بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-9 12:33
مېنىڭ 63 ياشلىق ئاقتەنلىك موماي ئوقۇغۇچىم
تاشپولات روزى
بۇلتۇر 1-ئاينىڭ 20-كۈنى مەكتىپىمىزنىڭ يېڭى مەۋسۇمى باشلاندى. مەن ئوتكەن ماتېماتىكا دەرسكە 63 ياشلىق ئاقتەنلىك موماي ئوقۇغۇچى قاتناشتى. ئۇ سالامەتلىك باشقۇرۇش كەسپىدىن ئۇنۋان ئالماقچى ئىكەن. مەن بۇ موماينى كۆرۈپ بەكمۇ تەسىرلەندىم. دەرس تۈگىگەندىن كېيىن ئۇنۇڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ماۋۇ رەسىمگە چۈشتۈم. مېنىڭچە بىر مىللەتتىن مانا مۇشۇنداق ئىلىم روھى بار مومايلار كۆپ چىققاندىلا شۇ مىللەت قۇدرەت تاپىدۇ! كېيىنچىرەك بۇ موماي ئوقۇغۇچىم بىلەن تەپسىلىي پاراڭلىشىپ، ئۇنۇڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشقا تىرىشىمەن.
|