- تىزىملاتقان
- 2011-3-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4291
- نادىر
- 0
- يازما
- 423
ئۆسۈش
  76.37%
|
توختى جانباز ھەققىدە مەن كىچىكىمدە خېلى كۆپ پاراڭلارنى ئاڭلىغان.
بۇ كىتاپنى تېخى ئوقۇپ باقمىدىم، لېكىن ئىېسىمدە قالغان پاراڭلاردىن بىرنى قىلىپ بېرەي
بىر دېھقان بالىسىنى توختى جانبازغا چامباشچىلىققا شاگىرىتلىققا بېرىپتۇ... توختى جانباز ئۇنى بىر ياز چىۋىن تۇتقىلى قۇيۇپتۇ... ئالتە ئاي بولغاندا بۇ بالا بۇ ئىشتىن زېرىكىپ ئۆيىگە قېچىپ كېتىپتۇ... توختى جانباز شاگىرتلىرىنى ئەۋەتىپ ئۇنى تۇتۇپ ئەكىلىپتۇ ھەم ئۇنى تاش چالما جازاسى بىلەن جازىلىماقچى بوپتۇ. نەق مەيدانغا ئەللە مەھەللە، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى تەق بوپتۇ... بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ئېغىزدە بىر نەرسە دېيەلمىسىمۇ، كۆڭلىدە بىز ئۇنى ئەركەكلەردىن ئۇستا جانباز بولارمىكىن دېسەك، ئۇ كۈندە چىۋىن تۇتۇپ يۈرسە، بۇ قانداق بولغىنى؟ دەپ نارازى بۇلۇپ تۇرغان ئىكەن.
نەق مەيدانغا 2 دۆۋە تاش پارچىسى تىزىلىپتۇ... قاچقۇن شاگىرت 15-20 مېتىر نېرىغا تۇرغۇزۇلۇپتۇ... ئاندىن توختى جانباز شاگىرتلارنى تاش بىلەن بۇ قاچقۇن شاگىرتنى نىشانلاپ ئۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ... شاگىرتلار قانداقلا يۆنىلىشتە تاش پارچىلىرىنى ئاتسا، بۇ بالا كاپ-كاپ قىلىپ تۇتۇپ، يېنىغا تاشلاۋېرىپتۇ.. ئاخىرىدا قارىسا تاش تۈگەپتۇ.. بىراق بالىغا بىر تالمۇ تاش تېگىىپ زەخمەت يەتكۈزەلمەپتۇ. شۇندىلا بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە شاگىرت بالا ئەسلىدىكى ماھىيەتنى چۈشىنىپ، توختى جانبازدىن كەچۈرۈم سوراپتۇ...
مەنمۇ كىتاپخانىدا كۆردۈم، كۆرگىنىم كىنو سىنارىيەسى ئىكەن. رومان شەكلىدە يېزىلغىنى بولسا، ئېلىپ ساقلاپ قويساق بولىدۇ. |
|