قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 466|ئىنكاس: 7
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يېڭى شېئىرىيەت ھەققىدە ئىككى كەلىمە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

0

دوست

1026

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   2.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31172
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 322
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 18:57:10 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
يېڭى شېئىرىيەت ھەققىدە ئىككى كەلىمە
ئابدۇنىياز ئىمىن


    يېڭى شېئىرىيەت سەپىرى باشلانغىلى ئاز كەم 30 يىل بولۇپ قالدى. ئارقىمىزغا قاراپ يېڭى شېئىرىلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان شېئىرلارنى سانايدىغان بولساق، بۇنداق شېئىرلارنىڭ مەتبۇئاتلاردا، تورلاردا ئەدەبىي ژانىر ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقايمىزيۇ، كىتابنى يېپىپ توردىن چۈشكەن ھامان ئۇلار شۇئان خاتېرىمىزدىن غايىپ بولىدۇ. نە قەلىبنى لەرزىگە سالىدىغان زىلزىلە، نە بىز چاغلاردا چاغلاردا بېشىڭىمىزغا كۈن چۈشكەندە ياكى يۈرىكىمىز ئازار يېگەندە ئۇ مىسىرالارنى ئويلاپ، «توۋا، شائىر مېنىلا يازغان بولغۇيتتىمۇ- ھە؟» دېگەندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدىغان مىسىرالاردىن بىرىنىمۇ ئەسكە ئالالمايمىز. شېئىرنى چۈشەندۈرگەن تەنقىد، شەرھىيلەر ساماندەك، بىراق، ئۇلارنى ئۇقىسىاق تېخىمۇ ئىلىشىپ كېتىمىز، ھەتتا بەزىلەرنىڭ «شېئىر دېگەننى چۈشەنمەيدۇ، ھېس قىلىدۇ» دېگەن پەلپەتىش شېئىرلارنى ئاقلاشلىرنى ئاڭلاپ بېشىمىزنى ئىچىمىزگە تىقىۋېلىپ چىداپ تۇرۇپ بىر ئوقۇپ باققۇمىز كېلىدۇ. بىراق، پەلپەتىش جۈملىلەر ئىچىدىن ھېچنىمىنى ھېسمۇ قىلالماي پىرقىرتىپ تاشلايمىز، ئۇنداقتا شېئىرنى راستىنلا چۈشىنىش كەتمەمدۇ؟
   ھەممىزگە مەلۇمكى، ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر رولى ئىستىتك رولى بولۇپ، ئەدەبىياتنىڭ بۇ رولى دەل ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چۈشىنىش ئاساسىغا قۇرۇلىدۇ. بىر ئەسەرنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئىستىتىك زوق ئېلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، شېئىرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە بولۇپ، «ئوقۇرمەننىڭ پىسخىكىلىق ھېسى دەل شېئىرنىڭ ئۆزىدۇر دېگەن قاراش مۇقەررەر ھالدا شېئىر ھىس قىلىنمىسا مەۋجۇت بولمايدۇ، ئۆز نۆۋىتىدە ھەر قېتىملىق ھېس ئەسلى شېئىر ئۈستىدىكى بىر قېتىملىق تەكرار ئىجادىيەتتۇر دېگەندىن ئىبارەت بىمەنە يەكۈنلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ»(1) «دەرۋەقە بىر پارچە شېئىرنى پەقەت شەخسىي ھېس ئارقىلىقلا بىلگىلى بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئۇ شەخسىنىڭ بۇ خىل ھېسىغا باراۋەر بولۇپ قالمايدۇ»(2) «چۈنكى ھەربىر ئادەمنىڭ شېئىر ھەققىدىكى ھېسلىرى بەزى شەخسىي خاسلىق ۋە ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» (3) ئۇنىڭ ئۈستىگە زامان ۋە ماكان، ئوقۇرمەننىڭ تەربىيلىنىش دەرىجىىسى، دۇنياقارىشى،شۇ ۋاقىتىتىكى كەيپىياتنىڭ ئوخشىماسلىقى قاتارلىقلارغا ئاساسەن كىشىلەرنىڭ ھېسىمۇ ئوخشىمايدىغان بولۇپ، بۇ ئامىللار شېئىرغا شەخسكە تەۋە بولغان بەزى نەرسىلەرنى قوشۇپ قويىشى ياكى شېئىردىكى بەزى نەرسىلەرنى چۈشۈرۈپ قويىشى مۇمكىن. بۇخىل شېئىرنىڭ ماھىيتىنى پىسخىكىلق ھالەتكە باغلاپ چۈشەندۈرىدىغان ئۇسۇل شېئىر تەتقىقاتى ياكى شېئىر چۈشەنچىسىنى ئاسانلا تۇيۇق يولغا باشلاپ قويىدۇ. بىر پارچە شېئىر بىر ئادەمنىڭ مەلۇم ۋاقىتتىكى ھېسى بولۇپلا قالماستىن ئۇ بىر توپنىڭ ئۇزاق دەۋرلىك تەجىربىللىرى ئاساسىدا قىسمەن رېئاللىشىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قىممىتىغا يېقىنلايدۇ. شۇ مەندىن ئالغاندا بىر ئادەم شېئىرنى مەڭگۈ ئەتىراپلىق ھەم تولۇق چۈشىنىپ كېتەلمەيدۇ. بىراق بۇ ھەرگىزمۇ چۈشنىشنىڭ ھاجەت ئەمەسلىكنى ياكى چۈشنىشكە ئىنتىلىشنىڭ ئەخمىقانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. «شېئىرنى ھېس قىلىمىز» دەيدىغان بۇ پەتىۋا شېئىرلىرىدا چۈشىنىشكە ئەرزىگۈدەك نەرسىنىڭ يوقلۇقىنى چاندۇرماسلىق ئۈچۈن ئەتەي ئېيتىلغان بولۇپ، بۇ «چۈشىنىش تەس بولغان ھازىرقى شېئىرلىرىغا ئامراق رىلياتىۋىزىم (نىسپيىزىم) چىلار ئۆزلىرنىڭ زوقلىنىش خاھىشىنى بىرخىل شەخسىي خۇمارغا ئايلاندۇرىۋالغان بولۇپ، بۇنىڭ خەت تولدۇرۇش ئۇيۇنى ياكى شاھمات ئۇيۇنلىرىغا قىزىقىش بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق»(4)  بولغىنىدەك يېڭى شېئرىيەتتىكى بىر قىسىم شائىرلارمۇ چۈشنىكسىز نەزەرىيەلەرنى بازارغا سېلىشنى چۈشنىكسىز شېئىر يېزىپ ئۆزىمۇ چۈشىنىپ بولالمىغان بۇ يېزىق تىزمىللىرىغا قاراپ زوقلىنىشنى كەسىپ قىلىۋالغان. خۇددى جۇگۇاڭچىيەن ئەپەندى يېڭى شېئىرىيەت بىلەن شۇغۇلىنىۋاتقان بىرقىسىم كىشىلەرنى« ئابىستىراكىت پىرىنىسىپ سۆزلەشكە خۇشتار، قۇرۇق گەپ بىلەن باراڭ كۆرسىتىشنى ئۆزىگە كەسىپ قىلىۋالغان، ئۆزى قۇرغان ئىزىم ۋە مافىيە قورغانلىرىنىڭ ئىچىدە مەستۇغەرق بولۇپ يۈرگۈچىلەر»(5)دەپ سۈپەتلگەندەك ئۇلار خۇددى «پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى» دىكىدەك كىيىم كىيمىگەن پادىشاھنى « ۋاي كىيىمى بەك يارىشىپتۇ» دەپ ماختاپ ئاۋارە.

ئۇنداقتا، مەن شېئىرلارنىڭ ئۇچۇق –ئاشكارە بولىشىنى تەشەببۇس قىلماقچىمۇ؟
    ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، لېۋ تولىستوي « ھېكايىدە لاۋزىلىشىپ قېلىشتىن قورقمىساڭ ھەممە گېپىڭنى ئوچۇق ئاشكارە دەۋەرگىن» دېگەن ئىدى. ئەمىلىيەتتە شېئىر تېخىمۇ شۇنداق بولۇپ، ئۇ قىپيالڭاچ پىكىرلەرنىڭ ئوتتورغا چقىشىدىن تېخىمۇ قورقىدۇ. بىر كۆرۈپلا ھەممىنى چۈشىنىش، قاراپلا تېگىگە يىتىۋېلىش بىر شېئىرغا نىسبەتەن ئۆلۈم بولۇپ، شائىرغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەتتۇر. لېكىن ئۇنىڭدا مۇشۇ گۇڭگگىلىققا ئوخشاشلا مۇھىم بىرنەرسە بار بولۇپ، ئۇ دەل شېئىردىكى پىكىر، مەنەدۇر، شېئىردا مەلۇم پىكىر ياكى مەنە بولغاندىلا ئۇنىڭدىكى گۇڭگىلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولىدىغان بولۇپ، مۇئەييەن پىكىر ياكى مەنە بولمىغان شېئىرنى «شېئىرىي بوشلۇق بار، گۇڭگا گۈزەللىك بار»دەپ ماختاش ماھىيەتتە ئۆزىمۇ سەزمەي تۇرۇپ سۆز تىزمىللىرىنىڭ قالايمىقان تىزىلىشىدىن زوق ئالغاندەك قارا يۇمۇر سۆزلىگەن بىلەن باراۋەر. ھازىرقى شېئىرلىرىمىزنىڭ بۇرۇنقى بىر قىسىم شېئىرلاردەك بىر نەچچە ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئۇقۇسا يەنىلا قەلبىتە زىلزىلە پەيدا قىلالماسلىقى مەنچە دەل «يوق پىكىرنىڭ زىيادە ئورىنىۋېلىشى»دىن دۇر.  بۈگۈنكى كىشىلىرىمىزنىڭ بۇرۇنقىدەك شېئىر ئوقۇماسلىقى ۋە شېئىرغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەسلىكىنىڭ سەۋەبى دەل بىر قىسىم شائىرلارنىڭ پىشمىغان پىكىرلىرىنى(پىشمىغان پىكىر شېئىرنى بىز دېگەندەك پەقەتلا تاناسىپلىقى بۇزۇلغان سۆز دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ) تۆكمە قىلىپ، ھەتتا ئۇنىڭ ئېلانىدا ئۆزى چىقىش سەۋەبىدىندۇر.  ئاددىي، دېيىلىپ بولغان بۇنداق پىكىرلەر بىلەن ئىنتايىن تېيىز بولغان بۇنداق مەنىلەر بىلەن سۇغۇرۇلغان بۇنداق شېئىر قەلىبتە ھېچقانداق زىلزىلە پەيدا قىلالمايدۇ، ئاقىۋەتتە خۇددى تۇزغا چىلانغان ناندەك باشقىلار گەرچە ئۇنىڭغا تويمىغان بولسىمۇ ئامالسىز تويغانلار قاتارىغا ئۆتۈپ قول باغلايدۇ ھەم ئۇنىڭغا بولغان زېرىكىش كەيپىياتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خەلىقنىڭ شائىرلارغا تۇيۇنۇپ قېلىشى ئۇلاردىن زېرىكىشىنى، شائىرلارنىڭ خەلق شېئىرمىزنى چۈشەنمەيدۇ دەپ خەلقتىن يامانلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  كىلاسىىك شېئىريىتمىزدە گەرچە بىرقىسىم قاتمال ئىپادىلەش شەكللىرىمۇ يوق ئەمەس بولسىمۇ، لېكىن، تۇيۇنغا ھېكىمەتكە بايلىقى، پەلسەپىۋىلىكنىڭ يۇقىرلىقى بىزنىڭ يېڭى شېئىرىيەت داۋامىدا ئويلىنىپ بېقىشىمىزغا ياكى ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.


(1) رېنى ۋىللىك ،ئوستىن ۋارىن:«ئەدەبىيات نەزەرىيسى»،شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتى،2013-يىل 1-نەشىرى،351-بەت
(2) رېنى ۋىللىك ،ئوستىن ۋارىن:«ئەدەبىيات نەزەرىيسى»،شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتى،2013-يىل 1-نەشىرى،350-بەت
(3) رېنى ۋىللىك ،ئوستىن ۋارىن:«ئەدەبىيات نەزەرىيسى»،شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتى،2013-يىل 1-نەشىرى،350-بەت
(4)رېنى ۋىللىك ،ئوستىن ۋارىن:«ئەدەبىيات نەزەرىيسى»،شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتى،2013-يىل 1-نەشىرى،99-بەت
جۇ گۇاڭچىيەن : «شېئىرىيەت ئىلىمى»، جوڭخۇا كىتاب ئىدارىسى نەشىرىياتى، 2012-يىل 9-ئاي 1-نەشىرى، 2013-يىل 6-ئاي 2-بېسىلىشى.

12

تېما

0

دوست

1009

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   0.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11234
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 290
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-18
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 23:50:30 |ئايرىم كۆرۈش
‹‹كىتاپخانى يوق ئەسەر پايانسىز يېزقىتىن ئىبارەت ››(سارتېر ) ... ساپاسى يوقىر بولغان كىتابخانلار يوقىرى سەۋيىدىكى ئەسەرلەرنى تەلەپ قىلىدۇ ، ساپاسى تۈۋەن كىتاپخانلار قانداق قىلىدۇ ؟...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

11

تېما

15

دوست

2965

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   32.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21614
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 37
تۆھپە : 950
توردىكى ۋاقتى: 243
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 08:41:23 |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى يىزىلغان ماقالىكەن.
يىڭى شىئىر قاپىيەگە بىكىنىش ۋە قىلىپلاشقان ئىماگلارغا بوغۇلۇپ قىلىشتىن خالى شېئىر شەكلىدۇر.كىلاسسىك شېئىرلارنىڭ يىڭى شېئريەتكە ئورۇن بىرىشى بۈگۈنكى شەئىريەتچىلىكنىڭ يۆنىلىشىدۇر.
ياخشى شىئىر شائىردىن پىشقان پەلسەپەۋىي ئارقا كۆرۈنۈش ۋە يىڭى ئىماگ ياساش سەنئىتى تەلەپ قىلىدۇ.

13

تېما

0

دوست

4047

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   68.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11043
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 520
تۆھپە : 892
توردىكى ۋاقتى: 231
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-17
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 10:48:16 |ئايرىم كۆرۈش
مۇھەممەتجان راشىدىن بىلەن ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئىرلىرىدىن ئوخشاش بولمىغان زوق ئالىمەن....يېڭى شېئىرىيەت ئېقىمىنىڭ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە قوشقان مۇۋاپىقىيەتلىرىنى ئىنكار قىلساق بولمايدۇ....ھەممە ئېقىملار بەس بەستە سايرىسا ياخشى ئەمەسمۇ...

10

تېما

0

دوست

1026

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   2.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31172
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 322
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 11:17:59 |ئايرىم كۆرۈش
umun يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 08:41
ياخشى يىزىلغان ماقالىكەن.
يىڭى شىئىر قاپىيەگە بىكىنىش  ...

توغرا ئېيتتتىڭىز ھازىرقى شېئىرلادا  ئىپادىلەش شەكلى ۋە تىل ماھارەتلىرىدە ئۇنچە مەسىلە  يوق مەنچە ئەڭ كەم بولىۋاتقان نەرسە دەل ئۇنىڭدىكى پەلسەپىۋى پىكىرنىڭ كەملىكىدۇر،  بۇ جەھەتتە مېنىڭچە ھازىرقى شائىرلار ئىچىدە ئابدۇقادىر جالالىدىن خېلى ياخشى، چوڭقۇر شېئىرلارنى يېزىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن.

10

تېما

0

دوست

1026

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   2.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31172
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 322
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 11:19:55 |ئايرىم كۆرۈش
alsar يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 10:48
مۇھەممەتجان راشىدىن بىلەن ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئىرلىرى ...

مەنمۇ يېڭى شېئىرىيەتنى بىر نېمە دېمەكچى ئەمەس، بۇ ماقالەمدە دېمەكچى  بولغىنىم يېڭى شېئىرلار ئىچىدىكى بىر قىسىم ھېچقانداق مەنەسى يوق، كاللىسىغا كەلگەننى يېزىپ قويغان ، پىكىرلىرى پىشمىغان، ياكى ناھايىتى ئاددىي بولغان شېئىرلانى دەۋاتىمەن ،خاتا چۈشەنمەڭ.

0

تېما

0

دوست

134

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   44.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33959
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-12
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 11:58:32 |ئايرىم كۆرۈش
سىزدېگەن ئۇنداق شائىرلار تەقلىتچىلەر بولىشى مۆمكۈن

0

تېما

0

دوست

734

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   46.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33827
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 216
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 12:35:29 |ئايرىم كۆرۈش

ھەربىر دەۋرىنىڭ ئۆزىگە خاش شېئىرى بولىدۇ...يېڭى دەۋرىنىڭمۇ ئۆزىگە خاس شۇنداق شېئىرىللىرى بولىشى لازىم ۋە شۇنداق بولىشى كېرەك...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )