قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1164|ئىنكاس: 8

قىزىل ياغقان يامغۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

153

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34036
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 10:58:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامغۇردىن كىيىنىكى ھاۋا شۇنچىلىك ئىللىق ،شۇنچىلىك ساپ.دىماقلارغا ئۇرۇلغان باھار ئايلىرىنىڭ ھىدى كىشىنى مەسخۇش قىلىدۇ.پورەكلەپ ئىچىلغان غۇنچە - گۈللەر كىپىنەكلەر بىلەن بىللە ئۇسۇلغا چۈشمەكتە. كۆل ئوتتۇرسىدىكى تاغ - تاشلىرىنىڭ ئارا -ئارىسىدىن چۈشكەن سۈزۈك سۇلاردا بۇ ئىككى ياشنىڭ شولىسى نامايەن ئىدى.
چىچىنى يانغا ئايرىپ تارىغان ،كىيىملىرى رەتلىك ،پاكىز يۇيۇلغان ئاق مايكىسى بۇ كىلىشكەن بەدەنگە شۇنداق ماس كەلگەن،قاڭشارلىق،بۇغداي ئۆڭ،قوشماقاش،چىرايىدىن نۇر يىغىپ تۇرغان بۇ كىلىشكەن يىگىت جەۋلان ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىدا ناز قىلىپ تۇرغان شۇنچىلىك گۈزەل،  شۇنچىلىك تەبى ، قىلغان گىرىمىمۇ سۇس باشقا يۈز كۈزىنى بۇياپ  يۈرىدىغان  گىرىم گۈزەللىرىدىن خىلىلا پەرىقلىنىپ تۇرغان  ،  سىپتا، خۇددى مۇشۇ قىز ئۈچۈن تىكىلگەندەك،بۇ  ئاق كوپتا بۇ تولغان بەدەنگە شۇنداق ماس كەلگەن،كىرپىكلىرى ئۇزۇن قايرىلىپ تۇرغان ،تولۇنئايدەك بۇ گۈزەل مەدىنە. بۇلار بۇ ئالى مەكتەپكە كىلىپ تۇنۇشقان بىردىنبىر بەخىتلىك بىر جۈپلەر بولسا كېرەك .مەكتەپ ئىچىدە ھەممە  ئۇقۇغۇچىلار ئۇلارغا ھەۋەس قىلىدۇ ھەم بەخىت تىلەيدۇ.بۇ ئىككى ياش بۇ مەكتەپتىكى ھاياتى لەيلى - مەجنۇنلار ، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى شۇنچىلىك چوڭقور، ئىشەنچ ئۈستىگە قۇرۇلغان.
        ئۇلار دەرىستىن چۈشۈپ مەكتەپ ئىچىدىكى كۆل بويىدا پاراڭلاشماقتا .
        جەۋلان :  قوزام...
مەدىنە قارمىدى.
       جەۋلان : تاتلىقىم..
مەدىنەنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ يانتۇ قارۋالدى.
       جەۋلان :
ھى ھى ھى...بولدى قىلىڭە مەدىنە خاپا بۇلۇپ قالدىڭىزمۇ؟ بولدى چاقچاق قىلىپ ئەركىلتىپ قويدۇم،
مەدىنە  بولدى  نىمداق قىلسىز ،قاراڭ  ماڭا، سىزگە مايمۇننى دوراپ بېرەي  ،ھۇك ھۇك  ھۇك   ‹ تەقلىدى ئاۋاز ›
مەدىنە كۈلۈپ كەتتى،لىكىن  قىزلاردىكى تەبىي ناز قىلىش مەدىنەنى كۈلكىدىن توختاتتى.
      جەۋلان :  ئەمدى  قارمىسىڭىز مۇشە يەردىلا سىزنى سۈيمەن دەپ ۋاقىرايمەن جۇمۇ .،  بېر  ئىككى  ئۈچ .. مەدىنە مەن سىزنى.......
ۋاقىرىپ تۇرىشىغا مەدىنە ئۆرۈلۈپ قاراپ جەۋلاننىڭ ئاغزىنى تۇتۋالدى،يۈزلىرى قىزىرىپ ئوت بولۇپ ياندى،ئەتراپقا قارۋىتىپ:
       مەدىنە :   قىلىن ،قاشاڭ..
دىگىنىچە قۇپۇپ كەتتى،جەۋلانمۇ كەينىدىن تۇرۇپ ماڭدى ۋە سۆز ئاچتى:
      جەۋلان : مەدىنە ،ئەتە قانداق كۈن بىلەمسىز؟
      مەدىنە : ئەتە شەنبە ،دەم ئىلىش كۈنىغۇ..
      جەۋلان :توغرا ئەتە شەنبە ،،دەم ئىلىش كۈنى،بىز يۈرگىلىمۇ 2 يىل بولاي دىدى،ھەم ئەتە سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز،قانداق ئۆتكۈزۈشنى ئويلاشتىڭىز؟
       مەدىنە :ھىچقانداق ئويلاشمىدىم،پەقەت دوستلار بىلەن بىرگە مەكتەپ ئىچى ئاشخانىسىدىن تاماق يەپ ئولتۇرساق بولدى جەۋلان.
       جەۋلان : توۋا دەڭە مەدىنە، چۇقۇم ياخشى ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن،ئۇنتۇلغۇسىز بېر تۇغۇلغان كۈن مۇراسىمى سىزنى كۈتمەكتە.بولدى يۈرۈڭ بۇلارنى دىيىشمەي كىرىپ تاماق يەيلى.
   ئۇلار مەكتەپ ئاشخانىسىغا كىرىپ تامىقىنى ئىلىپ بۇلۇڭدىكى بېر ئۈستەلگە بېرىپ ئولتوردى.جەۋلان قاچىسىدىكى گۆشنى ئىلىپ مەدىنەنىڭ قاچىسىغا سالدى،مەدىنە  گۆشنى ئىلىپ جەۋلاننىڭ قاچىسىغا سىلىشقا  تەمشەلگەندە جەۋلان چاققانلىق بىلەن چۇكىنى قىسىۋىلىپ:
        جەۋلان: قىنى ئىلىپ،يەۋىرىڭ،ئۈگۈنۈش قىلىمەن دەپ بەك چارچاپ ئاجىزلىشىپ كەتتىڭىز،يەنە يىمىسىڭىز بىلسىزغۇ يەنە ۋاقىرايمەن.
        مەدىنە: ساراڭ،يىسەملا بۇلىدىغۇ،مۇشۇنداق يەۋىرىپ سەمرىپ كەتسەم قانداق قىلىسز؟
       جەۋلان:تىخى ياخشى بولمامدا،بودىكىم بودەك دەپ يۈرىۋىرمەن ھى ھى ھى...
  ئۇلار تاماقنى يەپ بۇلۇپ ئۆز  ياتاقلىرىغا قايتىشتى، جەۋلانمۇ ياتاققا كىرىپ كىتىپ خىيالغا پاتتى. بىر دەمدىن كىيىن ئۈمۈت ،جەۋلاننىڭ يىقىن ئاغىنىسى،ساۋاقدىشى ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى.
       ئۈمۈت : ئادىشوي ،نىم بولدۇڭلا، نىم غەم بىسىۋاپتىغۇ،نىم بولدى ئاداش ماڭا بىر دىگىنە؟
       جەۋلان ؛ ئاداش، ئەتە مەدىنەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى،قانداق ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى زادى بىلەلمىدىم.
       ئۈمۈت ؛ ۋاي نىمگە شۇنداق ئۇتتۇرۋەتكەن قىماۋازدەك  ئولتۇردىكى دىسەم مۇشۇ ئىشمىتى، ئۇڭايغۇ ئاداش،توروتنىڭ يۇغۇنىدىن بېرنى قىلىلى،ئەنسىرمە توروتتىڭ مەندىن،ئاندىن چىقىپ ئۈچ دوستىنى ئىلىپ چىقسا بىزمۇ تۆتىمىز چىقساق،بازار ئايلىنىپ،تاماق يەپ بىرەر كارئوكى ‹ ناخشا ئېيتىش زالىغا › بېرىپ ئويناپ پاراڭلىشىپ كەلسەك بولدىغۇ ئاداش.
      جەۋلان : لىكىن ئۇ ئۇنداق يەرلەرگە كىرمەيدۇ ئاداش ،ئۇنماسمىكىن...
       ئۈمۈت ؛ ئىدىىىىىىش  ، ئا مابەتكە گىپىڭلا ئۈتىدىغاندۇ؟ سوروندىن ئەنسىراۋاتامسە يە؟ قوقما پۈتۈن سورۇنىڭ مەندىن جۇما،ئۆيدىكىلەر بايا پۇل سىلىۋىتىپتۇ، پورتىماللىرىم سايراپ قەسەم پۇراپ كەتكەن ئىدى دىگىنە ئاداش ،بولدى چاقچاقمۇ قىلىشتۇق ،ئەنسىرمە ئاداش ئەل - ئاغىنە دىگەن مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئەسقاتمىسا نىم قىلىدۇ ئاغىنە تۇتۇپ سەندە   بولمسا مەندە با  ، مەندە بولمىسا  سەندە،ئەنسىرمە ئاداش ..
ئۇنىڭ بۇ تەنە ئارلاش گىپىگە ئۇنىڭ قۇشۇمچىسى تۈرۈلدى،لىكىن يەنە بىر تەرەپتىن مۇشۇنداق ئاغىنىسى بولغانلىقىدىن جەۋلان پەخىرلىنەتتى.
ئۈمۈت ، جەۋلان ، مەدىنە بىر سىنىپتا ئۇقۇيتتى، جەۋلان سىنىپ باشلىقى بولغاچقا دەرىستە خىلى ياخشى ئىدى. ئۇلار ئۈچى خىلى يىقىن دوستلاردىن ئىدى. ئەتىسى جەۋلان مىڭ تەسلىكتە مەدىنەنى ئۇنۇتۇپ كۆل بۇيىدا ئۈچ ئاغىنىسى بىلەن ساقلاپ ئولتۇردى. بېر دەمدىن كىيىن مەدىنەمۇ ئۈچ دوستتىنى ئىلىپ چىقىپ كۆل بويىغا كەلدى . ئۇلار سالاملىشىپ بولغاندىن كىيىن:
      ئۈمۈت ؛ ئوھوييي ،مەدىنە نىمداق چىرايلىق بوپ كەتتىڭىز بۈگۈن ،تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن،مەڭگۈ بىللە كۈلۈپ ياشايلى،كۈلۈپ ياشاڭ،بەخىتلىك بۇلۇڭ.
جەۋلان بۇ گەپلەرنى پەقەت چوڭقور ئويلىمىدى چۈنكى ئۇ ئۈمۈتكە بەك ئىشىنەتتى. لىكىن مەدىنە قىزىرىپ قۇشۇمچىللىرى ئازراق تۈرۈلۈپ ؛
      مەدىنە ؛ رەھمەت ئۈمۈت ،ئىيىتقىنىڭىز كەلسۇن، سىزمۇ بەخىتلىك بۇلۇڭ.
دەپلە كۈلۈپ قويدى. ئۈمۈتنىڭ ئۈزىگە كۆڭلى بارلىقىنى مەدىنە بىلەتتى،لىكىن مەدىنە جەۋلاننى بەك ياخشى كۆرگەچ،جەۋلانغا دىيىشكە پىتىنالمىدى،چۈنكى ئۇ ئەل - ئاغىنە ،ساۋاقداشلىق مىھرىنىڭ بۇزۇلماسلىقىنى ئۈمۈت قىلاتتى.ئۇلار جىممىدە بوپ قالدى ئارلىقتىن مەدىنەنىڭ دوستتى رىزۋان سۈكۈتنى بۇزۇپ:
     رىزۋان : ھوي ھوي، نىم بولدۇڭلا تاڭڭا چىشلىۋالغاندەك جىممىدە بوپ قالدىڭلىغۇ،يۈرۈڭلا تاماق يەيمىز مەن مىھمان قىلاي لىكىن پۇلىنى سىز تۆلەيسىز ھە جەۋلان ؟
بالىلار پاراققىدە بوپ كۈلۈشۈپ كەتتى..
     مەدىنە : ھەي چىدىماس،ئۈزۈڭ مىھمان قىلىمەن دەپ جەۋلاننى پۇل تۆلىگىزەمسە ؟
     رىزۋان :ھوي مانا ،ياخشى باشلىنىش ،مەكتەپتە تۇرۇپ مەدىنە جەۋلانغا بۇلۇشۇپ تۇرمۇش باشقۇرۋاتىدۇ،ئالدىرما ئاداش تىخى باشقۇرىسەن ئۇ تۇرمۇشنى.        
ئۈمۈت : ھە بۇمۇ بولغىنى ،پىراكتىكا قىلۋاتىدۇ ئەمەسمۇ،توغرا چۈشنەيلى ھى  ھى ھى   
بالىلار يەنە كۈلۈشۈپ كەتتى. ئۇلار مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ بىر ئاشخانىغا ئورونلاشتى،كۈلكە پاراڭلار بىلەن تاماقنى يەپ بۇلۇپ چىقىپ بىر دەم بازار ئايلىنىپ بىر كارائوكى زالىغا كىرىپ كەلدى.ئۈمۈت بۇ يەردىكى ھەممە ئىشنى ئورونلاشتۇرۇپ بولغان ئىكەن،قاپقاراڭغۇ بىر ئۆي ئىچىگە كىرىپ كەلدى.
     ئۈمۈت ؛
جەۋلان كومپىيوتورنى ئاچە ئاداش...
ئۇ كومپىيوتىرنى ئاچتى. كومپىيوتىر ئىچىدىن ‹ مەدىنە مەن سىزنى سۈيىمەن ،تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن › دىگەن خەت چىقتى. بۇنى ئۈمۈت قىلغان ئىدى.لىكىن ساددا جەۋلان خوش بولۇپ كەتتى ،ئۆي چىراقلىرى ياندۇرۇلدى.ھەممىسى چۇقۇرشۇپ ھەيرانلىق ئىلكىدە چاۋاك چالدى. مەدىنەمۇ شۇنداق خوش بولدى،لىكىن ئازراق خىجىل بولۇپ يەرگە قارىۋالدى. سورون باشلاندى،مەدىنە سەل قورۇلۇپ قالغاندەك ئىدى. بۇنى سىزىپ قالغان ئۈمۈت مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى،ئۆي ئىچىمۇ شۇنداق خۇشال كەيپىياتقا تولغان. ئۈمۈت پات - پات جەۋلاننىڭ تىلفۇنىغا قاراپ قۇياتتى،بالىلار ئۇسۇل تاڭسىغا چۈشۈپ كەتتى، جەۋلاننىڭ تىلفۇنى سايرىدى ۋە ئىشارەت قىلىپ  سىرىتقا تىلفۇننى ئالدى .
     جەۋلان ؛ ۋەي، ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم دادا
تىلفۇندىن يىغا ئاۋازى كەلدى..
      ۋەئەلەيكۇم ئەسسىلام ئاكا مەن مەردان ھۇ ھۇھۇ...
     جەۋلان ؛ئۇكام نىم، نىم بولدى نىمگە يىغلايسەن  ؟
     مەردان ؛ ئاپام  ئاپام ئۇ، تۇيۇقسىز ھۇشىدىن كىتىپ قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئىلىپ كەتتى،داداممۇ بىللە كەتتى،ئاكا بەك قورقۇپ كەتتىم ھۇ ھۇ ھۇ.....
     جەۋلان ؛ بولدى ئۇكام يىغلىما،  مەن ھازىرلا يولغا چىقىمەن،بىرەر ئىش بولسا ماڭا تىلفۇن قىلغىن بولدى يىغلىما ئۇكام.....
     مەردان ؛ بۇلىدۇ  ئاللاغا ئامانات ئاكا...
ئۇ شۇنداق بىر نەپەس ئىلىۋەتكەندىن كىين ئۈمۈتنى چاقىرىپ،
     جەۋلان ؛ ئاداش، مەن يۇرۇتقا بىرىپ كىلەي، ئاپامنىڭ مىجەزى يوق ئىكەن،بۇ يەردىكى ئىشلا ساڭا  قالدى ئاداش، مىنىڭ سوۋغىتىم پۈتكەن بولسا يولدىن قايتقاندا ئەپ بەرگىن ئاداش مەن كەتتىم بىرەر ئىش بولسا تىلفۇن قىلغىن.
     ئۈمۈت ؛ بۇلىدۇ ئاداش چاتاق يوق، مەنمۇ بىللە بارايمۇ يە.
     جەۋلان ؛ بولدى ئاداش رەھمەت،ئىشلار ساڭا ئامانەت ئاداش
ئىككىسى بىللە ئۆي ئىچىگە كىرىپ ئەھۋالنى يالغاندىن مەكتەپكە جىددى يىغىن بار ئىكەن ،يۇقۇردىن تەكشۈرگۈچىلەركىلىدىكەن ،يىغىندىن چىقىپ سىنىپ باشلىقلىرى بىلەن كۆرشىدىكەن بارمىسام بولمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ مەدىنەنىڭ ئالدىغا كەلدى.
    جەۋلان: كەچۈرۈڭ مەدىنە،بەك سەت بولدى،يىنىڭىزدا بولالمىدىم،چۇقۇم قايتىپ كىلىمەن،سوۋغىڭىز تىخى پۈتمىگەن ئوخشايدۇ ئۈمۈت يولدىن ئىلىپ بەرسۇن ئۇ ۋاققىچىمۇ پۈتۈپ قالىدۇ،يىغىن تۈگسىلا قايتىپ كىلىمەن سىزنى سۈيىمەن ھى ھى ھى....
    مەدىنە؛ بۇلىدۇ بالدۇراق كىلىڭ سىزنى ساقلايمەن،سىزنى سۈيىمەن رەھمەت سىزگە جەۋلان ،
بۇ سۆز ئۇنىڭ ئاغزىدىن قانداق چىكەتكەنلىكىنى ئۈزىمۇ سەزمەي قالدى. جەۋلان بۇ گەپنى ئاڭلاپ سۈيۈنىش ئىچىدە كۆڭلى يېرىم كىتىپ قالدى، ئۇلار ناخشا ئىيتىپ ئۇسۇل ئويناپ يۇمۇر ئىيتىپ خۇشال كەيپىياتتا پاراڭلىشىپ قالدى، جەۋلان بىكەتكە بېرىپ بىلەت ئىلىپ سەككىز سائەتلىك يولغا راۋان بولدى.ئارلىقتىن خىلى ۋاقىت ئۆتتى مەدىنە سىرىتقا چىقىپ كىرەي دەپ ئىشىك ئالدىغا چىقىپ جەۋلانغا تىلفۇن  قىلدى،تىلفۇن تاقاق ئىكەن ،ئۈمۈت كەينىدىنلا چىقتى؛
     مەدىنە ؛ ئۈمۈت، جەۋلاننىڭ تىلفۇنى تاقاق ئىكەن نىمداق كەلمەيدۇ؟
     ئۈمۈت : يىغىندىدۇ بەلكىم، ھىلى كىلە ،كەلمىسە بىللە كىتىمىز ،ئەنسىرمەڭ ، مىڭىڭە ئۇلار ساقلاپ قالدى، بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنىڭىز سەت بولمىسۇن،كىرىپ ئولتۇرۇڭ .
ئۇلار شۇنداق ئولتۇرۇپ خىلى ۋاقىت ئۆتتى مەدىنە جەۋلان ئەنسىرەپ پەقەت ئولتۇرالمىدى..مەدىنە كۆڭلى يېرىم بۇلۇپ:
     مەدىنە ؛ جەۋلان نىمداق تىخى كەلمەيدىغاندۇ؟يا تىلفۇن قىلماي ،تىلفۇنىمۇ تاقاق ھەي.......
     ئۈمۈت ؛ يىغىن تۈككەن بولسا ئۈچۈپ قالدىمۇ يە ، بەلكىم كىلىۋاتقاندۇ،،
     مەدىنە ؛ بەلكىم، سەل كەچ كىرىپ قالغاندك تۇرىدۇ، ۋاقىتمۇ بېر يەرگە بېرىپتۇ قايتساق بۇلارمىكىن سىلەرگىمۇ رەھمەت بەك خوش بولدۇم، بەرگەن سوۋغىتىڭلارغا رەھمەت، ئۇنتۇلغۇسىز تۇغۇلغان كۈن مۇراسىمى بولدى.
ئۇلار قايتىشقا تەمشەلدى،
    ئۈمۈت : سىلەر قايتىۋىرىڭلار ،جەۋلاننىڭ سوۋغىتى تىخى مەدىنەنىڭ قولىغا تەگمىدى ئۇنى مەن يولدىن ئىلىپ بېرىدىغان بولدۇم.
ئۇلار شۇنداق دىيىشىپ خوشلىشىپ ماڭدى.ئۈمۈت بىلەن مەدىنە ئايلىنىپ خەلق مەيدانى تەرەپكە كىلىپ بىر ئوروندۇقتا ئولتۇردى ۋەجەۋلانغا تىلفۇن قىلدى،تىلفۇن يەنە تاقاق،جەۋلانمۇ يولدا كىتىۋىتىپ ئۇلارغا تىلفۇن قىلدى ئۇلارنىڭمۇ تىلفۇنىمۇ تاقاق ئىدى، بەلكىم مەن بىلەن ئوينىشىپ  تىلفۇننى تاقىۋالدى دەپ بار ئىشەنچنى ئاغىنىسى ئۈمۈتكە باغلاپ قۇيۇپ باشقا ھىشنىمىنى ئويلىمىدى.مەدىنە بىلەن ئۈمۈت ماڭماقچى بولدى،لىكىن مەدىنەنىڭ بىشى قىيىپ ئوروندۇقتا ئولتۇرۇپلا قالدى،شۇ زامات ئۈمۈتنىڭ چىرايىغا زەھەرلىك كۈلكىلەر پەيدا بولدى،چۈنكى ئۇنىڭ رەززىل پىلانى ئەمەلگە ئاشماق ئالدىدا،بۇلارنىڭ ھەممىسى قىلتاق ئۇيۇن ئىدى. جەۋلاننىڭ تىلفۇنىغا باشقا بىر نۇمۇرنى دادام دەپ كىرگۈزۈپ كىچىك بالىغا تىلفۇن قىلغۇزۇشى،جەۋلاننىڭ تىلفۇنىغا باشقا بىر تاقاق تىلفۇننى ئۇلاپ قۇيۇشى،ئۆزلىرىنىڭ كارىغىمۇ شۇنداق تاقاق تىلفۇننى ئۇلاپ قۇيۇپ،ھەتتا مەدىنەنىڭ ئىچىملىكىگىمۇ چاندۇرماستىن دورا سىلىپ قۇيۇشى ھەممىسى ئۈمۈتنىڭ كاللا ئىشىلتىپ ئورۇنلاشتۇرغان ئۇيۇنى ئىدى. ئۇ مۇۋەپپىقىيەت قازاندى ئۇ مەدىنەنى يۈلەپ يىقىن ئەتراپتىكى مىھمان سارايغا چۈشتى. مەدىنەنى كارۋاتقا ياتقۇزۇپ قۇيۇپ ئۈزى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كارۋات ئۈستىدىكى بۇ تولغان بەدەندىن ھوزورلىنىپ ئولتوردى ۋە ئۆز - ئۆزىگە؛
    ئۈمۈت ؛ مەن سىنى ياخشى كۆرەتتىم، لىكىن سەن ئۇنى تاللىدىڭ ،مەن نىم دىگەن بۇرۇن،سەن ھامان بىر كۈنى سەن مىنىڭ دىگەن،مانا كۆز ئالدىمدا تۇرۇپسەن ئۈستۈڭگە چىقىشىمنى كۈتۈپ جىنىم...
دەپ ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ ھايۋانلىق تامغىسىنى مەدىنەنىڭ تىنىگە ئۇرماقچى بولدى،شەھۋانى ھەۋىسى ئۇنى شىر قىلىپ كۆرسەتتى،چىراق ئۆچتى، ياتاق ئىچى شۇ بىر كىچە  ھال رەڭ كىچە نۇرى بىلەن يۇرىدى .ئۇلار ياق ئۇ ئىپلاس بىر كىچىنى شۇنداق ھوزور بىلەن ئۆتكۈزدى.جەۋلان بولسا تىخىچە يولدا ئىدى. بىر كىچە ئۆتتى ئەتىسى مەدىنە كۆز ئالدىدىكى مەنزىردىن ھەيران قىلىپ يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ قالدى، كۆزلىرىگە ياش ئالدى.چۈنكى ئۇ ئامانىتىدىن ،قىزلىق ئىپپىتىدىن ئەنسىردى.لىكىن ئۇنۇڭغا ھىچ ئىش بولمىغاندەك،چۈنكى ئۇنىڭ كىيىملىرى ئاۋالقىدەكلا رەتلىك تۇراتتى.ھەيران بوپ ئورنىدىن تۇرماقچى بولدى،لىكىن تۇرالمىدى،بەللىرى ئاغرىپ پۇت - قوللىرى سىقىراپ ئاغرىپ شۇنداق جانسىز ئىدى.شۇ كۈنى ئاخشىمى بولغان ئىشلارنى بىر قۇر ئەسلىدى، بولغان ئىشلار مەدىنەنىڭ كۆز ئالدىدا خۇددى كىنو لىنتىسىدەك بىر مۇبىر ئۆتتى، قاتتىق چىقىرغان ئاۋازنى ئاڭلاپ ئۈمۈت ئىشىكنى چەكتى..
    ئۈمۈت ؛مەدىنە   مەدىنە ئىشىكنى ئىچىڭ مەن ئۈمۈت..
غەزەپ - نەپرىتى كۈچكە ئايلىنىپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كەتكەن مەدىنەيۈگۈرۈپ بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى،ۋە بار كۈچى بىلەن كىلىشتۇرۇپ قاتتىق بىر كاچات سالدى..
    مەدىنە ؛ ھايۋىن، ئىپلاس دوستىغا خائىن نۇمۇسسىز ئەبلەخ ،مەن نىم بولدۇم، مىنى نىم قىلدىڭ ..ھۇ ھۇ ھۇ.....
ئۈمۈت ياتاق ئىچىگە كىرىپ ئەھۋالنىڭ باشقىچە ،ئاخىرقى پىلانىنىڭ سىزىلىپ قالغانلىقىدىن ئاچچىقى كىلىپ مەدىنەنى كارۋاتقا ئىشتەردى.
    ئۈمۈت ؛ مەن سىنى ياخشى كۆرەتتىم،بۇنى سەنمۇ بىلىسەن،بۇرۇنلا ساڭا دىگەن،لىكىن سەن مىنى ياراتمىدىڭ مەن بىلەن كارىڭ بولمىدى ،ئۇنىڭ بىلەن يۈردۈڭ،بىللە تاماق يىدىڭ، بىللە  بازار ئايلاندىڭ لىكىن مەنچۇ،مەن كىملەر بىلەن قالدىم ئۆزۈمگە ئۈزۈم يالغۇزلا،شۇنداق ۋەدە قىلغانمەن،ھامان بىر كۈنى سىنى ئۇنىڭدىن تاتىۋالىمەن دەپ ھەممىسى سىنى سۆيگەنلىكىم ،ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم،دىمەك مەن نىشانىمغا يەتتىم . ئەمدى بولغان ئىشلارغا كەلسەك ،ئاخشام سوۋغاتنى ئالىمىز دەپ ۋاق قالدۇق مەكتەپ ياتاق بىناسى تاقاق،شۇنىڭ بىلەن ئىككى ياتاق ئاچتىم ،بىردە سەن ياتتىڭ بىردە مەن،مانا تالون،ئۇنىڭ ئۈستىگە جەۋلان مىنىڭ ياخشى ئاغىنەم،ئۇ مىنىڭ بۇنداق قىلغىنىمغا ئىشەنمەيدۇ،سەن دىگەن تەغدىردىمۇ مانا تالون ئىسپات. ...
يەنە بىر ياتاقنىڭ تالونىنى كۆرسىتىپ سەھەر چىقىپ يىتىۋالغان بۇ ئىپلاس بار گۇناھنى مەدىنەگە ئاتتى..
    ئۈمۈت ؛ ئەگەر بۇ ئىشنى جەۋلان بىلمىسۇن دىسەڭ سەنمۇ دىمەيسەن،مەنمۇ ھەم شۇ،بۇرۇنقىدەك يۈرىۋىرىمىز يۈزۈڭ تۈكۈلىشتن قوقمىساڭ دەۋەرگىن،ماڭا بەرىبىر ئۇماق مەدىنەخان... ھا ھا ھا.....
مەدىنە ئامالسىز ئىككىنجى يولنى تاللىدى، چۈنكى ئۇ جەۋلاننى شۇنداق ياخشى كۆرەتتى،جەۋلان ئاخىرى يۇرۇتقا كىلىپ بىر ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىدە قۇنۇپ ئەتە ئەتتىگەن ئۈيىگە باردى،ھويلىدا ئۆيدىكىلەر ناشتا قىلىپ ئولتورغان،ھەممىسى ساق -سالامەت، جەۋلان پەقەت چاندۇرمىدى،ئۆيدىكىلەر بىلەن سالاملىشىپ ئۈزىنىڭ يىقىندىن بۇيان چۈشى بۇزۇلۇپ كۈندە قار بىسىپ ھەم سىغىنغانلىقتىن كۆرگىلى كەلگەنلىكىنى ئىيتىپ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇردى،جەۋلاننىڭ ئاپىسى چۈشكە تاماق ئىتىپ تەييار بولدى ،جەۋلانمۇ تاماقنى يەپ ئۆيدىكىلەر بىلەن خۇشلىشىپ مەكتەپكە قاراپ كۆڭلى بىر ئىشنى سەزگەندەك كىچىك ماشىندا ماڭدى،يولدا خىيالغا پىتىپ بۇ زادى قانداق ئىشتۇ؟بىرەركىم چاقچاق قىلىپ قويدىمۇ يە ئەجەپ ئىشلار بوپ كەتتى دىسە توۋا دىگىنىچە، ئۇيقىغا ئەسىر بولدى..
    مەدىنەمۇ ياتىقىدا  كارۋىتىدە يىتىپ خىيال ئارلاش ئۇيقۇغا كەتتى، ئاردىن ئالاھەزەل بەش سائەتلەر ئۆتتى مەدىنە بىر چۈش كۆردى،چۈشىدە جەۋلان.
                  ھۇ  تۈفى،ئىپلاس قانجۇق، نىم قىلغىنىمغا شۇنداق قىلىسەن،ئاغىنەمگە بۇزۇلدۇڭمۇ،ئىپلاس يۇقال كۆزۈمدىن، ئۈزىنىڭ چۈشەندۈرشىنى ئاڭلىمىغان مەدىنە چۈچۈپ قۇپۇپ كەتتى،يەنە يىغا ئۇنىڭ بىلەن بىللە. ئۇ بىر ئامال تاپقاندەك بولدى،ئۇ ئامال ئۇنىڭغا بۇ ۋاقىتتا شۇنداق ئاقىلانىلىك ئىدى،ئۇ بازارغا چىقىپ بىر  بولاق چاچقان  دورىسى ئىلىپ كىرىپ بولغان قىلتاق ، ئۇيۇنلارنى بىر دەپتەرگە يىزىپ قالدۇرۇپ چاچقان دورىسنى ئىچىۋالدى.يىنىدا چاچقان دورا قالدقى بىلەن كانۋىرىت ئۈستىدە ياتقان مەدىنەنى كۆرگەن رىزۋان يۈگۈرۈپ كىرىپ قورققىنىدىن قاتتىق چىقىرۋەتتى ۋە 120 قۇتقۇزۇش دوختور ماشىنىسىغا تىلفۇن قىلدى.ھايال ئۆتمەي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن جەۋلان مەكتەپ دەرۋازىسىدىن بىللە كىردى.ماشىنا مەدىنەنىڭ ياتاق بىناسى تەرەپكە كىلىپ توختىدى بىر دەمدىن كىيىن مەدىنەنىڭ بىر نەچچە ساۋاقدىشى دوختورلارغا ياردەملىشىپ مەدىنەنى ماشىنغا سالدى . كۆز ئالدىدىكى بۇ  مەنزىرە جەۋلاننى ھىچ ئەزاسى ئىشلىمەس قىلىپ داڭ قاتتۇرۇپ قويدى ۋە ئەسلىگە كىلىپ بولغۇچە  قۇتقۇزۇش ماشىنىسى دەرۋازىدىن چىقىپ بولدى،رىزۋان يۈگۈرۈپ كىلىپ جەۋلانغا خەتنى بەردى.جەۋلان بار كۈچى بىلەن دوختورخانا تەرەپكا قاراپ يۈگۈردى ئۇ كەلگەندە ئۇنى جىددى قۇتقۇزۇش بۈلىمىگە ئەكىركىتىپ بولغان ئىكەن ، ئۇ خەتنى ئۇقۇپ كۆزلىرىدىن ياشلار تۈكۈلدى ،چىشلىرى غۇچۇرلاپ،مۇشتلىرى تۈگۈلدى. مەدىنەنىڭ ئىككى دوستىنى كەتكۈزۋىتىپ ئۈزى يالغۇز  قالدى. بىر دەمدىن كىيىن دوختور كىلىپ خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۈتۈپ كەتكەنلىكىنى، كۆپ مىقداردا چاچقان دورا يەۋالغانلىقىنى ، ئاشقازىنىنى تازلاپ بايا ھۇشىغا كەلگەنلىكىنى ئىيتتقاندىن كىيىن جەۋلان ئازراق خاتىرجەم بولدى.ھەم مەدىنەنىڭ يىنىغا كىردى،مەدىنە ئۇنى كۆرۈپ يىغلاپ ئىسەدەپ  سۆزلىمەكچى بولدى.
     جەۋلان ؛ بولدى سۆزلىمەڭ،ھىچنىم دىمەڭ ،مەن ھەممىنى بىلدىم ،يىنىڭزدا مەن بار مەدىنە ئەمدى ئۇنداق ئەخماقلىق قىلماڭ، ئۇ ھاراملىق ،ھايۋان بىلەن ئۈزۈم ھىسابلىشىمەن..
   دەپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەردى. ئۇلار دوختورخانىدىن چىقىپ مەكتەپكە باردى ۋە مەدىنەنىڭ ئىككى دوستىغا تىلفۇن قىلىپ چاقىرىپ مەدىنەنى ياتىقىغا كىرگۈزۋەتتى. ئۆزى ياتاق تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى،ياتاقتا ھەممىسى تولۇق ئىكەن ،ئۈمۈتمۇ خىيالىدا يوق ئۇيۇن ئويناپ ئولتۇرۇپتۇ،جەۋلان يۈگۈرۈپ بېرىپ ئورندۇقتىن بېرنى ئىلىپ كىلىشتۈرۈپ ئۈمۈتنىڭ بىشىغا بىرنى سالدى،دەسسەپ ئۇرۇپ ئۈمۈتنىڭ ئاغزى بۇرنىنى قىپقىزىل قانغا بۇيۋەتتى،بالىلارنىڭ تۇتۇۋالغىنىغا قارماي بۇشۇنۇپ چىقىپ ئۇرۇشتىن توختىمىدى باشقا ياتاقتىكىلەر ئاۋازنى ئاڭلاپ ساقچىخانا ۋە دوختورخانىغا خەۋەر قىلىپ بولدى،بىر دەمدىن كىيىن ساقچى ماشىنىسى ،دوختور ماشىنىسى كىرىپ كەلدى ھۇشسىز ئۈمۈتنى دوختور ماشىنىسى ،جەۋلاننى ساقچى ماشىنىسى ئىلىپ كەتتى، ساقچىلار جەۋلاننى سوراق قىلىپ ھەم مەدىنەنىڭ خىتىنى كۆرۈپ،تەكشۈرۈپ ئىسپات توپلاپ  ئۈمۈتنىڭ بۇندىن بۇرۇنمۇ تۆت قىزنىڭ ئىپپىتىگە تەگكەنلىكىنى،تەھدىت سالغانلىقىنى بىلىپ ئۈمۈتنى ئۇقۇشتىن توختىتىپ تىگىشلىك قاماق جازاسىنى بەردى.
   شۇنىڭ بىلەن بۇ بىر جەريان  بەخىت تىراگىدىيىسى بىلەن ئاخىرلاشتى. ئەتىسى جەۋلان مەدىنەنى ئاۋالقى كۆل بويىغا چاقىردى.
    مەدىنە ؛ ئۈمۈت،ئۈمۈت  ئۇ....  ھۇ ھۇ ھۇ.....
    جەۋلان :  بولدى،ھىچنىمە دىمەڭ،مەن يەنىلا سىزنى سۈيىمەن،سىز مىنىڭ نەزرىمدە بۇرۇنقىدەكلا يەنىلا قىز سىز مەدىنە،ئەمدى ئۇ ئىشقا خاتىمە بېرەيلى،ئويلىمايلى، كىيىنكى كۈنلىرىمىزنى قەدىرلەيلى، شۇ نىجىس ،ھايۋانغا ئىشىنىپ سىزنى تاپشۇرغان گۇناھ مەندىمۇ بار،ئىسىت ئاغىنەم دەپ ئويلاپتىمەن،ئەسلى بىر ھايۋان ئىكەن ئۇ، خۇدا ساقلىسۇن شۇنداق نامەرد، خۇمسىلاردىن...
مەدىنە قاتتىق يىغلىۋەتتى..
    جەۋلان؛  بولدى جىنىم، ئۈتۈنۈپ قالاي،يىغلىماڭ بىر كۈلىۋىتىڭە كۈلكىڭىزنى شۇنداق سېغىندىم ،بولمىسا ھە   يەنىلا ۋاقىرايمەن،ئەتراپتا خىلى ئادەم جىق ئىكەن جۇمۇ  ،ئەمسە  ،، مەدىنە مەن سىزنڭ سۈيىمەن...........................
  ئۇ راستلام ۋاقىردى،ھەممىسى بۇلارغا قاراپ ھەيران قىلىشتى ۋە بەخىت تىلىدى،لىكىن مەدىنە  قىزىرىپ ئۆپكىدەك بولۇپ كەتتى.
بۇرۇنقى خۇشال كۈنلەر يەنە باشلاندى،خۇشال كۈلكىلەر،ئىسىل تىلەكلەر ئۇلار بىلەن بىرگە..........

      شۇنداق جەميىتىمىزدە ۋە ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا بىلىم ئىلىۋاتقان پاك مۇھەببەت ھىكايىسىنى يازماقچى ھەم يىزىۋاتقان ياشلاردىن شۇنداق قارا قوللار يىراق بولسۇن، بەخىتلىك كۈنلەر بىرگە بولسۇن ،جۈملىدىن ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇلارنى ئايرىمىسۇن،

ئابدۇللا جۈرئەت.

                                                                          ئابدۇللا جۈرئەت
                                                                                                        2014 يىل9 ئاينىڭ 29 كۈنى

0

تېما

0

دوست

320

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   10%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30849
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 88
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 14:01:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باش-ئاخىرى ماسلاشقان ، تىللىرى جايىدا ياخشى يىزىلىپتۇ...
ئەمما مەنمۇ بىر 5 يىللىق ئالى مەكتەپ ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈپ ئەمدىلىكتە  ئادەم تەربىيەلەۋاتقان ئوقۇتقۇچى ، توى قىلغان ئايال بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن  ھىكايىڭىزدىكى مۇھەببەت ۋەقەلىكىنى ئانچە بەك ياقتۇرمىدىم..   
گەرچە ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا مۇشۇنداق ۋەقەلەر بولسىمۇ ،ئەمما بۇ ۋەقەلەر سۆرىلىپ بۇ مۇنبەرگىچە يېزىلىشى ھاجەت ئەمەسقۇ...گەرچە ھىكايىڭىزدىكى مۇھەببەت ۋەقەلىكى شۇنچىلىك تەسىرلىك بولغان بولسىمۇ ئەمما ئۇلار ھەممىسى ئالى
مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن  ئالدى بىلەن ياخشى ئۆگىنىش، ئۇلۇغۋار غايىلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈشى كېرەك... ئالى مەكتەپتە مۇھەببەتلىشىشتىن باشقا قىلىدىغان ئىشلار كۆپقۇ......ئەمما بۇ ھىكايىڭىزدىن مەن ئۇ تەرەپلەرنى ھىس  قىلالمىدىم . ئەكىسچە ئالى مەكتەپنى ئەمەسلا بىر جايغا ئوخشىتىپ قۇيۇپسىز...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

3

دوست

1494

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   49.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25230
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 458
توردىكى ۋاقتى: 111
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 20:50:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىش،ياخشى چىقىپتۇ.

0

تېما

2

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 21:21:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەملى ئىشلارمۇ ياكى  تۇقۇلماتۇقۇلما ئەسەرمۇ

0

تېما

0

دوست

1049

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   4.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33141
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 312
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 00:05:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشۇ ئولتۇرۇشقا بارمىسا مۇشۇ ئىش بولمايدۇ،شۇڭا چوڭلار مۇشۇ ئىشلار چىقىشدىن ئەنسىرەپ مۇھەببەتلىشىشكە قارشى تۇرىدۇ.

1

تېما

0

دوست

153

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34036
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 18:33:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
AKIDA02 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 14:01
باش-ئاخىرى ماسلاشقان ، تىللىرى جايىدا ياخشى يىزىلىپتۇ. ...

ئىنكاسىڭىزغا ھۆرمەت قىلىمەن لىكىن. سىز ئۇقۇپ پۇتتۈرۈپ بولغان ئالىي مەكتەپتە ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن،ھازىر ئۇقۇتقۇچى ئىكەنسىز ،مىنىڭچە بولغاندا ئىىلتىماس:
ھازىرقى ئالىي مەكتەپلەرنى چۈشۈنشپ قۇيۇڭ، چۇقۇم ئىچىنىپ تۇرۇپ كۈلىسىز
ئاقساقاللىق قىلىپ قۇيدۇم كەچۈرۈڭ
سىز نىڭ نەزىرىڭىزدىكى ئالىي مەكتەپكە ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ قۇيۇپتىمەن
مەنمۇ بىر ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسى بۇلۇپمۇ ھازىرقى زاماندىكى،مىنىڭچە ئوغۇل قىز مۇناسىۋىتىنى سىزدىن ياخشىراق مەن چۈشنىمەن،
مىنىڭ مۇنبەرگە بۇنى يىزىشىم ھەرگىزمۇ غەيۋەت قىلغىىنىم ئەمەس
مەندەك ۋە بىزدەك ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىللىرىغا بۇنچىلىك پاش قىلىش، ئىبرەت ئىلىش،ۋە ئۈلگە تىكلەش پۇرسەت شارائىتىنى بولسىمۇ بىز گە بىرىڭلار مۇئەللىم

1

تېما

0

دوست

153

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34036
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 18:34:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dolanogli يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 21:21
ئەملى ئىشلارمۇ ياكى  تۇقۇلماتۇقۇلما ئەسەرمۇ

ئارلاش،

1

تېما

0

دوست

153

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34036
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 18:35:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
intil571 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 00:05
ئاشۇ ئولتۇرۇشقا بارمىسا مۇشۇ ئىش بولمايدۇ،شۇڭا چوڭلار ...

ئامال يوق،ئەگەر كىلىدىغان ئىشنى بىلەلىسەك بىز ئۇلۇغ بىر زات بىلەن ئوخشاش ئورۇندا بۇلۇپ قالاتتۇق،
شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ قىلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )