بىر چاغدا يىنىمىزدىكى بىر توپتا بىر كىشى سۆزلەپ كەتتىكىن مەن بۇ شىۋىگە قاراپ بۇ ئادەمنى خۇددى تۈنۈگۈن ئاتۇشنىڭ ئۈستۈن ئاتۇشتىن چىققان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن. (بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر يۇرتنىڭ ئۆزگىچە شىۋىسى بار، جۈملىدىن ئاتۇشنىڭ ھەرقايسى يىزىلىرىنىڭمۇ شۇنداق.، كىيىن سۈرۈشتە قىلسامبۇ كىشى - يىزا ئىگىلىك ئۇنىۋىرسىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئۈرۈمچىدە ياشىغىنىغا 30 يىل بولغان ئىكەن )شۇ ئارىدا، ئىككى-ئۈچ پارچە ھىكايىسى گىزىت جورنالدا ئىلان قىلىنىپ قالغان ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنىڭ ئاتۇشنىڭ بازىرىغا يىقىن يۇرتتا چوڭ بولغان بىرسى شۇنداق دەپ سالدى، ئۇ ھىلىقى كىشىنى مازاق قىلغاندەك دىدى ھىجىيىپ:
-قەيسەركا، سىزنىڭ سىچۇئەنلىكىڭىز باركەن ماۋەدە .
-نىمە، نىمە دىدىڭ، غۇججىدە ئۆرلىدى جۇدۇنۇم ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ.
-سىزنىڭ سىچۇئەنلىكىڭىزدىن بىسسى باكەن ماۋەدە.... ئۇنىڭ چىرايىدا رەسمى مازاق قىلىش بار، چاقچاق دىگىلى بولمايدۇ.
ئاتۇشنىڭ بارلىق يىزىسىنىڭ ئىچىدە ئۆستۈن ئاتۇشنىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ. شۇڭا ئاتۇشنىڭ باشقا يىزىسىدا تۇغۇلغان بەزىلىرى تۈزكۆڭۈللۈك ۋە دوستانىلىق بىلەن ئەركىلەپ ئۈستۈن ئاتۇشتا تۇغۇلغانلارنى "سىچۇئەنلىك" دەپ چاقچاق قىلىپ قويسا، بەزى ئاز ساندىكى دۆت، ئەقىلسىزلەر ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايراق، ھاكاۋۇرراق تەلەپپۇزدا گەپ قىلىپ قوياتتى، مەن شۇنداق مازپاينەكتىن بىر نەچچىنى كۆرگەن ئىدىم.ئەمدى مەن ماۋۇ جاڭۋانى خىلى پىكىر قىلالايدۇ، ئاز-تولا بىر نىمە يازالىغاندىن كىيىن دىسەم، نۇرغۇن بالىلارنىڭ ئالدىدا شۇنداق دەۋاتمامدۇ؟.
ئۈستۈن ئاتۇش - ئاتا-ئانامنىڭ يۇرتى، مىنىڭ يىلتىزىم شۇ يەردە -دە! كىمدە كىم ئۇنىڭ شەنىگە داغ چۇشۇرىدىغان ئىشنى ياكى سۆزنى قىلسا ئۆچلا بوپ قالاتتىم شۇ كىشىگە بالا چاغلىرىمدىنلا.شۇڭا ئىمانىم قىرىق گەز ئۆرلىدى:
- ئاغزىڭنى چايقىۋىتىپ سۆزلە، ...لاتا....كىمىڭنى شاڭخو قىلىسەن.
---ۋوي ۋوي...
ئۇنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ ئوسال ھالغا چۇشۇپ قالدى، باشقىلارنىڭ ئالدىدا.
كىشىنىڭ غۇرۇرىغا تىگىدىغان گەپنى قىلساڭ ئاشۇنداق ئاھانەت ئاڭلايسەن. شۇندىن كىيىن ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمىدىم. ئۇزۇن يىللاردىن كىيىن بىرسى ئۇنىڭ نەشىكەش بولۇپ كەتكەنلىگىنى ئىيتتى ماڭا.ئەسلى قەلبى گۈزەللىككە، كەمتەرلىككە، كاللىسى ئەقىلگە تولغان بولسا بەلكىم ئۇنچىۋالا زەيپانىلىشىپ كەتمەس بولار ئىدى بۇ بالا.خوش ئەمدى، مەن مۇشۇنداق تۇغۇلغان، ئۆسكەن يەرلىرىمنى سۆيىدىغان ئادەم بولۇپ چىقىپتىمەن قاراڭلا.
مەن ئەسلىدە پامىر ئىتەكلىرىگە جايلاشقان ئاقتۇنىڭ خانتىرەك كەنتىدىكى ئورمانچىلىق مەيدانىدا دىكابىرنىڭ سوغۇق بىر كۈنىدە دۇنياغا كۆز ئىچىپ ئەمدىلا 21 ياشتىن ئاشقان ئاتا-ئانامغا بۇ دۇنيانىڭ ھارارىتى ۋە قىزغىنلىغىنى ئىلىپ كەلگەن ئىكەنمەن. رادىئو ئاڭلاشقا ھىرىسمەن دادامنىڭ ئىيتىپ بىرىشىچە، دادام مەن دۇنياغا كەلگەن كۈنى - بىر مۇسۇلمان دۆلەتنىڭ زىيارەتكە كەلگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئىسمىنىڭ "قەيسەر" ئىكەنلىگىنى ئاڭلاپ ئاتىلارچە مىھىر ۋە تىلەكلەر بىلەن ئىسمىمنى شۇ كىشىنىڭ ئىسمى بىلەن قويغان ئىكەن ۋە شۇ ئىسىمنى قويغان چاغدا مىنىڭمۇ بىر كۇنلەردە ئاشۇ "قەيسەر" ئىسىملىك مۇسۇلمان دىپلوماتتەك ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ باشقا دۆلەتلەرنى كۆرۈپ ياشايدىغان ئادەمدىن بولۇشۇمنى ئىچىدە ئاللاھدىن تىلىگەن ئىكەن. قايسى مىھرىۋان دادا، ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسىغا پارلاق كىلەچەك تىلىمىسۇن-ھە؟
14-يىشىدا ئانىسىدىن، 21-يىشىدا دادىسىدىن يىتىم قىلىپ ئەڭ كىچىكى 5 ياشتا قالغان بىر ئىنى ۋە 5 سىڭىللىرىغا پۈتۈن مەھر-مۇھەببىتىنى بىرىپ ياشاپ كەلگەن ۋە بۇ قىرىنداشلىرىغا كۆرسەتكەن ھىممىتى ئۈچۈن ئۇرۇق-تۇققان ۋە يۇرت جامائىتى تەرىپىدىن تەرىپلىنىدىغان دادام (مەن كىچىك چاغدا كۆپ كۆرگەن، بولۇپمۇ مەشھۇر دىنى ئۆلىما، مەرھۇم مۇھەممەد داموللام تاغىمىزمۇ كۆپ دۇئا قىلاتتى دادامغا، رەھمەتلىك داموللام تاغىمىزنىڭ ياتقان جايى جەننەتتىن بولسۇن، ئامىن) نىڭ دۇئاسى ئىجاۋەت بولغان بولسا كىرەك دەپ ئويلاپ قالىمەن، گەرچە مەن .ئامىرىكىدا ئاددى ۋە ھالال ياشاۋاتقان بولساممۇ.
مەن دەرۋەقە 27 يىشىمدا ئوكيان ئاتلاپ ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ باشقا قىتئەگە ئۇچۇپ كەتتىم ۋە شۇندىن بىرى بۇ ئەلدە ياشاپ كەلمەكتىمەن. (بۇ ھىكايىنى ھەم ئېنگلىزچە يىزىلغان "خاسكېي خاتىرىلىرى" دىگەن يازمامدىمۇ يىزىپ ئۆتتۈم)دادام، مىنىڭ ئىسمىم ھەققىدىكى ھىكايىنى نەچچە رەت سۆزلەپ بەرگىنى ئۈچۈن، بۈگۈن بۇ يازمامدا يىزىپ ئۆتۈشنى توغرا كۆردۈم، مەنغۇ خۇراپى ئادەم ئەمەس، ئەمما ئىتىقادلىق ئادەممەن، دۇئانىڭ خاسىيىتىگە، ياخشى ئىشنىڭ ياخشى نەتىجە بىلەن، يامان ئىشنىڭ ئاقىۋەت بىلەن ئاياقلىشىدىغانلىغىغا ئىشەنگۈچىمەن.
شۇنداق، مەن كىندىك قىنىم تۆكۈلگەن يۇرت - خانتىرەكنى ئۇلۇغلايمەن، ئۇنىڭ شەنىگە ھەتتا مۇنداق مىسرالارنىمۇ پۈتكەنمەن.
خانتىرەك
********
پامىر تاغلىرىنىڭ ئىتىگىدە،
ئاسمانغا ئەڭ يىقىن يەردە.
خانتېرەك دەپ بىر يۇرت بار،
كىندىك قىنىم تۆكۈلگەن شۇ يەرگە.
تاغلىرى ھەيۋەتلىك، ئاسمىنى كەڭ،
ئىقىپ كىلىدۇ چوققىدىن سۇلار.
دۇنيانىڭ پاكلىغى ئۇ يەردە،
پەرۋاز ئەيلەيدۇ شۇڭقارلار.
ياپچانغا تۇتاشقان يوللىرى بار،
ئاقتۇغا يول ئالاتتى پىيادە،
ئىگىز بويلۇق غوجا مامۇتكام.
غەيرەت دىگەن بالىنىڭ دادىسى،
توم قاشلىق ئاۋۇت داۋۇتكام.
ئىشان دەپ ماگىزىنچى بار ئىدى،
دۇكىنىغا يوغۇن تۆمۈر قۇلۇپ سالاتتى.
ئىسىمدە بىر ئىغىز ئۆيىمىزدە،
قۇيماق قۇيماقچى بولغىنى ئانامنىڭ.
ياغنىڭ بۇسىدا باش قىيىپ،
بوسۇغۇدا بىر مەھەل ئولتۇرغىنىم
كۆك خالات بار ئىدى ئۇچامدا،
ئىسىمدە يەنە ئۇنىڭغا قۇسقۇنۇم.
شۇ چاغدا كۆزۈمگە چۈشكىنى،
سازايى قىلىنىپ ماڭغانلار.
بىشىدا بەك ئۇزۇن قالپاق بار،
ۋە يەنە پۈكۈلگەن قامەتلەر.
كەينىدە توۋلايدۇ ۋاقىراپ،
ئادىمى سۈرئەتلىك ھايۋانلار.
مەن بەلكىم بۇلاردىن يىرگەندىم،
بولمىسا خالاتقا قۇسامدىم؟
بەختىمنى ئىزدىگەن ياش دادام،
مۇشۇنداق بىر تىلەك قىپتىكەن:
«بۇ بالام، چوڭ بالام بىر كۈنى،
شۇڭقار بوپ يىراققا ئۇچسىكەن»
خانتېرەك،
مەن سەندە «ئىڭڭەلەپ» كۆز ئاچتىم.
مىھرىم بار قوينۇڭغا ئاتقۇم بار،
قىپ قالغان بوۋاقلىق ھىدىمنى،
پۇراشچۈن توپاڭدا ياتقۇم بار.
سۆيۈملۈك يۇرتلارنىڭ ئىچىدە،
باش قىلىپ ئالدىغا قاتقۇم بار ...
************************************
شۇنداق، مەن بالىلىقىم قالغان ئويتاغ ۋە كەنشىۋەر، ئۇلۇغچات قاتارلىق يۇرتلارنىمۇ سىغىنىپ تۇرۇپ باشقا ئەسەرلىرىمدە ئەسلەپ چىققانمەن، مەدھىيەلىگەنمەن.
ئۈستۈن ئاتۇش - ئاتۇشنىڭ ئورگانىك تەركىۋى قىسمى بولۇش سۇپىتى بىلەن مەن ھەر يىلى تەتىل مەزگىللىرىمنى شۇ يەردە ئۆتكۈزۈپ چوڭ بولغان. گەرچە بۇ يۇرتتا تۇرغان ۋاقتىم ناھايىتى قىس بولسىمۇ يەنى تاكى ئالى مەكتەپكە بارغۇچە ئاساسەن يازلىق تەتىللەردىلا ئۈستۈن ئاتۇشقا كىلىدىغان بولساقمۇ، ئەمما مەن بۇ يۇرت ۋە بۇ يۇرت خەلقىدىن نۇرغۇن نەرسىنى ئۈگەندىم.
بۇ يۇرت خەلقىنىڭ مۇنداق ياخشى ئادىتى بار. ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇققانچىلىق ۋە خۇلۇم-قوشنىدارچىلىق مىھرى چوڭقۇر. بۇلاردىن بىرەرى باشقا يەرگە بىرىپ قالسا شۇ يەردە ياشاپ قالغان مەھەلىلىكلىرىنى ئىزدەپ كۆرۈشۈدۇ، ئۇلارنىڭ بالىلىلىرى ئوقۇۋاتقان بولسا ئۇلارنى يوقلاپ قويىدۇ. مەسىلەن، مەن شۇنداق كىشىلەرنى كۆرگەن، شۇڭا ھازىرمۇ ئۇلارنى ئەسلەپ ئىچىمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ تۇرىمەن. بىر يۇرت سۈپىتىدە مەرىپەتكە ئىنتىلىدۇ. بالىلىرىنى ئوقۇتۇشقا ئالاھىدە ئىتىۋار بىرىدۇ، ئوقۇغانلارغا، ئوقۇيالايدىغانلارغا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلدۇرىدۇ. خەلقى تەنتەربىيەگە بولۇپمۇ چىلىش، ۋالليبول، فۇتبول (بەلكىم مۇسابايوپلارنىڭ تەسىرىدىن بولسا كىرەك) دىگەندەك تۈرلەرگە بەك ھىرىسمەن كىلىدۇ. كەنتلەر ئارا ھەر يىلى دىگۈدەك مۇسابىقە ئىلىپ بارىدۇ. بۇنداق پائالىيەتنى ھەتتا قەشقەردىن ئۆي ئىلىپ قىشنى شۇ يەردە ئۆتكۈزىدىغان دادام، ئاتۇشتا خىزمەت قىلىدىغان ئىنىممۇ چىقىپ كۆرىدىكەن، ماۋۇ مەرگىزى مىللەتلەر ئىنستىتوتىنىڭ دوكتۇر ئاسپىرانتى، - تىلىۋالدى سىدىقنىڭ بۇ قىتىم ئۆز كەنتىنىڭ ئارىيىتى ئۈچۈن مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۇچۇن ئايرۇپىلان بىلەن ئۇستۇن ئاتۇشقا يىتىپ بىرىپ مۇسابىقىگە چۇشكىنىنى نىمە دەيسىلە؟ ئاجايىپ روھ جۇمۇ ئۇ!
مەن كىچىگىمدە بىلىدىغان ئۇستۇن-ئاتۇشنىڭ ھاۋاسى ۋە ئادەملىرى ساپ،ھەم پەدىشەپ بىلەن ياشايدىغان خەلق بولۇپ جىنايەتنىڭ يۈز بىرىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بىر يۇرت ئىدى. خىلى بىر ۋاقتقىچە كىشىلەر ئۆيىگە قۇلۇپ سالماي بەك ئىشىپ كەتسە لوك قۇلۇپ سىلىپ ياشايدىكەنتۇق، مەن ئۆسمۇر چىغىمدا شۇنداق لوك قۇلۇپ سىلىنغان ئۆيلەرنى كۆرگەن ئىدىم، دىمەك بۇ يۇرتتا ئادەملەر ئارا ئىشەنچ كۈچلۈك، ئوغرى يالغان ئاساسەن يوق دىگەن گەپ شۇ چاغلاردا، بەلكىم ھازىرمۇ شۇنداقتۇ!!
بۇ يۇرتنىڭ ئادەملىرى تولىمۇ ئۆزىنىڭ "يۇزىنى ئايايدىغان كىشىلەردىن بولۇپ" تۇرمۇش تەس چاغلاردائۆزىنىڭ قوشنىسى "1000 قىشقا 10 كوي بىرەي قۇيۇپ بەرگىن دىسە ئۇنىماي" تاققا چىقىپ قىرغىزلارنىڭ 1000 قىشىنى 9 كويغا قۇيىدىغان ئادەتلىرى بولىدىغان ... بەلكىم ئۇ خىل پىسخىكا ئۆزگەرگەندۇ بۇ چاققىچە.
مىنىڭ ئالاھىدە سىغىنىش بىلەن ئەسلەيدىغىنىم يەنە ئۈستۈن ئاتۇش خەلقىنىڭ ئۆزگىچە شىۋىسىدۇر. ھەتتا بىر كەنت بىلەن بىر كەنتنىڭ ئارىسىدىمۇ بەزى سۆزلەردە پەرق بار. مەسىلەن قايراق تەرەپتە مەن كىچىك چاغلاردا مۇنۇ گەپنى كۆپ ئىشلىتەتتى.
مۇتىللا، ئەنبەرنىساغا دەيدۇ:
- ساۋۇتكامنىڭ سارىسىدا (سايىسىدا) يىتىپ ئۇخلاپ قاسام موزىرىم (موزىيىم)، بۇغدىرىمنى (بۇغدىيىمنى) يىۋاپتۇ
-"ئىنچە؟" دەيدۇ بۇنىڭغا چۈمپۈتمىگەن ئەنبەرنىسا.
-"قۇراننىسۇ" دەيدۇ مۇتىللا ئۆزىنىڭ دىگىنىنىڭ راستلىغىنى قەيت قىلىپ.
مەنمۇ دادام تەرەپتىكى تۇققانلارنىڭ بالىلىرى بىلەن ئوينىغاندا كۆپ ئىشلەتكەن بۇ سۆزنى، لىكىن تازا مەنىسىنى بىلىپ كەتمەپتىكەن. كىيىن ئويلىسام، ئۇ "ئەنت ئىچ يەنى قەسەم قىلە" ۋە "يالغان دىگەن بولسام قۇرئان ئۇرسۇن" دىگەن گەپلەر ئىكەن.
ئەمدى ئانام تەرەپتىكىلەر ئاشۇنداق سۆھبەتتە بولسا، ئۇلار مۇنداق دەيدۇ:
تۇسۇنھاجىم دەيدۇ بىلىقىزغا:
تۇرسۇن شەپەشنىڭ بالىسى تاشقوغاندىن خوتۇن ئەكەپتۇ.
-يالغان سۆزلىمىگىنا بى دەيدۇ بۇنىڭغا ئىشەنمىگەن بىلىقىز.
- ھارام بولسۇن دەپ جاۋاپ قىلىدۇ تۇسۇنھاجىم ئۆزىنىڭ گىپىنىڭ راستلىغىنى تەستىقلاپ.
ئۇنىڭدىن سىرت ئۇلار گەپ قىلىشقاندا ئاجايىپ تاتلىق سۆزلىشىپ كىتىدۇ، مەسىلەن: ۋاي ماڭ قايلا، نىم دەدىغانسە دەمە؟ بۈگەن نە ۋاداڭ؟ ھەتتا تويلاردىمۇ قايراق ۋە ئوچا تەرەپنىڭ قائىدىلىرىدە مۇئەييەن يوسۇندا پەرق بار. دىمەك قىزىق يۇرتمىكەن خالايىق، بۇ!مەن تويۇمنى ئۈرۈمچىدە قىلىپلا قۇتۇلغان بۇ تەڭقىسلىقتىن جۇما، قايراقنىڭ پەدىسىدە قىلساق نۇرغۇن "قوي" سويۇلۇپ كىتىدۇ ھەر يەردىن كەلگەن مىھمانلارغا بىر ئۆيگە بىردىن قوي تارتىپ ، ئوچار پەدىسىدە قىلساق، "مىھمانخانا قىزىتىمىز دەپ مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ ئوڭ ئايلىنىپ كىر دەپ تالاغا چىقىرىۋىتىدۇ....:):) چاقچاق -ھە؟ ھۇ ئاتۇشلۇق خەسىس دەپ قالماڭلا، جامائەتكە سويمىغان قوي بولدىلا تاغقا قىچىپ كىتىپ موماننىڭ قوتىنىغا كىرىپ كەتسۈن. ئۈرۈمچىدە توينى تۈگۈتۈپ بارغاندىن كىيىن قايراق سايدىكى ئۆيىمىزدە جامائەتكە توي ئىشى بەردۇق، ئەلۋەتتە. ئاتا-بوۋىمىزدىن بۇيان داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ئۆرپ-ئادەتكە ۋارسلىق قىلمىساق بولمايدۇ دېتمە مەتتۇسۇن مەتقايىم.....
-ئۇندىن سىرت، بۇ يۇرتنىڭ كىشىلىرى-بىر- بىرىنى يىقىن كۆرۈپ ئۆزئارا "سەن" لىشىپ گەپ قىلىپ كىتىدۇ. مۇنۇ كۇچار تەرەپنىڭ ئادەملىرى بەك سىلىق بولىدىكەن. قېينى ئانام رەھمەتلىك دەپ كىتىدىغان (ئاللاھ ياتقان جايىنى جەننەتتىن قىلسۇن، ئامىن!)
- مۇشۇ ئاتۇشىڭ ئادەملىرى قوپالراق بولىدىكەنسىلە ھە، كىمنى بولسا سەن دەپ چۈشۈپ...ماۋۇ ئادەممۇ شۇ (قېينى ئاتامنى دىمەكچى)
-ۋاي، ئۇ يىقىن كورگەنلىك ئاپا، مانا مەن قىزلىرىنى ئاغزىمدا سەن دىگىنىم بىلەن كۆڭلۈمدە قەن دەپ ياخشى ئۆتۈۋاتمامدىم؟
بۇ يۇرتنىڭ ئادەملىرىدە مەھەللىدە چوڭلارنى، كىسەلچانلارنى سورايدىغان، نامراتلارغا يۆلەنچۇك بولىدىغان، مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغانلارنى مۇكاپاتلايدىغان ئىسىل ئەن-ئەنە بار (باغداشتا ئىلان قىلىنغان ساي كەنتى ھەققىدە مۇھەببەتلىك سۆزلىرىم دىگەن ماقالىگە قارالسۇن) ھەمدە بۇ يۇرت كىشلىرى ئۆزلىرىىنىڭ ياخشى نەرسىلىرىنى باشقىلارغا ئۈگۈتۈشتە ئاكتىپ بولۇپ كوللىكتىپ ئېڭى يۇقۇرى. مەسىلەن چوڭ دادام ئەمەت باقى ۋە تاغام زەيدىن ئەمەت -80-يىللارنىڭ بىشىدا بىر كۈنى قەشقەرگە پەيزىۋاتتىن تۇرمۇشتا چىقىش يولى ئىزدەپ كىلىپ قالغان 17-18 ياشلىق بىر بالىنى ئۇچرىتىپ ئوچارغا ئىلىپ كىلىپ ئۆيىدە 3-4 يىل تۇرغۇزغان ئىدى. ئابلىكىم ئاكا شۇ چاغدا بىزدىن 5-6 ياش چوڭ بولۇپ بەك ئىشچان، ئاق كۆڭۈل، سەمىمى يىگىت ئىدى. بىز ھەممىمىز ياخشى كۆرەتتۇق. ئابلىكىم ئاكا بىزنىڭ چوڭ دادامنىڭ ئۆيىدە تۇرۇش جەريانىدا چوڭ دادامدىن تىجارەتنىڭ يوللىرىنى ئۈگەندى. بەزى نەرسىلەرنى ئاشۇنداق كۆرۈپ ۋە ئويلاپ ئۈگۈنۈدىغان گەپكەن. كىيىن ئانام ئامىرىكىغا كەلگەندە سورىسام، ئابلىكىم ئاكا بىلەن چوڭلانىڭ مۇناسىۋىتى بار ئىكەن ئابلىكىم ئاكا پەيزىۋاتقا قايتىپ كەتكەندىن كىيىن تىجارەت قىلىپ خېلى بىيىپ كىتىپتۇ. ئاڭلاپ خوش بولدۇم.
بۇ يۇرت ئادەملىرى قىلىشىدىغان سۆزلەردىن مىنىڭ قۇلىقىمغا ئەڭ تاتلىق ئاڭلىنىدىغىنى -چوڭلارنىڭ بىزدەك كىچىكلەرنى مۇنداق شىرىن سۆزلەر بىلەن ئەركىلىتىپ كىتىشلىرى ئىدى:
"ئەر، ئەر خۇدا ھۆمرىڭنى بەسۇن. ئالغان كۈلۈڭ كۈمۈچ، ئالغان توپاڭ ئالتۇن بولسۇن...دەپ دۇئا قىلىشلىرى بولسا، ھازىرغىچە كوز ئالدىمدىن كەتمەيدىغىنى ۋە مىنىڭ خاتىرەمدە ئەڭ ياخشى ئورنىغان بىر ئىشى كەمچەت تۇماق كەيگەن چوڭ ئاياللارنىڭ كىچىكلەرنى كۆرسە ئەركىلىتىپ مەڭزىگە سۆيۈپ قويۇشلىرى ۋە يانچۇقىغا سىلىۋالغان بىرەر تال كەمپۇت، گۈلە، جىدگىلەرنى كىچىكلەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويىشى ئىدى. نىمە دىگەن ئۇرغۇپ تۇرغان ئىنسانى مېھرىۋانلىق-ھە ئۇ؟
ماڭا ئاجايىپ تەسىر قىلغىنى، تۇرمۇش قاتتىق، ماددى ئەشيا كەمچىل ئاشۇ چاغلاردا تۇققانلارنىڭ مۇنۇ شىرىن سۆزلەر بىلەن ئەڭ ياخشى نەرسىسىنى "ئۇگاتلىق مىھمان" دەپ بىزدەك يىلدا بىر قىتىم كىلىدىغانلارغا ئاياپ مىھمان قىلىپ كۇتۇشلىرى ۋە "جىنىم ئانام، بىر پىيالە قايمىقىم بار، ھورنان قىلىپ بىرەي، چامغۇر كۆكىدە كۆك چۆشۈ )كۆك چۆچۈرە( ئىتىپ بىرەي دىيىشلىرى ۋە ياكى يازدا پۇراپ قالمىسۇن دەپ ئۇننىڭ ئارىسىغا سىلىپ قويغان قوي گۆشلىرىد قورۇما شورپا قىلىپ بىرىشلىرى ئىدى.
ئېھ، ئەجدادلىرىمنىڭ كىندىك قىنى تۆكۈلگەن ئاتۇش، ئاتا-ئانامنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئۈستۈن ئاتۇش، ئەي مەن چوڭ بولغان تاغلىق ماكانلار مەن سىلەرنى نەپىسىمنىڭ ئاخىرىغىچە سۆيىمەن، بۇ مۇقەددەس سۆيگۈنى ئۆز پۇشتۇمنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرىمەن!.