- تىزىملاتقان
- 2013-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 673
- نادىر
- 0
- يازما
- 25
ئۆسۈش
  34.6%
|
بۇ يەردە بىر مەسىلە ئايدىڭ بولۇپ كەتكىنى ياخشى. ئەدەبىي ئەسەردىكى جىنسىي بايانلار ھەرگىزمۇ ئوقۇرمەنگە جىنسىي تەربىيە بېرىشنى ئۆلچەم ياكى ۋەزىپە قىلمايدۇ. ئەدەبياتقا ئۇنداق ۋەزىپىنى يۈكلەشمۇ دۇرۇست ئەمەس.
ئەدەبىياتتا جىسىيەتنى ئەكىس ئەتتۈرۈش پەقەت ۋە پەقەت ئىنسان روھىيىتىدىكى جىنسىي ئىستەكنى ئىپادىلەش، ئەكس ئەتتۈرۈش، خالاس. يازغۇچى بۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنگە ھەرگىزمۇ جىنسىي تەربىيە بەرمەيدۇ. ئىنسان ئىھتىياجلىرى ئىچىدە (ئالتە خىل ئىھتىياج) يېمەك - ئىچمەك ۋە ئەۋرەتنى يېپىش ئىھتىياجىدىن باشقا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى دەل جىنسىي ئىھتىياج. بۇ خىل ئىھتىياج ۋە روھىي ھالەتنى ئەدەبىياتتىن مۇستەسنا قىلىش ۋە شۇنداق تەلەپنى قويۇش ئەدەبىياتنى چۈشەنمىگەنلىك ۋە ئۇنىڭغا يولسىز تەلەپ قويۇشتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. يۇقىرىدا بىر تورداش دەپ ئۆتكەندەك « جىنسىيەتنى ھەم سەنئەتلىك ھەم ئىپپەتلىك ئىپادىلەپ بېرىش » ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۇرچى.
جىنسىيەتنى سىز شەھۋەت دەپ چۈشەنسىڭىز ئۇ بىر شەھۋەت. سەنئەت ياكى ئىلىم دەپ چۈشەنسىڭىز ئۇ بىر ئاكىتىپ روھىي ھالەت. قانداق چۈشىنىش ئۇ ئۆزىڭىزگە باغلىق.
رەسسامنىڭ يالىڭاچ رەسىم سىزىشىنى ناقىلىق دەپ بىلسىڭىز، بۇ سىزنىڭ سەنئەتنى باشقا نۇقتىدىن تۇرۇپ بۇرمىلاپ چۈشەنگىنىڭىز ياكى چۈشەنمىگىنىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ. |
|