمىز بىلەن ئويلۇنۇپ باقىمىز، خاتا يىزىلغان ياكى كاللىمىزدىن ئۆتمىگەن تەرەپلەر بولسا پىكىرلىرىمىزنى، رەددىيەلىرىمىزنى ئوتتۇرغا قويىمىز. لىكىن بەزى«بىچارىلەر» خەت ئوقيالمامتىكى دىسەم، ئىنكاس يازالايدىكەن، قارىغاندا ساۋادى تولۇق چىقمىغان ئوخشايدۇ پەقەت تىمىسىنىلا ئوقىيالىنىغا قارىغاندا.
يازما ئىگىسىنىڭ مۇستەقىل پىكىرى بىلەن ئۆز قاراشلىرىنى دادىل ئوتتۇرغا قويالىغىنىغا ئاپىرىن(مەيلى ئۇ قارشى ئىلىنسۇن ياكى ئىلىنمىسۇن)، ھەممىمىز «قوسقۇمدىكىنى تاپ» دەپ ئولتۇرماي قوساقتىكىنى خەلق بىلەن ئورتاقلىشىپ تۇرساق، قارىماققا تالاش-تارتىش كۆچلۈك بولۇپ كەتكەندەك قىلغان بىلەن ئورتاق قاراشنىڭ شەكىللىنىشىدە رولى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. كاللىسى بىلەن ئەمەس كاسسى بىلەن تەپەككۇر قىلىدىغانلار بىلەن تەڭ بولماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
دىگىنىڭىزدەك كىتاب ئوقۇش بىزلەردە كىچىكىمىزدىن باشلاپ تاكى قېرىغىچە ئاڭلاپ كىلىۋاتقان شۇئاردۇر، چاتاق يىرى بۇشۇئار ئېغىزدىلا قىلىۋاتىدۇ( كىتاب ئوقۇشقا ھېرىس كىشىلىمىز ھەم بولسىمۇ نوپوسىمىزغا سىلىشتۇرغاندا ناھايىتى ئاز) يۇ ئەمەلدە بولۇنمايۋاتىدۇ. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتۈرۈپ بولغۇچە تاپشۇرۇق ئىشلەش، ئىچكىرى تولۇق، ئالىي مەكتەپ ئىمتاھان ھەلەكچىلىكىدە كىتاب ئوقۇش ئانچە ئادەتكە ئايلىنالمايۋاتىدۇ. يەھۇدىيلار بالىلىرىغا ھەسەل سۈركىگەن كىتابنى يالىتىپ قويۇپلا ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرى بىلەن بولغان بولسا، بالىلىرىمۇ كىتاب ئوقۇشقا خوشياقمىغان بولار ئىدى. ياۋرۇ-ئامرىكىدا باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنىڭ تاپشۇرقى «ئىلمى ماقالە»يىزىش دىگەندەك يىزىقچىلىققا ئائىت تاپشۇرۇقلار بىرقەدەر كۆپ، بۇ تاپشۇرۇقلارمۇ بالىلارغا كىتاپ ئوقۇمىسا بولمايدىغانلىقى توغۇرسىدا كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بىرىپ تۇرىدۇ، لىكىن بىزنىڭ مائارىپىمىز ئىمتاھان مائارىپى بولغاچ ئۆلۈك يادلاش، ئىمتاھانغا تاقابىل تۇرۇش بولۇپ ئوقوغۇچىلارغا كىتاب ئوقۇيدىغان ئادەت يىتىلدۈرۈش توغۇرسىدا تەدبىر يوق. ئائىلىلەردە بولسا كۆپۈنچە ئۇيغۇرلار ياشاش ھەلەكچىلىكىدە كىتاب ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرالماسلىقى، ئائىلىدە كىتابنىڭ تايىنى بولماسلىقى دىگەندەك نۇرغۇن سەۋەبلەر بىزدە ئىغىزدا توۋلىغاننى ئەمەلدە كۆرسۈتۈپ بولالمايدىغان ئەھۋاللارنى كەلتۈرىۋاتىدۇ. «سىزنىڭ كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىسى توغۇرسىدا كىچىكىمىزدىن تارتىپ ھەممىمىز بىلىمىز، شۇڭلاشقا يەنە كىتاب ئوقۇڭلار دەپ شۇئار تولاۋىرىشنىڭ ھاجىتى يوق» دىگنىڭىزمۇ توغرا. لىكىن نىمىشقا مۇشۇنداق تولاپ تۇرۇشقا مۇھتاج بولۇپ قىلىۋاتىمىز ؟ دىگەنلىك توغۇرسىدا ئويلۇنۇپ بىقىشقا ئەرزىيدۇ، چۈنكى مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى ھەم مۇشۇ سۇئالدا |
|