بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Gvlmisal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-9 23:34
كىتاب – ھاياتنىڭ ئەڭ جۇلالىق ۋە شېرىن نېمەتلىرىدىن بىرى.
بىباھا قىممەتلىك گۆھەردۇر كىتاب، ئەجداتتىن بىزلەرگە مىراستۇر كىتاب. چاڭقىغان دىللارغا شىپالىق دورا، تارىخقا گۇۋاھچى پۈتۈكتۇر كىتاب.
قەدەم ئال ئەي دوستۇم كىتابخانىغا، چاڭ بېسىپ قالمىسۇن ئۇلۇغ ئەسەرلەر. خارابلىشىپ تاقالسۇن شۇ قاۋاقلار، غەپلەتتە قالدۇق بىز ئۇزاق ئەسىرلەر.
كىتابلار ئۈستىدە قۇرۇلسا سۆھبەت، ياغقۇسى دىللاردا ئاڭا كۆپ ھۆرمەت. دانالار سۆزلىرى قوشۇلسا ئاڭا، بولغۇسى بۇ سۆھبەت مۇكەممەل سۆھبەت
كىتاب قەدىناس دوستۇم
دوست تۇتتۇم دۇنيادا تۈرلۈك–تۈمەن خىل، ھەممىسى ئۆزگىچە كۆڭلۈم بەكمۇ شاد. شۇ دوستۇم ئىچىدە ماڭا بەك سادىق، سۆيۈملۈك ھەمراھىم بولدى شۇ كىتاب.
سىردىشىپ، مۇڭدىشىپ تۈگىمەس سۆزۈم، ئۇندا بار ھېكمەتلەر تۈمەن ھېكايە. كىتاب ئۇ گۇۋاھچى تارىخقا مەڭگۈ، بىباھا بايلىقتۇر تۈگىمەس خەزىنە.
جاھاندا كىتابتەك يار چىقماس ماڭا، كىتابسىز كۈنلىرىم ماڭا قىيامەت. «ئوقۇ» دەپ باشلانغان مۇقەددەس كىتاب، ئۇنۇتما، ئاڭا سەن قىلما خىيانەت.
كىتاب دەپ سۆزلىسەم يايرايدۇ دىلىم، شۇ كىتاب دىلىمغا بەردى كۆپ ئىلىم. ئوقۇيمەن بىر ئۆمۈر «دوست»نى تاشلىماي، يېشىلەر « كىتاب»تا كۆپ سىرلار تىلسىم.
ئابدۇخېلىل مۇھەممەد قۇتتېكىن(ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى)
|