قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 586|ئىنكاس: 1

ۋەتىنىم سۈت بەرگەن ھالال ۋە ئاپئاق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

4

دوست

776

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   55.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33131
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 260
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 02:42:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەتىنىم سۈت بەرگەن ھالال ۋە ئاپئاق
تۇردى لېتىپ
   دۇنيادا ھەرقانداق بىر ئىش-ھادىسنىڭ ئۆز قانۇنىيىتى بولىدۇ، ئەشۇ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىنماي ئېىلپ بېرىلغان ھەر قانداق بىر ھەرىكەت ئەكسىچە ناچار ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ. ھەر يۇرت، ھەر قەۋمنىڭ ئۆزىگە تۈشلۇق قائىدىلىرى بولىدۇ. باشقا يۇرتتىن كەلگەنلەرنىڭ ئۆزگە يۇرتتا شۇ يۇرتنىڭ قائىدە تۈزۈملىرىنى تولۇق بىلىپ كەتمىكى ئاسانغا چۈشمەيدۇ.
   ياپونىيە تۇپرىقىغا ئەمدىلا قەدەم باسقان بىر يۇرتداشنىڭ كەلگەن كۈنىنىڭ ئەتىسىلا «بىر مۇش» بىلەن تارتۇقلىنىشىمۇ شۇ يەرنىڭ قائىدىلىرىنى بىلمىگەنلىكىدىن بولغان. بىز ياشاۋاتقان مۇشۇ يۇرتتا ھەر كۈنى ئەتىگىنى ئىشىكتىن چىقىشتىن ئاۋال ئۆيىدىكى تاشلىۋېتىشكە تېگىشلىك ئەخلەتلەرنى خالتىغا يىغىپ ئېلىپ چىقىپ تېگىشلىك ئورۇنغا تاشلىۋېتىش بەكمۇ نورمال ئىش. شۇنىڭغا كۆنگەن بىر ياش ياپونىيەگە بارغان كۈنىنىڭ ئەتىسى كونا ئادىتى بويىچە بىر ئاخشاملىق شەخسىي تۇرمۇشتا ھاسىل بولغان تەييار چۆپنىڭ قېپى قاتارلىق ئەخلەتلەرنى خالتىغا يىغىپ ئۆيدىن چىققۇچە قولىغا ئېلىۋاپتۇ. كوچىغا چىقىپ قارىغۇدەك بولسا ھېچ بىر توپلىشىپ ئەخلەت تاشلايدىغان «ئەخلەتخانا» كۆرۈنمىگەن، ئۇ يان قاراپ بۇ يان قاراپ قولىدىكى ئەخلەتنى تاشلىۋەتكۈدەك ھېچ بىر مۇۋاپىق ئورۇن تاپالماپتۇ. بۇ خەقنىڭ يۇرتى ئەجەپ پاكىزكىنە دەپ ئويلاپ تۇرغىنىدا يولنىڭ ئۇ قېتىدا بىر كىچىككىنە ئەخلەت ساندۇقى كۆزىگە چېلىقىپتۇ. ئاخىرى تاپتىپ دەپ قولىدىكى ئەخلەتنى يولنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ، ئۇتتۇر بېرىپ ئۆزىگە «ئەخلەتخانا» كۆرۈنگەن ئەشۇ قاپقا تاشلاپ قويۇپ يولىغا راۋان بوپتۇ.
   كەچلىكى ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ ئەمدىلا دېمىنى ئېىلپ تۇرۇشىغا ئىشىك قاتتىق چېكىلىپتۇ، بېرىپ ئىشىكنى ئاچقان بار سىرتتىن ئۇچۇپ كىرگەن بىر مۇش ئۇنى ئارقىغا ئۇچۇرىۋېتىپتۇ. خۇدىنى يوقىتىپ بىر ھازا ئۆتكەندىن كېيىن ئېسىگە كېلىپ بۇ يۇرتتا شۇنداق قارا جەمئىيەتمۇ بارمۇ نېمە، ناھەق ئادەم ئۇرىدىغان دەپ ئويلاپ دەردىنى ئىچىدە بىلىپ بىر مەزگىل ئۈندىمەي ئۆتىۋېرتىپتۇ. يەنە خىيالىدا يوق ھەر كۈنى سەھەرلىكى ئەخلەتنى ئېلىپ چىقىپ يولنىڭ قارشىسىدىكى قاپقا تاشلاپ قويۇۋېرىپتۇ. كەچلىكى كېلىپلا يەنە بىر مۇش يەپتۇ. شۇ تەرىقىدە بىر مەزگىللىك بىر مۇش يېيىشتىن كېيىن تاياق يېيىش بىلەن ئەخلەت تاشلاشنىڭ باغلىنىشى بارلىقىنى ئاندىن بىلىپ يېتىپتۇ. ئەسىلىدە يولنىڭ قارشىسىدىكى كىچىك قاپ شۇ ئۆي ئىگىسىنىڭ ۋاقىتلىق ئەخلىتىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قويۇلغان شەخسىي ئەخلەت ساندۇقى بولۇپ باشقىلارنىڭ ئەخلىتىنى زىنھار قوبۇل قىلمايدىكەن. بۇ يەردە ھېچكىممۇ بۇ قاپقا ئەخلىتىنى تاشلاپ باقمىغان ئىكەن. ھەر كىشى ئۆز ئەخلىتىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن بۇ يۇرتتا ئەگەر بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك ئەخلىتى بولسا ھەر كۈنى سەھەردە ئۆز قەرەلىدە كوچا ئايلىنىپ كېلىپ كېتىدىغان ئەخلەت ماشىنىسىغا ئەخلەتلىرىنى تۈرى بويىچە تاشلاپ بېرىشى كېرەك ئىكەن. لېكىن بۇ يېڭى كەلگۈچى بۇلاردىن خەۋىرى يوق، ھەممە ئىشقا ماڭىدىغان چاغدىلا ئۆيىدىن چىقىپ ئەخلىتىنى باشقىلارنىڭ سېۋىتىگە تاشلاپ قويغان ئىكەن. ئەخلىتىنى باشقىلارنىڭ سېۋىتىگە تاشلاپ قويۇشنى خۇددى باشقىلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا تەرەت قىلىپ قويغاندەك ئېغىر ئالىدىغان ياپونىيەدە قارشى تەرەپنىڭ دەر غەزىپىگە ئۇچراپ، ئەخلەت تاشلاش بەدىلىگە بىر مۇش سوۋغا قىلىنغان ئىكەن.
     دەپ كەلسەك بۇنداق ھىكايىلەر بەكمۇ تولا، بەلكىم باشقىلارمۇ بىزنىڭ يۇرتقا كېلىپ، قانداق قىلارىنى بىلەلمەي بېشى قاتقان ئىشلار بولغان بولغىيتتى. مەيلى قانداقلا ئىش بولمىسۇن ھەر يۇرتنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قائىدىسى بولىدۇ. بۇنداق قائىدىلەر شۇ يۇرتتا ئۆسۈپ چوڭ بولغان كىشىلەرنىڭ سۆز ھەرىكىتىگە تەبىئىيلا سىڭىشىپ كەتكەن بولىدۇ. بۇلارنى باشقىلارنىڭ تولۇق بىلىپ كەتمىكى ھەقىقەتەن ئاسانغا چۈشمەيدۇ. بۇلارنى بىلىش جەريانىدا ياقتۇرۇپ قېلىپ ئۆزىنىڭكىدىن ۋاز كېچىشمۇ ياخشى ئىش ئەمەس. باشقا يۇرتنىڭ ئەلىم تەلىمىنى بىلىپ كېلىپ ئۆز يۇرتىنى ئۇنتۇپ قالىدىغانلارمۇ خېلى كۆپ. ئەسلى توغىرىسى باشقىلارنىڭكىنى بىلىش بەدىلىگە ئۆزىنىڭكىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ قەدىرلىشى كېرەك ئىدى.
   تۆۋەندىكىسى «ئۆيىمىزنى سېتىۋېتىپ، ئازراق پۇل جەملەپ، باشقا يۇرتقا چىقىپ كېتەيمىكىن…» دەۋاتقان بىر دوستۇمغا يازغان ئوچۇق خەت. ئۇنىڭ دېيىشىچە «بۇ يەردە قىلارغا ئىش يوق» مىش.
   -مىڭ بىر جاپا- مۇشەققەتتە، كۆپكە يالۋۇرۇپ، نەچچە ئۆلۈپ-نەچچە تىرىلىپ دېگۈدەك رىيازەت چېكىپ، ئاخىرى ئەمەللگە ئاشقان، ئۇزۇندىن بۇيان ئارزۇلاپ كەلگەن ياقا يۇرتقا بېرىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانماق بولۇۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، سەندە بىر خىل تىڭىرقاش ئىچىدىكى ھاياجانلىق، ئەمما كۆڭلىڭنىڭ قېتىدا ئازابلىق كەيپىيات ھۆكۈم سۈرىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن. شۇنداقتىمۇ پاراكەندە كۆڭلىڭنى ئاۋۇندۇرۇش بولسىمۇ، ئىككى كەلىمە سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ قوي! بىر ئوبدان ئۆسۈپ چوڭ بولۇۋاتقان بالاڭنى، كۆيۈمچان ئايالىڭنى تاشلاپ، يەنە نەلەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرەرسەن؟ چەتئەل سەن ئۈچۈن شۇنچە ئەزىزمۇ؟ ساڭا يۇرتنىڭ نېمىسى يارىمىدى؟ كىندىك قېنىڭ تۆكۈلگەن ئانا يۇرت ساڭا نېمە قىلدى؟ سېنىڭ پۇت قولۇڭنى چۈشەپ قويدىمۇ؟ ئەقىل ئىدراكىڭغا قامال سالدىمۇ؟ ئويلاپ باق! ئەي دوستۇم، ئەينى چاغدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئانا يۇرتتىن ئايرىلىپ باشقا ئەللەرگە بېرىشنى ئارزۇلاشتىكى ئاساسلىق مەقسىدىڭ نېمە ئىدى؟ ئۆزەڭنى مۇستەھكەملەش، نەزەر دائىرەڭنى كېڭەيتىش، بىلىمدە تاكامۇللىشىشتىن باشقا يەنە نېمە ئارزۇلىرىڭ بولغان. يېڭى كۆلنىڭ سۈيى تاتلىق بولسىمۇ يەنىلا كونىسىغا يەتمەيدۇ. ئۇ يەرگە بېرىۋېلىپلا يۇرتتىن ۋاز كەچكىنىڭ، يۇرتنىڭ سۈيى ئەلۋەڭ باغۇ-بوستانلىرىنى، كۆك بىلەن بوي تالىشىدىغان يىل بويى قار ئېرىمەس چوققا-تاغلىرىنى، ئېغى ئوچۇق ئىشتان كىيىپ قىيغىرتىپ ئويناپ چوڭ بولغان مەھەللە دوقمۇشلىرىنى، ساۋاقداشلار ئارا بويسۇرى بولۇشۇپ چۇرقىرىشىپ كىرىپ چىقىپ ئوقۇپ تەربىيە ئالغان مەكتەپ- سىنىپلارنى ئۇنتۇپ قالغىنىڭ يامان بولدى. گەرچە ئۆزگە يۇرتنىڭ يوللىرى يۇرتىمىزنىڭكىدىن كەڭرى، بىنالىرى ئىگىز، ئادەملىرى ئەدەپ قائىدىلىك، ئىجتىمائىي تۈزۈلمىسى مۇكەممەلدەك قىلغىنى بىلەن، بىزنىڭ بالىلىق چاغلىرىمىزدىلا قان-قېنىمىزغا سىڭىشىپ كەتكەن ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي، ساددا ياشاش ئادىتىمىزنىڭ ئىزنالىرىنى سەن ئۇ يەردىن ئىزدەپ تاپالمايسەن.
   - قۇشقاچ كىچىك بولسىمۇ بەش ئەزايى تولۇق، گەرچە يۇرتىمىز ھازىرقى زامان تەرەققىياتلىرىدىن سەل كېيىندەك، ئادەملىرىمىز جاھان رەپتارلىرىدىن سەل بىخۇتتەك كۆرۈنسىمۇ، بۇ يەردە ھېچنېمە كەم ئەمەس. ھەرقانداق ئالەمشۇمۇل تەرەققىيات ئەندىزىلىرىنىڭ يۇقۇندىسىنى بۇ يەردىن تاپالايسەن. ئادەملەرنىڭ خىرامان كەيپىياتىدىن ئۇلارنى بىخۇتمىكىن دەپ ئويلاپ قالما. ئۇلارنىڭ جاھان ئىشلىرىدىن خەۋەردارلىق دەرىجىسى سېنىڭدىن ئۈستۈن. سەن بىلىشكە ۋاقىت چىقىرالمىغان نۇرغۇن ئىشلارنى ئۇلار ساڭا ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بېرەلەيدۇ. سەنلا ئاڭلاشنى خالىساڭ جاھان ئىشلىرىدىن ساڭا دەرس بېرەلەيدۇ. ئۇلارنى پۇلسىز- نامرات، بىتەلەپ كۆرمە! نۆۋىتى كەلسە سەن پېتىنالمىغان ھەرقانداق بىر بەدەلنى ئۈستىگە ئېلىشتىن، سەن پېتىنالمىغان ھەرقانداق بىر تەۋەككۈلچىلىككە ئات سېلىشتىن باش تارتمايدۇ. ئادىمىيلىك جەھەتتە سەن چەتئەلدە ئۇچرىتىش مۇمكىن بولمايدىغان ھەرقانداق بىر دادىللىقنى، ياشاشقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىنى تاپالايسەن.
    ئەنە كۆر دوستۇم، ئاۋۇ چەتئەللىكنىڭ يۇرتىمىزدىكى ھاسىلاتىنى، ساڭا ئىچ سىقىشلىق، بىمەنە تويۇلغان توي-تۆكۈن، خەتنە چاي، ھېيت بايراملىق سورۇنلىرىمىزدىكى ھەمداستىخانلارغا جۆرە بولۇپ يەرلىك ئۇسۇل بولامدۇ، تانسا دېسكوغىچە پۇخادىن چىققۇچە ئويناشلىرىنى، ئادەملىرىمىزنىڭ روھىدىكى شاتلىقتىن يەتكۈچە يۇقۇملىنىپ، تەر چىقىپ سورۇن تۈگىمىگۈچە سەھنىدىن چۈشمەي ئويناشلىرىنى كۆر! ئادەملىرىمىزنىڭ شۇنچە خوش كەيىپ، بىخارامان، زوق شوخ كەيپىياتىدىن سۆيۈنۈشلىرىنى كۆر! ئۆزىنىڭ مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ قالمىغانىغا ئۆكۈنۈشلىرىنى كۆر! چۈنكى بۇ يەردە دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە تېپىلمايدىغان مېھماندوستلۇق، ئادىمىيلىك، قاينام-تاشقىنلىق، جەڭگىۋارلىق تېپىلىدۇ.
    ئەنە كۆر دوستۇم! ئاۋۇ ۋېلىسپىت مىنىۋالغان سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىنىڭ يول ئاچىلىدا ئادەملىرىمىزدىن دوڭ كۆۋرۈكتىن تىببىي ئۇنۋېرسىتېتقا بارىدىغان يولنى سوراپ، رەھمەت ھەشقاللا ئېيتىپ، چوڭ كوچىدا ئادەم كۈچى ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان قاتناش قورالى ئارقىلىق شەھەرنىڭ بۇ بېشىدىن ئۇ بېشىغا بېرىشنى ئىستىشىنى كۆر! ئۇنىڭدىكى قىزغىنلىق، چېكىسىدىن ئاققان تەر بىراۋنىڭ يۇرتىمىزدىكى تەرەققىيات پۇرسىتىنى نەقەدەر تونۇپ يەتكەنلىكىنى مانا مەن دەپ كۆرسىتىپ تۇرمامدۇ. بۇ يەردە ھەرقانداق تەرەققىيات پۇرسىتى تېپىلىدۇ، پەقەت سەن خالىساڭلا ھەرقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالايسەن.
    - بەلكىم كەسپىم ماس كەلمەيدۇ دېيىشىڭ مۇمكىن. بۇ يەردە ھەرقانداق كەسىپ تېپىلىدۇ. گەرچە چەتئەلدىكىدەك ئىنچىكە ئىش تەقسىماتى ئۈستىگە قۇرۇلغان زىل كەسىپ زەنجىرى بولمىغىنى بىلەن سەندە ئىقتىدار- ئونۋېرسال قابىلىيەتلا بولسا ھەرقانداق كەسىپنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلايسەن. بۇ يەردە كەسىپتىن مۇھىمراقى قابىلىيەت، سەندە ئاۋال كەڭ دائىرىدىكى چۈشىنىش، چوڭقۇرلاپ كۈزىتىش بولۇشى كېرەك. ئۇنى ھەرگىزمۇ چەتئەلدىكىدەك باشقىلار ساڭا كۆرسىتىپ بەرمەيدۇ. ساڭا ئۇنى قىل بۇنى قىل دەپ چەك قويمايدۇ، پەقەت سېنىڭدە ئالەمچە كەڭ قورساقلىق ۋە ھەممىگە ئىلمىي قارايدىغان چىقىشقاق روھى كەيپىياتلا بولسا ئىقتىدارىڭنى جارىي قىلدۇرىدىغانغا خىزمەت ئورۇنلىرى كۆپ. چەتئەلدە تۇرۇپ قالغانلارنىڭ شانلىق نەتىجىرى كۆز ئالدىڭغا كېلىۋېلىپ مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش يولىنىڭ چەتئەلدىلا كۆپ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ قالغان بولۇشۇڭ مۇمكىن. ئويلاپ باق! چەتئەلدە مۇۋەپپىقىيەت قازانغانلار قانچىلىك؟ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ نەچچە پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؟ سىتاتىستىكىلاپ باق. شۆھرەت قۇچقانلارنىڭ قانچىلىك جاپا مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى سوراپ باق. جاپا تارتىش پەقەت چەتئەلگىلا مەنسۇپ ئەمەس. يۇرتىمىزدىمۇ شۇنچىلىك جاپالارغا بەرداشلىق بېرىپ باق، قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەيسەنكى!
    «تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئەزىز»، تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يېرىڭنىڭ ھەر ماڭدام تۇپرىقى ساڭا تونۇش، ھەر بىر ئادىمى سېنىڭ بىلەن قېرىنداش. سەندە تىرىشچانلىقلا بار بولسا ھاردۇق يەتكەندە بېشىڭنى سىيلايدىغانغا، كۆڭلۈك يېرىم بولغاندا تەسەللىي بېرىدىغانغا قېرىنداشلىرىڭ كۆپ. ئاتمۇ ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپىدۇ، گەرچە سەن چەت يۇرتلاردا ئالەمچە شوھرەتلەرنى قازانساڭمۇ ئۇلاردىن ساڭا تەئەللۇق بولىدىغىنى ناھايىتى ئاز بىر قىسمىلا خالاس. يۇرتۇڭدا بىر تال كۆچەت بولسىمۇ تىكىپ قويساڭ، كېيىنكى ئەۋلادلار سايىدايدىغانغا بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ. ئادەم نەدە تۆرەلگەن بولسا شۇ يەردە ئۆمرىنى ئاخىرلاشتۇرغىنى تۈزۈك، سەن تەرەققىيات ئىزدەپ يۇرتنى تاشلاپ چىقىپ كېتىش بەدىلىگە قېرىغاندا ياقا يۇرتتا ياتسىراپ قالما، ئەۋلادلىرىڭ ئانا يۇرتىنى تېپىپ بولالماي ئۆزگە يۇرتتا سەرسان بولمىسۇن. جاھاننىڭ ھەممە يېرىدە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت، سەن باشقا يۇرتنى تولۇق چۈشەنمەي تۇرۇپلا ئۇ يەرنىڭ ھەممە نەرسىسىنى ئەزىزلەپ قالما. يۇرتتىن ئايرىلىش پەقەت چېنىقىش ئۈچۈنلا بولۇشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ ئۇ يەرگە بىر ئۆمۈر يىلتىز تارتىپ قېلىشنى ئويلىما!
    ھېس قىلدىڭمىكى، مەيلى جاھاننىڭ قانداقلا يېرىدە بولمىسۇن ئەڭ بىخارامان ياشايدىغان كىشىلەر يەنىلا شۇ يەردە ئاتا مىراس تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئادەملەردۇر. ھاياتلىق مۇساپىسىدە داۋاملىق تىرىشىپ تىرمىشىدىغانلار يەنىلا باشقا يۇرتتىن كەلگەنلەر. كۆرۈنۈشتە شۇ يۇرتتا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانلار بىلىمسىز، ئىقتىدارسىزدەك قىلغىنى بىلەن شۇ يۇرتنىڭ ئەلىم تەلىمىنى ئوبدان بىلىدىغانلىقى بىلەنمۇ يۇرت كاتتسى سانىلىپ ياشاۋېرىدۇ. باشقا يۇرتتىن كەلگەنلەر شۇ يۇرتقا سىڭىشىپ بولغۇچە بىر ئۆمۈر، ھەتتا بىرنەچچە ئەۋلاد تارتمىغان قىسمەتلىرى قالمايدۇ. سېنىڭمۇ شۇنداق بولغۇڭ بولمىسا كۈننىڭ بارىدا ئىشىڭنى يۇغۇشتۇرۇپ يۇرتقا كېلىۋالغىنىڭ مىڭ قەتلە ياخشى.
   ئاخىرىدا ساڭا كىچىك ۋاقتىمىزدىكى بىر ئىشنى ئەسلىتىپ ئۆتەي، كەنتىمىزنىڭ چەت ياقىسىدىكى ئورمانلىقلاردا ئويناپ يۈرۈپ چاتقاللار ئارىسىدىن كىملەرنىڭدۇ ئۆيىدە باققان توخۇسىنىڭ بىر ئۇۋا تۇخۇملىرىنى تېپىۋالاتتۇق. ئويلاپ باق، شۇ توخۇلارغا باققان ئىگىسىنىڭ قانچىلىك ئاچچىقى كەلگەن بولغىيتتى. داننى بۇ يەردە يەپ، تۇخۇمنى ئادەم كۆرمەيدىغان يەرگە تۇغۇپ، ناۋادا بىزدەكلەرگە ئۇچراپ قالمىغىنىدا، بەلكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر ئۇۋا چۆجە چىقىرىپ ئەگەشتۈرۈپ كەلگەن بولار ئىدى.
   بالىلىق ۋاقتىڭدا قوچقار سوقۇشتۇرغاننى كۆرگەن بولغىيتىڭ، شۇ چاغدىكى، قوچقارلارنىڭ بىر-بىرىگە جەڭ ئېلان قىلىش ئالدىدىكى ھەيۋىسىنى ئېسىڭگە ئېلىپ باق. قوچقارلار ئۇسۇشۇشتىن بۇرۇن بىر-بىرىگە ئالدى پۇتىنى يەرگە توكۇسلىتىپ ئۇرۇپ، «بۇ يەر مېنىڭ تەۋەلىكىم، مەن كۈچلۈك، سەن كەت» دېگەننى ئىما قىلىدۇ. شۇنداقلا باشقا بارلىق مەخلۇقاتلاردىمۇ زېمىن تالىشىش كۈرىشىنىڭ باشلىنىشىدا، ئۆزىنىڭ مۇشۇ يەرنىڭ ھەقىقى خوجىسى ئىكەنلىگىنى بىلدۈرىدىغان ھەرىكەتلىرى بولىدۇ. ھايۋانلار جېنىدا ئۆز زېمىنى قوغداشنى، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىشنى بىلگەن يەردە سەن بۇنى بىلمىسەڭ قانداق بولغىنى؟!
   يەنە بالىلىرىڭنى ئويلاپ باق، كىندىك قېنىڭ تۆكۈلگەن ئانا يۇرتتا تۇغۇلمىغان، چوڭ ئاناڭ ئۆز قولى بىلەن ئېغىزلاندۇرمىغان، مەھەللىدىكى كىچىك بالىلار توپلىشىپ «قىرقى سۈيى» قويۇلمىغان پەرزەنت كەلگۈسىدە ئانا يۇرتنىڭ قەيەرلىكى سورالسا قانداق جاۋاب بېرەر. بىزدە يەنە ئۆز يۇرتىنى بىلمەيدىغانلارنى «توكتا چىقىرىلغان چۆجە»گە ئوخشىتىپ قويىدىغان چاقچاقلارمۇ بولغان.
   يۇرتتا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار كۆپ، چوڭلار كۈچىدىن كەتتى، بالىلار بالاغەتكە يېتىپ جەمئىيەتكە قەدەم قويدى، ئۇلارغا يېتەكچى كېرەك، ئۇلار سەندەك جاھان كۆرگەنلەرنىڭ تەربىيىسىگە– يول كۆرسىتىشىگە مۇھتاج. ئانا يۇرتنى سەن كۆرگەن يۇرتلاردەك ئاسايىشلىق قىلىپ چىقىش ئۈچۈن يەنىلا سېنىڭ بىلىم تەجرىبەڭ بولمىسا بولمايدۇ. چەتئەلەدە قىلغان ئىشلارنى مۇشۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا قىلالايسەن، خىزمەتنىڭ نەدە بولۇشى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى خىزمەتنى قانداق قىلىش، ئەشۇ يۇقىرى سىجىللىق ۋە كۈچلۈك تەلەپچانلىقتىكى خىزمەت مۇھىتىدا ئۆگەنگىنىڭ بويىچە ئانا يۇرتنىڭ ھەرقانداق يېرىدە خىزمەت قىلىپ باق، ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشەلىشىڭدە گەپ يوق.
    ئۆتمۈشتە ئەجدادلىرىمىز ئالەمشۇمۇل، بۈيۈك نەتىجىلەرنى يارىتىپ دۇنياغا تونۇلغان، شانلىق تارىخىمىز بولغان مىللەتبىز، ئەمدى بىزگە كېرىكى كەلگۈسى، كەلگۈسىنى قانداق قۇرۇپ چىقىش بىز ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولماس بۇرچى، شۇنداق بولغانىكەن ئىشنى ھازىرنىڭ ئۆزىدىن باشلىشىمىز كېرەك. گەرچە بىر مەزگىل ياقا يۇتتا بىلىم تەھسىل قىلىپ، چېنىقىش قەدىرلەشكە تېگىشلىك ئىش بولسىمۇ، ھەر دائىم يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويماسلىقىمىز كېرەك. باشقىلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ، جەۋھىرىنى قوبۇللاپ، يۇرتىمىزغا تەدبىقلىغۇدەك يەرلىرىنى دادىللىق بىلەن قوبۇللىساق يەنە نۇرغۇن ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىزغا شەكسىز ئىشەن.
يۇرتقا كېلىپ زاۋۇت كارخانىلارنى قۇرساڭ بولىدۇ، تەتقىقات ئورۇنلىرى ياكى تەربىيىلەش مەركەزلىرىنى تەسىس قىلىشقا بولىدۇ، يۇرتىمىزنىڭ زېمىنى كەڭرى، تۇپرىقى مۇنبەت، بايلىقى مول، پەقەت سەندە تىرىشچانلىقلا بولسا باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدىغان ئىش يوق.
    ئانا يۇرتنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈنمۇ ئالدى بىلەن ئانا يۇرتنى تەرەققىي قىلدۇرماي بولمايدۇ، پەقەت ئانا يۇرت باشقىلار كېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان خەلقى باي، پەن-مەدەنىيەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، ئەل ئىچى ئاسايىشلىق ماكان بولۇپ قۇرۇپ چىقىلغاندىلا، سەن ۋە سەندەكلەرنىڭ چەت ئەللەردە قەدرى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنىلا سەن ۋە بىزدەكلەرنىڭ يۇرتنىڭ ھازىرى ۋە ئۆتكەن زاماندىكى كىشى كۆڭلىنى پاراكەندە قىلغان ئۇۋالچىلىق- تەڭسىزلىكلەرنى، بىزدىن بۇرۇن يۇرت سورىغانلارغا بولغان بۇتناش، قىيداشنى ئۇنتۇپ، يۇرتقا چوڭقۇر چۆكۈپ ئۆز ئەمگىكىمىز ۋە ئەجىرمىز ئارقىلىق يۇرتنى ئاسايىشلىق ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىز.
    باشتا دېگىنىمىزدەك ھەر ئىشنىڭ ئۆز قانۇنىيىتى بولىدۇ. قارىماققا ئاددىي كۆرۈنگەن بۇ قانۇنىيەتلەرنى يۈزەكىلا چۈشىنىش بىلەن ھەقىقىي چوڭقۇرلاپ ماھىىيەتلىك ئالاھىدىلىكىگىچە بىلىپ يېتىش ئۇزاق مۇددەتلىك تەتقىقات تەلەپ قىلىدىغان مۇرەككەپ بىر جەريان. ھەر ئىش ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە تەرەققىي قىلغاندىلا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. قانۇنىيىتىگە سەل قارالغان ياكى باشقا بىر يات قانۇنىيەت مەجبۇرىي ئۆزلەشتۈرۈلگەن ھەرقانداق بىر ئىش ناچار ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ. يۇرتىمىزدىمۇ بىز بايقىمىغان، باشقىلارنىڭ ھېچنېمىسىگە تەڭ قىلغىلى بولمايدىغان نۇرغۇن ئەڭگۈشتەر قانۇنىيەتلەر بار، بۇلارنى ئۆزىمىز تەتقىق قىلىشىمىز، بېيىتىشىمىز ۋە باشقىلارغا بىلدۈرىشىمىز كېرەك. شۇ چاغدىلا يۇرتىمىز ۋە يۇرتىمىز خەلقىنىڭ خەلقى ئالەمدە ئەتىۋارى بولىدۇ. ئۆز يۇرتىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆز ئىشىغا ئۆزى مەسئۇل بولۇش يولىغا قاراپ تەرەققىي قىلغان بولىمىز.
2011-يىلى 18-ماي ئۈرۈمچى

0

تېما

0

دوست

1837

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   83.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2184
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 583
توردىكى ۋاقتى: 122
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 14:39:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاغزىڭىزغا ناۋات سېلىپ قوۇغۇدەك تىمىدىن بىرنى يېزىپسىز،،،قېرىندىشىم
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )