- تىزىملاتقان
- 2014-2-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4952
- نادىر
- 0
- يازما
- 411
ئۆسۈش
  98.4%
|
turantikin يوللىغان ۋاقتى 2015-4-22 13:49 
تەيپىڭ تىيەنگونى خەنزۇلار قوزغىغان،مانجۇلارغا قارشى ...
تەيپىڭ تىيەنگو ھەرىكىتى ھەرگىزمۇ مىللى توقۇنۇش ئەمەس، بەلكى دېھقانلارنىڭ ھاكىمىيەتكە قارشى قوزغىلىڭى. ئۇلارنىڭ شۇئارىدىمۇ مانجۇلارنى يوقىتايلى دەپ يوق. گەرچە ھاكىمىيەت بېشىدا مانجۇلار بولسىمۇ، بىراق ئەمەلدارلارنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا خەنزۇلار، بولۇپمۇ يەرلىكتە شۇنداق.خەلق يەرلىكتىكى ئەمەلدارلارغا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ. تەيپىڭ تىيەنگو ھاكىمىيەت تۇتقاندىن كېيىن پومشىچىكلارنىڭ يەرلىرىنى ئاددى پۇقرالارغا بۆلۈپ بەرگەن، ئۆيلىرىنى مۇسادىر قىلغان، توقاللىق تۈزۈمنى بىكار قىلىپ، بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمنى يولغا قويغان(يۇقىرىدىكى ئەمەلدارلار يەنىلا كۆپ خوتۇنلۇق بولغان). زېڭگو فەننىڭ تەيپىڭ تيەنگونى باستۇرىشى بىر تەرەپتىن خانغا بولغان سادىقلىق بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزىگە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش.
تەيپىڭ تيەنگو ھەرىكىتىدىن كېيىن خەنزۇ ئەمەلدارلارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئورنى بىردىنلا ئۆرلىدى، چوڭ ھەربىي ھوقۇقلارنى قولىغا ئالدى، مەسىلەن زوزوڭتاڭ، لى خوڭجاڭ، يۈەن شىكەي قاتارلىقلارنىڭ ھەربىي ئەمىلى خېلى، خېلى مانجۇ ئەمەلدارلاردىن چوڭ ھوقۇق تۇتقان. |
|