- تىزىملاتقان
- 2015-2-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 305
- نادىر
- 0
- يازما
- 27
ئۆسۈش
  2.5%
|
masturam يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 23:47 
مىنىڭچە سىز ئۈچ يىلغۇچە خىلى يەرگە ئاپىرىپمۇ بولۇپسى ...
سىزگە ئۆزۈمنى چۈشەندۈرۈپ بولالماي، بۇ تېما ئىنكاس بىلەن توشۇپ كەتتى.
مەن سوت دىگەن يەرگە ئەڭ ئۆچ، لىكىن باشقىلارنى تىللىسىڭىز، ئۇرسىڭىز، ياكى تامغا ئۈسىۋالسىڭىز ئوخشاشلا سىز زىيان تارتىدىغان ھالەتكە يەتكەندە ئاندىن ئاشۇ يەرگە بىر بىرىپ كۆڭلىڭىزگە تەسەللى بىرىسىز، لىكىن بۇنى سىزدەك ئاق ياقىلىقلار ھەرگىز ھېس قىلالمايدۇ.
مەن بىر قىتىم ئەمەس ئۇلارغا نەچچە قىتىم چىرايلىق دىدىم، ھەتتا ياللانمىلىرىغا ئەمەس، باش دېرىكتورلىرى بىلەن كۆرۈشتۈم، مۇرەسسە مەقسىتىمنى دىدىم، ئاددىسى بىر يىللىق ئۆي ئىجارە پۇلىمنى بەرسە، ھەرگىز دەۋراڭ سالمايدىغانلىقىم، رازى بولىدىغانلىقىم ھەققىدە ئۆتۈندۈم. لىكىن سەمىمىيەتنى ئاجىزلىق بىلىپ ئەخمەق قىلىدىغان تاش يۈرەكلەرگە ئۇنداق گەپ ياقمىدى. شۇڭا بۇ يەردە مۇشۇنداق چىرايلىق گەپلەرگە نائىل بولۇپ ئولتۇرۇپتىمەن.
ئۆينى قايتۇرىۋىتىشكە كۆزۈم يەتمەيدۇ، لىكىن ئەڭ ئاخىرقى كىشىلىك قەدىر-قىممىتىمنى قوغداپ قىلىش تاماسىدا ئولتۇرۇپتىمەن، سىزدەكلەرنىڭ سۆز ئويۇنىغا ئايلانساممۇ... |
|