- تىزىملاتقان
- 2014-8-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 89
- نادىر
- 0
- يازما
- 5
ئۆسۈش
  29.67%
|
ھەممەيلەن سۇغۇققان بۇلايلى، مىنىڭچە يېزىق ئۆزگەرتىش مەسلىسى بىز ئەمدى تىلغا ئالىدىغان مەسىلە ئەمەس.ئالدى بىلەن بىز بۇ يېزىقنى مىڭ يىللاردىن بىرى ئشىلىتىپ كەلدۇق، ئاسانلىقچە ئۆزگەرتسەك بولمايدۇ، بىزنىڭ ئۇنى ئىشلىتىپ يېزىلغان مىڭ يىللىق مىراسلىرىمىز بار.كىيىنكى ئەۋلادلار ئۇنىڭدىن مۇشۇ يېزىقىمىز ئارقىلىق رۇھى ئۇزۇققا ئىرىشسۇن.ئىككىنچىدىن :ئىلگىرى ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپيوتېر ۋە باشقا ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرىگە تۇنۇتۇشتىن غەم قىلىپ يېزىق ئۆزگەرتىشنى ئويلاشقان، ئەمدى ئۇ مەسىلە تۈپتىن ھەل بولدى.ئۈچىنچىدىن:ھازىر بالىلىرىزىمىز ئۈچۈن ئانا تىل يېزىقىنى ئۈگىنىش، دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇتىلى، ئالى مەكتەپلەرگە بارغاندا ئىنگىلىز تىلى ئۈگىنىش جىددى .ئۆز ئىستىقبالىمىز ئۈچۈن بۇلارنى ئۈگەنمىسەك بولمايدۇ. بۇلارنى ئاساسى جەھەتتىن ئۈگەنگەن بالىلار تۈرلۈك ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشلاردا قىينالمايدۇ. تۆتىنچىدىن:ئىلگىرى يىڭى يېزىق ئۈگەنگەنلەر بىز كونا يېزىقىمىزنى ئىشلەتكەندىن كىيىن ساۋاتسىز ھىسابلىنىپ دۆلەت نۇرغۇن مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى ئاجرىتىپ ئىككى ئاساسەن خىزمىتى داۋامىدا ساۋادىنى چىقاردى، چىقمىغانلىرى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراۋاتىدۇ.بۇنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقانلار كۆپ، يېزىق ئۆزگەرتىلسە يەنە نەچچە مىليۇن ساۋاتسىز پەيدا قىلىمىزمۇ؟تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىلىم پەندە ئارقىدا قالغان بىزلەرگە نىسبەتەن بۇ ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلغانلىق.مىنىڭچە يېزىق ئۆزگەرتىشنىڭ پايدىسى قىلدەك، زىينى پىلدەك.مىنىڭچە ھازىرقى مائارىپ سىياسەتلىرى ، ئۇسۇللار ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن، ياخشى.تىرىشىپ ئۈگەنگەنلەرگە يول ئۇچۇق،مەسىلە دىسەك ھەممە ساھە ، ھەممە يەرلەردە بار.ئۇنى بارغانسىرى ھەل قىلىپ كەتكىلى بۇلىدۇ. بۇنداق گەپلەرنى، ئارتۇقچە تالاش-تارتىشلارنى قۇيۇپ ئۆزىڭىزمۇ تىرىشىڭ، بالىلىرىڭىزنى ياخشى تەربىيلەڭ. |
|