- تىزىملاتقان
- 2014-12-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4711
- نادىر
- 0
- يازما
- 522
ئۆسۈش
  90.37%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sheydai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-7 10:55
دەرۋەقە مۇشۇنداق رىۋايەتمۇ بار. يەنە بىرى: ئەجدادلىرىمىز بىر قېتىملىق جەڭدە دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن قاتتىق قىرىلىپ، كەينىدىن قوغلاپ يوقۇتۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە 400 ئادەم بىلەن قېچىپ بىر جىلغىغا قاپسىلىپ قالغاندا، توساتتىن بىر كۆك بۆرە پايدا بولۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، ئۇلار شۇ بۆرىگە ئەگىشىپ بىر غار ئارقىلىق ھېلىقى قاپسىلىپ قالغان جىلغىدىن ئۆتۈپ، ناھايىتى گۈزەل ئوت ، سۇلۇق مىر ماكانغا چىقىپ قالىدۇ، قوغلاپ كەلگەن دۈشمەنلىرى ئادىشىپ ئۇلارنى تاپالمايدۇ. ئۇلار مۇشۇ ماكاندا ھېچقانداق خېيىم - خەتەرسىز نۇرغۇن يىللارنى ئۆتكۈزۈپ، كۆپىيىپ كۈچەيگىنىدىن كىيىن ئاندىن قايتىپ دۈشمەنلىرىنى تارمار قىلغان ئىكەن. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن كۆك بۆرە توتىم قىلىنغان دەيدىغان رىۋايەتمۇ بار. سىز ئېيىتقان رىۋايەتمۇ مۇشۇنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى. بۇنىسى ئۇنىڭغا قارىغاندا سەل ئىلمىيلىققا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا تارىخچىلار ئىلمىي نۇقتىدىن قوبۇل قىلىپ ئوخشاش تارىخ يېزىپ كېلىۋاتقان مۇشۇ ئوغۇزخان ۋارىيانتى بار. بەزى ماتىرياللاردىن كۆرسەم موڭغۇللاردىمۇ ئەجدادلىرىمىز غەربىي تاغدىن ئالتاي تېغىغا كەلگەن بىر كۆك بۆرىنىڭ مۇشۇ يەرگە كەلگەن بىر بۇغا بىلەن قوشۇلۇشىدىن پەيدا بولغان ئىكەن دەيدىغان رىۋايىتى بار ئىكەن. بۇ رىۋايەتلەر «ئەمىر تۆمۈر» دىگەن كىتاپنىڭ كىرىش قىسمىدا قەيىت قىلىنىدۇ. |
|