قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1041|ئىنكاس: 7
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن نىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

1

دوست

226

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   75.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33956
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 56
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 02:05:56 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
     ئۇيغۇرلار مەركىزى ئاسىيادىكى قەدىمكى مىللەت، ئارىيان- سىكتاي- ساك - تۈركى خەلقلەر تۈركۈمىدىكى مەدەنىيەتلىك خەلق. ئۇلارنىڭ جىسمانى خۇسۇسىيىتى ۋە قان ئالاھىدىلىكى، تىل ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ئالاھىدىلىكى، مىللى ئېتنوگرافىك تۇرمۇش ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى يىراق تارىخى قاتلاملىرىنى، تارقىلىش ماسىشتابىنى، مىللەت مەنبەسى ۋە ھەر خىل تەركىبلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئىقدىدارىنى، ئەجدادلىرىنىڭ بارلىق مۇنەۋۋەر فولكلورى ۋە تۇرمۇش مەدەنىيىتىگە تولۇق ۋارىسلىق قىلىش سالاھىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
                                                                                                                                  _ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

     ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن « ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتى » ناملق ماقالىسىدا: « ئۇيغۇر روھىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئۆرۈپ- ئادەت قاتارلىق تۇرمۇش مەدەنىيىتىدىكى ئىپادىلىرى ئۇلارنىڭ ياۋروپا مىللەتلىرىدەك ئۆز روھىيىتىنى ئىنساننىڭ تەبىئەتكە بولغان ئوق قىلىپ ئۇيۇشتۇرغان تەبىئەت تەقىلىدچىلىكى ۋە تەبىئەت پەلسەپىسى تىپىدىكى مەدەنىيىتكە تەۋە ئەمەسلىكىنى، يىراق شەرق مىللەتلىرىدەك ئۆز روھىيىتىنى ئىنساننىڭ پادىشاھ ۋە ھوقۇقدارغا بولغان مۇناسىۋىتىنى ئوق قىلىپ ئۇيۇشتۇرغان ھوقۇق مۇقەددەسلىكى ۋە ھوقۇق كىشىلىك قاراشلىرى تىپىدىكى مەدەنىيەتكىمۇ تەۋە ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇرلار مەركىزى ئاسىيا، جەنۇبى سىبىرىيە ۋە غەربى ئاسىيا مىللەتلىرىدەك ئۆز روھىيىتىنى ئىنساننىڭ ئىلاھىيەتكە، ئىنساننىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان مۇناسىۋىتىنى ئوق قىلىپ ئۇيۇشتۇرغان پانتېئزىم- تەبىئەت- ئىلاھىيەت- ئىنسانىيەت بىردەكلىكى قاراشلىرى تىپىدىكى مەدەنىيەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ » دەپ يازغان ئىدى. ئالىمنىڭ يۇقىرقىدەك قاراشلارنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۆزىنىڭ دائىرىسى كەڭ بولغان ئىلمىي تەتقىقات پالىيىتىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئۇ ئىلگىر - ئاخىر ئېلان قىلغان « نان ۋە تونۇر » ، « قەدىمقى كۆسەن كىلاسسىك ئۇسۇلى » ، « تۇرپان ئۈزۈمى ۋە تۇرپان شارابى » ، « كۆسەن مەدەنىيىتى ۋە ئۇسۇل سەنئىتى » ، « گۈللۈك دوپپا » ، « كىلاسسىك مەدەنىيەت ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇر » ، « مەدەنىيەت تەرەققىياتى توغىرسىدىكى ئىلمىي قاراش- سىنكېرتىك قاتلام قارشى توغىرسىدا » ، « ئاسىنا مەلىكە ۋە غەربى يۇرت سەنئىتى » ، « سىكتاي- ساك- ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم كىچەك مەدەنىيىتىدىكى ئېتنولوگىيىلىك ئىزچىللىق توغىرسىدا » ، « ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى غەربى يۇرت ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ تارىخى ئۇچۇرى » ، « كۆسەن مەدەنىيىتىنىڭ تارىخى قىممىتى » ، « ئىسلامىيەتتىن كىيىنكى غەربى يۇرت ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ تارىخى ئۇچۇرى » ، « ئۇيغۇر ئەجداتلىرىدا مەي مەدەنىيىتى » ، « ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتى »... قاتارلىق ماقالىلىرىدا ۋە نەشىر قىلىنغان « قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا » قاتارلىق كىتابلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئاھالىلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزنالىرىدىن ئۇچۇر بىرىشنى ۋە ئۇ ھەقتە مەخسۇس توختىلىشنى باشقا تەتقىقات تىمىلىرى قاتارى چىڭ تۇتقان.
     ئالىم تەتقىقات پائالىيىتى جەريانىدا تارىم ۋادىسىدىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيەلىك قىزىلمىلاردا ئەكىس ئەتكەن مەدەنىيەت تىپلىرى بىلەن ساكلار پائالىيەت ئىلىپ بارغان جايلاردىن تېپىلغان، شۇنداقلا ساكلارغا تەۋە بولغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىدىن قىزىۋېلىنغان ساكلارنىڭ ھەمدەپنە بۇيۇملىرىنى ئۆز ئارا سىلىشتۇرۇش، تەتقىق قىلىش، تارىخى مەنبەلەرگە مۇراجەت قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى دەۋىردە ھەقىقەتەن نۇرغۇنلىغان ماددى مەدەنىيەت ئختىرالىرىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارادا ئېتراپ قىلىنغان مەدەنىيەتلىك خەلقلەردىن ئىكەنلىكىدە شەك يوقلۇغىنى، بۇ ھەقتە مۇبادا سىستىمىلىق تەتقىقات ئىلىپ بىرىلسا ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىغا قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش قەدىمى تىخىمۇ تىزلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
     ئالىم « ئۇيغۇر ئەجدادلىرىدا مەي مەدەنىيىتى » دىگەن ماقالىسىدا مەركىزى ئاسىيادا مەي پائالىيىتىگە ئائىت ئەڭ قەدىمكى يازما مەلۇماتلارنى نەقىل كۆرسىتىشتىن باشلاپ تاكى كىلاسسىك ئەسەرلەردىكى مەي تەسۋىرى، تىپىلغان يادىكارلىق بۇيۇملىرىدىكى مەي تەسۋىرى، ھەر قايسى ئەل شائىر- ئەدىپلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەي مەدەنىيىتى ھەققىدىكى قالدۇرغان قىممەتلىك خاتىرىلىرى... قاتارلىقلارنى ئۆز ئارا سىلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق « ئۇيغۇر ئەجدادلىرىدىكى مەي مەدەنىيىتى يىراق قەدىمى زامانلاردىن بېرى مەيدانغا كەلگەن ۋە داۋاملاشقان بىر پۈتۈن ئېتنولوگىيىلىك مەدەنىيەت سىستىمىسىنىڭ ئالاھىدە بىر تارمىقى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ تۇرمۇش قارىشىغا سىڭگەن ئالەم قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى. خەنجەر بىلەن مەي ئالامەتلىرى ھايات- مامات ئالامەتلىرى گەۋدىلەنگەن بالباللار، ھەيكەللەر، رەسىملاردە نۇقتىلىق تەسۋىرلەندى. ئۇ مۇسبەتلىك ۋە مەنپىيلىك، جەڭگىۋارلىق ۋە كۆڭۈل ئازادىلىك، مۇھەببەت ۋە نەپرەت قاراشلىرىدىن پىسخىك ئەخلاقىي قاراشلىرىغىچە بىر پۈتۈن زىدىيەتنىڭ بىردەكلىكىنى روشەن كۆرسەتتى، ئۇ، ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ كۆپ قىرلىق، كۆپكە سىموۋوللۇق مىللىي مەدەنىيەت تارىخىدا خاس فولكلور ۋاستىسى بولۇپ كەلدى » دەپ يازسا، « مەركىزى ئاسىيادا ئىپتىدائى قۇياش ئېتىقادچىلىقى » ناملىق ماقالىسىنىڭ خاتىمە قىسمىدا: « مەركىزى ئاسىيا قەدىمكى ئاھالىسىنىڭ قۇياش ئىلاھچىلىق قاراشلىرى ئۆز تەرەققىياتىدا يۇلتۇز بۇرۇچ، مۆچەل كالىندارچىلىق قاراشلىرى ئەنئەنىسىنى: قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارغا ئالاقىدار گۈزەل ئەپسانىلەرنى: ئۇچار ئات ۋە غايىۋى ئىقلىم توغىرسىدىكى خەلق ھىكايە- چۆچەكلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشتە ھەسسە قوشتى. ئۇ يەنە ئېتنىك مەنىدىكى ھەر خىل نەقىش، زىبۇزىننەتكە ئائىت بۇيۇملىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ مەيدانغا كىلىشىگىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتتى » دەپ يېزىش ئارقىلىق، يېقىنقى يىللاردا ئىلىپ بىرىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقات پائالىيىتى جەريانىدا سەل قارالغان مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىخلىرى ھەققىدىكى يۈزەكىلىكلەرنى تۈزىتىشنىڭ يىپ ئۇچىنى تىپىپ بەردى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ « ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى غەربى يۇرت ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ تارىخى ئۇچۇرى » ، «  ئىسلامىيەتتىن كىيىنكى غەربى يۇرت ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ تارىخى ئۇچۇرى » ، « سىكتاي- ساك- ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم كىچەك مەدەنىيىتىدىكى ئېتنولوگىيىلىك ئىزچىللىق توغىرسىدا » ناملىق ماقالىلىرى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان سەنئەت، قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەبى تارماق مەدەنىيەتلەر ھەققىدىكى ئەڭ ئىخچام، ئەڭ مېغىزلىق، ئەڭ ئىشەنچىلىك پاكىتلارنى ئۆزىدە تولۇق ھازىرلىغان بولۇپ، بۇ ماقالىلارنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىدىغان بولساق بۇ ھەقتە مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولالايمىز.
     بۇ يەردە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ئالىم ۋاپات بولۇشتىن بىر يىل ئىلگىرى يازغان « ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتى » ناملىق ماقالىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى يىلتىزداشلىقى، مەدەنىيەت قاتلاملىرى ئىنتايىن مېغىزلىق بايان قىلىنغان. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلىرىدىن زور كۆپچىلىكى بىر- بىرلەپ تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ بۇ ماقالىدىكى بايانلار ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتىدىن قىسقىچە مەلۇمات بىرىش بىلەن بىرگە، يەنە ئۇيغۇر تۇرمۇش مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا ۋە ياكى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تۇرمۇش مەدەنىيىتىنى يىزىشتا دەسلەپكى تىزىسلىق رول ئوينايدۇ. بىز ئالىمنىڭ مەزكۇر ماقالىسىدىكى ئاچقۇچلۇق بايانلارنى كۆرۈپ باقايلى: « ئۇيغۇرلار مەركىزى ئاسىيا تىپىدىكى قەدىمكى قەبىلە ۋە خەلقلەردىن تەشكىل تاپقان. جۇڭگو ۋە چەتئەل ئالىملىرى ئۇلارنىڭ مىللەت مەنبەسى توغىرسىدا كۆپ ئىزدەندى. ئۇلار مىلادىيىدىن2000- 3000 يىل ئىلگىرى شىمالى ئالتاي دالىسىدىكى ئاندرونوۋ- مىنوسېنىك رايونلىرىدا ياشىغان. ئارى ( ئارىيان ) قەبىلىلىرى، سىكتاي- ساك خەلقلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئاسىياچە ئاق جىنىسلىق ( ئاق تەنلىك ) ئەجدادلىرى دەپ قاراشماقتا. قەدىمكى جەسەتلەرنىڭ باش سۈڭەك ئانالىزى، قان تىپى، قەدىمكى ئارىيان- سىكتاي- ساك ئەپسانە فولكلورى، كىيىنىش ۋە مۇزىكا، ئۇسۇل، بايرام، سەيلى- مەرىكىلىرى بۇ مۇھاكىمىگە كۈچلۈك ئىسپات ھازىرلاپ بەردى. قىسقىسى، ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ ئارىيان- سىكتاي- ساك خەلقلىرىنىڭ يىراق ئەۋلادى، تۈركي تۈركىمىنىڭ يىقىن ئەۋلادى ھىساپلىنىدۇ.
     ئۇيغۇرلار مەركىزى ئاسىيادىكى قەدىمكى مىللەت، ئارىيان- سىكتاي- ساك- تۈركي تۈركىمىدىكى مەدەنىيەتلىك خەلق. ئۇلارنىڭ جىسمانى خۇسۇسىيتى، مىللى ئېتنوگرافىك تۇرمۇش ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى يىراق تارىخى قاتلاملىرىنى، تارقىلىش ماسىشتابىنى، مىللەت مەنبەسى ۋە ھەرخىل تەركىبلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى، ئەجدادلىرىنىڭ بارلىق مۇنەۋۋەر فولكلورى ۋە تۇرمۇش مەدەنىيىتىگە تولۇق ۋارىسلىق قىلىش سالاھىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
     ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن، ھەممە شەرتلىرى مۇكەممەل ئېتنولوگىيىلىك مىللەت ئىكەنلىكى شۈبھىسىزدۇر. ئۇيغۇرلار تارىخى ۋە تۇرمۇش مەدەنىيىتى بۇ ھۆكۈمنى ھەر تەرەپلىمە ئىسپاتلايدۇ.
     گەرچە ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن پۈتكۈل ئىجادىيەت ھاياتىدا يازغان كىتاپ، ماقالە، شېئىر، نەسىرلىرىدە ھامان ئۇيغۇر مەدەنىيەت تىندۇرمىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ ماڭغان بولسىمۇ، لىكىن بۇ ھەقتە مەخسۇس چوڭ ھەجىملىك ئىلمىي ئەسەر يازمىغان. چۈنكى، مىنىڭچە ئالىم ئاخىرقى تىنىقىغىچە ئىجات قىلغان ئەسەرلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى قەلەم تەۋرەتمىگەن، تەۋرەتكەندىمۇ چوڭقۇرلۇققا يۈزلىنەلمىگەن تېمىلاردۇر. ئەمما مەدەنىيەت تارىخى ھەققىدكى تېمىلار بولسا تازا چوڭقۇر بولمىسىمۇ، ھەر ھالدا خېلى ياخشى يېزىلىپ كىلىۋاتىدۇ. ھەتتا مەخسۇس بىر قانچە يىل ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغانلارمۇ مەيدانغا كىلىۋاتىدۇ. شۇڭا ئالىم باشقىلار جۈرئەت قىلسا يېزىش ئىمكانىيىتى بولغان تېمىلار ئۈستىدە مەخسۇس توختالماي، ئەسەرلىرىدە پارچە بايان ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يەنى مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەتقىقاتىدا سەل قارالغان تەرەپلەرنى تولۇقلاپ ماڭغان. ئېيتقانلىرىمىز گەرچە بەزىلەرنىڭ ئىدىيىسىدىن تولۇق ئۆتمىسىمۇ، لىكىن ئۇلار ئالىمنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ چىقىدىغان بولسا، سۆزىمىزگە قايىل بولىدۇ، ئەلۋەتتە.
     ئاخىرىدا شۇنى قەيت قىلىش زۆرۈركى، مۇبادا ۋاقىت، شارائىت يار بىرىپ بىز ئالىمنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنى تەپسىلى تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ چىقىپ، ھەر بىر ئەسىرىدە ئۇچرىغان مەدەنىيەت دىتاللىرىنى خاتىرىلەپ ئاخىرىدا بىرلىككە كەلتۈرىدىغان بولساق، خېلىلا مۇكەممەل بولغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى ئوقۇشلۇقىنى ۋۇجۇتقا چىقىرالىشىمىز تامامەن مۇمكىن.

مەنبە: ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن  مەدەنىيەت دالاسىغا سەپەر ( ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش).


0

تېما

0

دوست

186

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33787
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 19:25:56 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھۇما تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-4 19:28  

ئالىمنىڭ ئىسلامىي ئۆزلىكى ھەققىدە ئېيتقانلىرى (1)

    «بىر مۇسۇلماننىڭ (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنى دېمەكچى) بۇددىزىم تەتقىقاتىدا قانچە-قانچە كىتاپ كۆرۈشى، قانچە-قانچە بۇددا ئىبادەتخانىسىنى زىيارەت قىلىشى، قانچە-قانچە ئىكون(بۇت) بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىغا توغرا كېلەتتى- (ھە!). »


    «  ‹غەربى يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى› ناملىق كىتابىم شىنجاڭدىكى بۇددا دەۋرى سەنئەت خەزىنىسى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىم ئاساسىدا يېزىلدى. بۇ كىتاپنى يېزىشتا تۆت نەرسە تۈرتكە بولغان، ئۇلار: (1) بۇ خەزىنىلەرنىڭ سۇ ئامبىرى قۇرۇلىشى، ئوغۇت توپلاش ۋە ۋاقىت ئېكەكلىرىدە بۇزۇلۇپ بېرىشى؛ (2) سىتەيىن ۋە شاڭدا ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ تارىمدا ئەسلىدە مەدەنىيەت بولمىغان، تارىم مەدەنىيىتى ھىندىستان مەدەنىيىتى ئېشىندىلىرىدىن تەركىپ تاپقان دېگەن قارىشى؛ (3) بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئۆز زامانىدىكى بىرىنچى دەرجىلىك بەدىئىي قىممىتى؛ (4) خەلقتىكى ئۇنتۇلۇش روھىيىتى. مەن بۇ خەزىنىنى ئىزاھلىغۇم كەلدى. ئىككى قېتىم (قولۇمغا) قەلەم ئېلىپ تاشلاپ قويدۇم. بۇددىزىمنى تەتقىق قىلىش، ئەنگىلىيە، گىرمانىيە، ياپونىيە، روسىيەگە ئېلىپ كېتىلگەن تاشكېمىر جاۋاھىراتلىرىنىڭ رەڭلىك فۇتۇ سۆرەتلىرىنى ئالدۇرۇش ئارقىلىق ئاندىن كىتاپنى راۋان يېزىشقا كىرىشتىم ۋە ئۇنىڭ خەنزۇچىسىنىمۇ ھازىرلىدىم. بۇنداق يۇقۇرى مالىيە فوندى ئاساسىدا يارىتىلغان ئۇلۇغ خەزىنىنىڭ بىر مۇختەسەر ئورنەك كىتاپ شەكلىدە بولسىمۇ «ئۆلمەسلىك» سۈيىدە چۈمۈلدۈرىلىشىنى ۋە ئەبەدىيلىك مومىياسى ھالىتىدە ساقلىنىشىنى قانداق قىزغىنلىق بىلەن ئىزدەندىم-ھە!  بىر مۇسۇلماننىڭ بۇددىزىم تەتقىقاتىدا قانچە-قانچە كىتاپ كۆرۈشى، قانچە-قانچە بۇددا ئىبادەتخانىسىنى زىيارەت قىلىشى، قانچە-قانچە ئىكون(بۇت) بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىغا توغرا كېلەتتى.»
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

186

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33787
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 19:38:44 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھۇما تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-4 20:19  

ئالىمنىڭ ئىسلامىي ئۆزلىكى ھەققىدە ئېيتقانلىرى (2)

   «مەن ئاق سەللىنى كۆپ كۆرگەن، كىچىكىمدىمۇ ئورىغان، بىراق موللا بىلالنىڭ «يۈسۈپ چاڭموزا» داستانىدىكى پىرسۇناژنىڭ يېشىل سەللىلىك ئىكەنلىكىنى پەقەت كىتاپ يۈزىدىلا ئوقۇغانىكەنمەن.» («يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت» 329-بەت)

0

تېما

0

دوست

186

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33787
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 20:16:58 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھۇما تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-4 20:19  

ئالىمنىڭ ئىسلامىي ئۆزلىكى ھەققىدە ئېيتقانلىرى (3)


«مەن مەھەللە مەسچىتىنىڭ ‹ھەر ئۆيدىن بىر ئەركەك نامازغا چىقمىسا بولمايدۇ› دېگەن تەلىپى بويىچە ھېيتگاھ جامەسىدىكى مەشھۇر دىنشۇناس مائارىپچى دوك قارىيھاجىمنىڭ ئابدۇرۇسۇل قارىم دېگەن شاگىرتىدا ئوقۇدۇم.» («مەن مېنىڭ خەلقىم» 54-55- بەتلەر)

0

تېما

2

دوست

1680

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25749
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 534
توردىكى ۋاقتى: 120
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-12
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 20:23:38 |ئايرىم كۆرۈش
ئابدۈشكۈر مۇھەممەد ئىمىن مەھمۇد قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلاردىن كىيىنكى يەنە بىر داڭلىق ئۇيغۇر ئوغلى. بۇ ئۇيغۇر ئوغلى ئىلىمنى چۈشەنگەنلەر ئۈچۈن نۇقۇل تارىخچىلا ئەمەس يەنە تىخى ئارخلوگ ،ۋە پەيلاسوپ.

0

تېما

0

دوست

186

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33787
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 20:39:34 |ئايرىم كۆرۈش
ئالىمنىڭ ئىسلامىي ئۆزلىكى ھەققىدە ئېيتقانلىرى (4)

«قەشقەردە دىندا ئوقۇشقا توغرا كەلدى. ئانام بىر تاۋاق پولۇ ۋە باشقا سوۋغا- سالام بىلەن مېنى ئابدۇرۇسۇل قارىينىڭ ياغ بازىرىدىكى ئۆيىگە ئېلىپ باردى.» («مەن ۋە مېنىڭ خەلقىم» 57-بەت)

0

تېما

0

دوست

969

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   93.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25952
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 304
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 22:53:05 |ئايرىم كۆرۈش
    ئابدۇشكۇر مۇھەممەت ئىمىننىڭ مېنىڭ كۆزۇمنى ئاچقان يېرى-ئۇ يىراق قەدىمقى تارىخىمىزنى كۆز ئالدىمغا كەلتۇردى،قىسمەنلەرنىڭ زىدىيەتلىك پىكىر دىيىشى،ئالىمنىڭ يازغانلىرىنى تارىخى بىلىملەر بىلەن بىرلەشتۇرۇپ ياخشى تەھلىل قىلمىغانلىغىنىڭ يەكۇنى دەپ قارىدىم.لېكىن بىر ئىش بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىمدەك قىلىدۇ،ئۇ بولسىمۇ يىراق قەدىمقىنى قويۇپ تۇرۇپ،بىزگە ئۆزىنىڭ جەسۇرلۇق شەجەرىسىنى قالدۇرۇپ كەتكەن،ئۆزلىرىنىڭ ئەقلى قابىليىتىنى يازما ھالەتتە جاھان ئەھلىگە قالدۇرۇپ كەتكەن،ئۆزلىرىنى تۇرك  دەپ ئاتىغان ئەژداتلىرىمىزنىڭ تارىخىنى كۆپرەك يېزىپ،كۆپرەك سۆزلىشىمىز لازىمدەك قىلىدۇ.  

چارە-تەدبىر ھاما

0

تېما

0

دوست

528

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   5.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13591
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 42
تۆھپە : 126
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-17
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 21:55:14 |ئايرىم كۆرۈش
مەرھۇم ئالىم  ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرىنىڭ تېما دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ،ئۇچۇر زاپىسى مول،ئىلمىيلىكى يۇقىرى،مىقدارى كۆپ.مەن مەرھۇمنى ئىلىمنىڭ كۆپ تۈرىدە يېتىشكەن فارابى،خارەزمى،ئىبنى سىنا،ئەبۇ رەيھان بىرونى،يۈسۈپ خاس ھاجىپ،رۇمى ۋە نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋائىي كەبى كاتتا ئەللامىلار قاتارىدا كۆز ئالدىمغا كەلتۈرىمەن. ئۇنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنى تولۇقى بىلەن ھەزىم قىلىپ ئوقۇپ تۈگەتكەن ئاددىي  بىر ئادەمنىڭ سەۋىيىسىدىمۇ سۈپەتلىك بىر سەكرەش  بارلىققا كېلىدۇ دەپ قارايمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )