- تىزىملاتقان
- 2012-7-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2151
- نادىر
- 0
- يازما
- 89
ئۆسۈش
  5.03%
|
سەۋدا571 ياخشى پىكىرنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ،ئۇمۇت غەنىنىڭ ئوتتۇرغا قويغان پىكىرلىرىنى ئويلىشىشقا بولىدىكەن،دىمىسىمۇ خوتەنگە بىر بېرىپ كىلىپ تىۋىپ بولىۋالىدىغان،قولىغا قەلەم ئېلىپ ئانچە-مۇنچە بىر نىمە يازسا يازغۇچى ئاتىلىپ قالىدىغان ئادەملەر جىقىيىپ كەتتى،دىمىسىمۇ بەزى بىر كىتاپلارنى ئوقۇسىڭىز ھىچقانداق پىكىرنى بايقىمايسىز،مىنىڭ بىلىشىمچە ئوكتەبىر ئىنقىلاۋىنىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىغا لىف،تولۇستوينىڭ[ئانا]رومانى تۇرتكۇلۇك رول ئويناپتىكەنتۇق،ئابدىريىم.ئوتكۇرنىڭ[ئىز]دىگەن رومانى ئۇيغۇرلارغا ئوزىنى تۇنۇشقا ھەم پۇتۇن ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر تارىخىنى ئۇگۇنۇش دولقۇنىنى قوزغىۋەتتى،بۇەۇنكى كۇندە يالقۇن روزى ،ئابدىقادىر جالالىدىن ،ئەسئەت سۇلايمان، زۇلپىقار بارات ئوزباشى ئابلەت ئابدىرشىت بەرقى قاتارلىق ئەدىپلەرنىڭ ئەسەرلىرى ھازىرقى ئۇيغۇر ياشلىرىمىزنىڭ بۇندىنكىن قايسى يولدا مىڭىشىغا رىياللىققا قانداق يۇزلىنىش ئۇيغۇرنى دۇنياغا قانداق تۇنۇتۇش توغرىسىدا يىڭى-يىڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويدى،دىمەك ھەرقانداق بىر پىكىر ئوتتۇرغا چىققاندا ئۇنىڭغا ئالدىراپ باھا بەرمەسلىك لازىم،بۇ پىكىرلەنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلىشىدا چوقۇم بىر تارىخى ئارقا كورۇنۇش،جەميەت ئارقا كورۇنۇشى بولۇشى مۇمكىن،ئابدۇشۇكۇر مۇھەمەتئىمىننىڭ[ئۇيغۇر پەلسەپە تارخى]دىگەن كىتاپنى بىكار يازمىغان ،دىمەك بىز ئۇيغۇرلاردا توغرا بولغان ئوزىمىزگە تەۋە بىر دۇنيا قاراشنىڭ يوقلىقىدىن،مۇشۇ كىتاپنى يىزىپ قالدۇرغان. |
|