بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Wallow تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-7 12:36
ناۋادا، پەيغەمبىرىمىز مىلادىي 6-ئەسىردە تۇغۇلماي مۇشۇ ئەسىردە تۇغۇلغان بولسا ئۇچىسىغا كىيىدىغىنى سەللە بىلەن ئۇزۇن تون بولماستىن، يالاڭباشتاق، چىرايلىق كاستيۇم-بۇرۇلكا بولغان بولاتتى. بەزىدە تېخى پادىچىلار شىمى، «T»مايكا...
ئولتۇرىدىغىنى ئېسىل كادىلاك بىلەن شەخسىي ئايرۇپىلان، ئەلۋەتتە.
سۆزلەيدىغىنى فىزىكا، خېمىيە، بيولوگىيە...تۈرلۈك پەنلەر، ئىرقىي، مىللىي كەمسىتىش ۋە زوراۋانلىق بولمىغان دۇنيا ئىناقلىقى...
شۇنداقلا، ئاخىرىدا يەنە ئاللا ئارقىمىزدا ئەمەس، مەڭگۈ ئالدىمىزدا، مېنىڭ سۆزلىگەنلىرىم دوگما ھەقىقەت ئەمەس، دېگەن بولاتتى.
شۇڭا، ئەرەپلەرنىڭ سەللىسى بىلەن ئۇزۇن پەرەنجىسىگە، دوگما گەپ-سۆزلىرىگە، ئىرقي دۈشمەنلىك ئىدىيىسىگە چوقۇنۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇنىڭغا چوقۇنۇش بۇتقا چوقۇنۇش بىلەن پەرقى يوق ئىش.
مانا بۇ ئىلغار ئىدىيە.
|