- تىزىملاتقان
- 2015-1-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1862
- نادىر
- 0
- يازما
- 97
ئۆسۈش
  86.2%
|
مۇشۇ نىزامنامىنىڭ 5-ماددىسى: ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن يازمىچە ئەمگەكچىگە ئۇقتۇرۇش قىلغان بولىسمۇ ، لىكىن ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن توختام تۈزمىسە،ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىگە ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويىشى كېرەك،ئەمگەكچىگە ئىقدىسادىي تولۇقلىما بەرمىسمۇ بولىدۇ،لىكىن جەزمەن ئەمگەك قانۇنى بويچە ئەمەلىي خىزمەت قىلغان ۋاقتى بويچە ئىش ھەققىنى بېرىشى كېرەك.
شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ ئەمەلىي ئىشلىگەن ۋاقتىڭىز 1ئايدىن ئاشقان، بۇجەرياندا شىركەت سىزدىن توختام تۈزۈشنى تەلەپ قىلمىغان بولسا 6-ماددىدىكى بەلەىلىمە بويچە 2ھەسسە ئىش ھەققىدىن شۇنداقلا شىركەتتە ئىشلىمىسىڭىز ئىقدىسادىي تولۇقلىمىدىن بەھرىمان بولالايسىز، ناۋادا شىركەت توختام تۈزۈشنى تەلەپ قىلسىمۇ لىكىن سىز ئىزچىل توختام تۈزگىلى ئۇنىمىسىڭىز 5-ماددىدىكى بەلگىلىمە بويچە ئەمەلىي ئىشلىگەن ئىش ھەققىڭىزنى ئالالايسىز.
سىزنىڭ شىركەتنىڭ قانۇنسىز ئىشلىرىنى بىلىۋىلىشىڭىز ئىش ھەققىڭىز بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوق. ناۋادا ئىسپاتىڭىز تولۇق بولسا تىلىۋىزوردىكىنى دوراپ دېرىكتورنى قورقۇتۇپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئۇنداق قىلالمىسىڭىز، ئەمگەك كىسىم كومىتىتىغا بىرىپ يۇقىرقى ئەھۋاللارنى ئىيتسىڭىز، كىسىم كومۇتىتى، كىسىم قىلىدۇ، كىسىمگە قوشۇلمىسىڭىز ئەرز قىلسىڭىز بولىدۇ
|
|