قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 324|ئىنكاس: 2

دادامغا خەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

4

دوست

776

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   55.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33131
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 260
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 19:13:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دادا، بۇ مەزمۇننى نىمە سەۋەپتىن ، نىمە تۈرۈتكە بولۇپ يېزۋاتقىنىمنى بىلمەيمەن. ئەڭ موھىم سەۋەپ دېگەندىمۇ سېنىڭ تاياق زەربەڭنىڭ تۈرىتكىسدۇ بەلكىم! تاياق سۆڭەكتىن ئۆتىدۇ، تىل گۆشتىن دېسە ئىشىنەتتىم. توغرا ئىشەنگەن ئوخشايمەن.  
دادا، سېنى ياخشى كۆرىمەن دېيەلمەيمەن. ساڭا ئۆچمۇ دېمەيمەن. يەنىلا تەشەككۈر ئېيتىمەنكى ، مېنى مۇشىنچىلىك ساغلاپ ئەقىللىق، ئاقىل چوڭ قىلغىنىڭدىن خۇرسەنمەن. تەشەككۈرلەر ئېيتىمەن.  
دادا، نۇمۇس قىلىشنى بىلەمسەن ؟  
دادا، سەن بىلمەيسەن.سەندە نۇمۇس تۇيغۇسى مەۋجۇد ئەمەس. سەندىكى ئۇ يۈرەك سېنىڭ پۇرقۇرتۇپ چېكۋاتقان ئاشۇ تاماكا ئىسىدەك قارا.  
ئائىلىگە قانداقتۇر مال دۇنيا ، يىمەك -ئىچمەكنى لىققىدە قاچىلاپ بەرگەن بىلەن مېھىر بىرەلمىسە بۇ نىمىگە ھېساپ.ھايۋانلارنىمۇ قوتانغا باشلىغاندا يۇمران ئوت-چۆپلەرنى سىلىپ بەرسە بەھىرلىنىپ، زوق بىلەن يەيدۇ. ئىشەنسەڭ دادا،بىز ئەنە شۇ جاڭۋارلاردىن قىلىشمىغۇدەك مېھىرگە ئىرىشتۇق.  
بىرسى مەندىن، سەن قانداق كىشىگە ئۆچ دەپ سورىسا، مەن ئىككىلەنمەي"قىمارۋازغا"دەيمەن!!!  
"قىمارۋازلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇپ كەتسۇن، دۇنيادىن بىئەجەل كەتسۇن "دەپ ئۈنلۈك توۋلايمەن.  
سەندىن قاتتىق سەسكىندۇق دادا. سەندىن ئەمەس سېنىڭ ئاشۇ ئۆزىنى بىلمىگەن، ئۆز يىشىغا ماس كەلمىگەن ھالەتتىكى ئويۇن تاماششادىن زىرىكتۇق. ھە دېسلا سىرىتتا سودا ئىشى دەپ ، سىرىتلاردا قونىشىڭدىن ، ئۆيگە قايىتقاندا يەنە بىزدىن بەكرەك توۋلاشلىرىڭدىن زىرىكتۇق. تىل -ئاھانەتلىرڭدىن -ۋارقىراپ جارقىراشلىرىڭدىن زىرىكتۇق.  
ھەر قېتىم ساڭا تېلېفۇن كەلسە سەندىن بەكرەك بىز جىددىيلىشىپ كېتىمىز. يەنە نەگە باردىغاندۇ. يەنە ئۆيگە كېرمەمدىغاندۇ، يەنە نىمە ئىش باردۇر ...... ۋەھالانكى بىزنىڭ يۈرەك شۇنداق ئەندىكىشتە ئۆتىدىغان بولدى. ھەر بىر چېقىپ كەتسەڭ نەچچە كۈنلەپ كەلمەسلىكىڭ بىزنى شۇنداق بىئارامسىزلاندۇراتتىكى سەن بۇنىڭدىن قىلچە خەۋەرسىز ھالدا خۇشال كۈلىسەن،يايرايسەن ،دوغا تىكىسەن...........  
مەن كىچىك ۋاقىتلىرىدا چوڭ ئانامنىڭ تەربىيسى ئاستىدا چوڭ بولغاچقا ، نۇرغۇن ئىشلارنى بىلمەيتتىم.ھەپتىدە ،ئايدا بىر كۆرۈشكىنىمدە سەن ماڭا جىق پۇللارنى بەرسەڭ خۇشال بولۇپ سېنى سۆيۈپ كېتەتتىم.سەندەك ئېسىل، باي دادام يوق دەپ دوستلىرىمغا ماختىنىپ كېتەتتىم.مەن تولۇق ئوتتۇرغا چىققاندىن كېيىن يېزىدىن ئۆز ئۆيۈمگە كىلىپ تۇرۇپ، ساڭا بولغان قاراشلىرىم بارغانچە ئۆزگىرەشكە باشلىدى...  
شۇنداق ئىسىمدە:ئانام ، ئاچاملار يېراق تۇققىنىمىزنىڭ ئۆيىگە كەتكەن كۈن مەن سىڭلىم، ئىككىمىز ئۆيدە يالغۇز قالدۇق. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي سەن 4~5 ئادەمنى باشلاپ كېردىڭ. ھەمدە ياندىكى ئۆيگە كېرىپ كېتىپ بەك ئۇزۇندا چېقتىڭ.بىز شۇ چاغدا دوستلىرى بىلەن پاراڭلىشىدۇ دەپ ئويلاپ قاپتۇق.سېنى كىرىدۇ دەپ ئولتۇرغان بولساقمۇ سەن سىڭلىم ئىككىمىزنىڭ يىنىغا كېرمىدىڭ. ئۆي ئېچى بەكلا سوغۇق ئىدى.سىڭلىم بىلەن ئىككىمىز ئاچ قورساق بىر-بىرىمىزگە چاپلىشىپ ئۇخلاپ قالدۇق. ئەتىسى ئويغانغاندا دوسلىرىڭڭمۇ چېقىپ كېتىپتۇ. سىلەر ئولتۇغان ئۆي تاماكا ئىسىغا لىق تولۇپ ئادەمنىڭ نەپسىنى قىساتتى. سەن ماڭا 10 يۈئەننى بىرىپ،جېنىم قىزىم ، ئۆينى پاكىز يۇغۇشتۇرۋەتكىن. ئاناڭغا دېمە -ھە، دېگىنىڭدە ھېچنىمە دېيەلمىدىم . ياق دېگەن گەپنى دېسەم سەن چوقۇم مېنى ئۇراتتىڭ. مەن ئۆينى بەك ئۇزۇندا ئاران يۇغۇشتۇردۇم. ئانام شۇنچە ئاۋايلاپ ساقلىغان يوتقان-كۆرپىلەرگە تاما يىقىلىپ كەتتىمۇ تۆشۈك بولۇپ قاپتۇ. قاتتىق ئاچچىقلاپ ، ئېچىمدە تىللىۋالغانمۇ بولدۇم.بىراق بۇ ئىشنى مەن ئانامدىن يوشۇرمىدىم.ئانام بىلىپ قاتتىق ئاچچىقلاندىيۇ ساڭا ئوشۇق گەپ قىلالمىدى. چۈنكى ئانام سېنىڭ ئالدىڭدا قاتتىق ئىتائەتمەن بىر يۇۋاش ئايال ئىدى. مۇشۇ ۋاقىتتقىچە ئانامنىڭ سەن بۇيرىغان ھەر بىر ئىشىغا "ياق" دەپ باققىنى بىلمەيمەن."ياق "دېگەن گەپ بولانسىلا ئانامنى ئۇرىشىڭ تامامەن مۈمكىن ئىدى.  
يەنە بىر ئىش يۈرىگىمدىن چېقمايدۇ دادا، رەھمەتلىك چوڭ ئانام(ئانامنىڭ ئۆز ئانىسى ،ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي) تۈگەپ كەتكەن ئاشۇ كۈن ھەممىمىز ھازدار ئىدۇق .ئەتىسى مەكتەپكە باردىغان بولغاچقا بىر ئۆيگە قايىتتۇق،ئانام كەلمىدى. مەن نەۋرە ئاچامنىڭ بالىلىرى، ئۇكىللىرىم بولۇپ 6 ىمىز قايىتتۇق.مەنلا ئۇلارنىڭ ئارىدا ئەڭ چوڭ ئىدىم. قالغانلىرى بولسا باشلانغۇچا ئوقۇيدىغان كىچىك بالىلار ئىدى، ئانام ساڭا شۇنداق تاپىلاپ  بىزنى ساڭا قوشۇپ يولغا سالدى. سەن ئۆيگە بىرىپ ئولتۇرۇپ تۇرساڭ تېلېفۇن سايرىدى. مېنىڭ بىشمغا يەنە يەل ياغدى. يەنە نەگە بارار... ئويلىغىنىمدەك سەن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن "سىرتقا چېقىپ كېرەي، بىرەر سائەتتە كېرمەن"دېگىنىڭچە چېقىپ كەتتىڭ. بىز سېنى بىر سائەت ئەمەس ، نەچچە سائەتلەپ ساقلىدۇق . سەن كەلمىدىڭ. بىز مۇشۇ چوڭ ئۆيدە قورقۇپ ئولتۇردۇق.ئۇكىللىرىم يىغلىماقتا ئىدى. مەنمۇ يىغلاپ تاشلىدىم مەن ئەزەلدىن يالغۇزلىقتىن قورقاتتىم. بۈگۈن مۇشۇ ئۆيگە 6 كىچىك بالىنى تاشلاپ قويۇپ كېرمىدڭ. بوپتۇ، بىزنىمۇ ئويلاشمىغىن، خىيالىڭدا مەن "ھازدار"دېگەننى ئويلىمىدڭ. ساڭا قول قويغانمەن دادا...  
مۇشۇ يىلقى ئائىلمىزگە كەلگەن سورۇقچىلىق ھەدە ھېساپسىز ..دادا سەن بىزنى قاق-سەنەم قىلۋەتتىڭ. ئاخىردا بىزنىڭ تۇرمۇش پۇلىمىزدىنمۇ قىسۋەتتىڭ. مەيلىغۇ. سەن خوش بولغان بولساڭلا.  
ئىسىمدە ،سەن ئانامغا پۇل تىپىپ بەر دەپ ئانامنى كالتەك بىلەن ئۇرغىنىڭ. ئىسىمدە بانكىدىن پۇل ئىلىپ ئويناپ ، ھەممىنى ئۇتتۇرۇپ ئاخىرغا كەلگەندە ئانامنىڭ قەرىز تۆلىگىلى . يەنە ئىسىمدە ، ھەر قېتىم ئىشىك چېكىلەگەندە يەنە كىم قەرزى سۈيلەپ كەلگەندۇ دەپ يۈرىكىمىز رىتىمسىز سوقۇپ كەتكىنى. يەنە ئىسىمدە سەن نەۋرە ئاكاڭنىڭ پۇل ئىلىپ قىمار ئويناپ ھەممىنى ئۇتتۇرۋىتىپ ،ئاكاڭ قەرىز سۈيلەپ كىلىپ بىزنى تىللاپ كەتكىنى. ئاخىردا خىجىل بولماي قايتۇرالمىساڭ "قىزىڭنى ھېساپلاپ بەر "دېگىنى. قولۇمدىن كەلگەن بولسا شۇ تاغاڭنى جىننى ئالاتتىم شۇنچىلىك دادا، سېنىڭ ئاشۇنداق نەس ئويۇننىڭ قۇربانى بولغانلىقىڭدىن سېنى ، بىزنى ھېچكىم كۆزگە ئىلمايدۇ. ھەممىسى قىمارۋازنىڭ بالىسى دەيدۇ. ھەممىسى .. ھەممىسى شۇنداق دەيدۇ دادا........  
سېنىڭ ئاكاڭ، ئىنىڭ بولغان ئادەم ساڭا تەربىيە قىلسا سەن قىلچە ئاڭلىمدىڭ. ئۇرۇشتۇڭ .ئۆزۈڭنىڭ قىلغانلىرىنى ھېچكىم قىلالماس بۈيۈك ئىش ھېساپلىدىڭ.قىمارنى جەننەت دەپ بىلدىڭ. دوستلىرىڭنى ئىلاھ دەپ بىلدىڭ.بىز سېنىڭ نەزىرىڭدە ھېچنىمە، ھېچنىمە ...ئەمەس دادا... ساڭا نەسھەت قىلغان ھەربىر كىشى سېنىڭ دۈشمىنىڭ. سېنى ئويۇنغا باشلىغانلار بولسا سېنىڭ قەدىناسىڭ!  
ئۆيدە پۇل تۇرمايدىغان بولدى. نەگىلا قويسۇن پۇلنى سەن ئاپشاركىدەك پۇراپ تىپىپ ئوينايتىڭ. شۇڭامىكىن ئانام ئۆيدە پۇل ساقلىمايدىغان بولدى. پۇل تاپالمىساڭ ئانامنى ئۇراتتىڭ. بىچارە ئانام قەزىر ئىلىپ ساڭا بىرەتتى جېنىم دادا.. سەن ئىلىپ ماڭغان پۇل خەخنىڭ . ئۇ پۇل ھامان ئىگىسىگە قايتىدۇ. بىراق سەن شۇنى بىلەمسەن.  
ئانام كىچىك تىجارەت قىلدى. سوغۇقنى سوغۇق دېمەيتى. سەنمۇ جاپا تارتاتتىڭ جېنىم دادا. سودا ئىشىڭدىن چاتاق چېىققانڭىزى سەنمۇ ئىغىر ئىشلارنى قىلدىڭ. بىلىمەن چوڭ-چوڭ تاغارلارنى كۆتۈرمەك بەكمۇ تەس. سەنمۇ ھېرىپ كېتىسەن. بىلىمەن. لىكىن ئاشۇ جاپالىرىڭ پەقەت ئۆزۈڭگىلا ئۈچۈندەك. ئىككى بالىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتماق ئاسانمۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن جان جەھلى بىلەن تىرىشقان جېنىم ئانامنىڭ تىننى سالامەت ، ئۆمۈرنى ئۇزۇن قىلغان(ئامىن)  
بىزمۇ چوڭ بولدۇق. سېنىڭ قىلغان ئەتمىشلىرىڭگە قاراپ تۇرمىدۇق. ئانام تەرەپنىڭ تۇققالىرى ھەقىقەتەن قول ئىلكىدە بار كىشىلەر ئىدى. ئۇلار بىز ئۈچۈن ، ھېچ بولمىغاندا نارسىدە بىز 4پەرزەنتىڭ ئۈچۈن سېنى بارىلىق قەرزىڭنى تۆلەيدىغان ، ئەمدى ھەرگىز قىمار ئوينىمايدىغان يولغا مىڭىشنى ئويلاشتى . رەھمەت شۇ قىرىندالارغىمۇ. دەرۋەقە شۇنداق قىلدى. ھەمىشە سېنى تېلېفۇندا چاقىردىغان "ئىپلاس"ئاتامانىڭ ئۆيىمىزگە كەلدى. سېنىڭ بارچە قىماردا ئۇتتۇرغانلىرىڭنى تۆلىدى. سېنىڭ ئەقىلسىزلىقىڭ شۇ دادا....  
يەنە بىر ھۆججەتمۇ پۈكۈلدى.ئەگەر سەن يەنە قىمار ئوينىساڭ قولۇڭنى كىسۋىرىدىغان ، بىزدەك پەرزەنتىڭدىن ۋاز كىچىپ ئۆينى تاشلاپ چىقىپ كەتسەڭ بولدىغانلىقى ئىنىق قىلىپ يېزىلدى.بىزدىن نۇرغۇن چېقىم بولدى. سېنىڭ سورىۋەتكەنلىرىڭ ئالدىدا ھېچنىمە ئەمەس تېخى.  
بىزمۇ خۇشال بولدۇق. ساق ئىككى يىل بولدى. دادا سەن كەچلەردە ئۆيدە ياتىدىغان بولدۇڭ. بىزمۇ يۈرەكلىك دادام ئۆيدە دەيدىغان بولدۇق.خۇشالمەن دەيتىم ئۆزۈمگە. دادا ، سېنىڭ ۋارقىراپ -جارقىرشىڭمۇ ئازلىدى. خۇشالمەن .. خۇشال..  
قاغا ھامان پوق يەيدىغان ئەمەسمۇ دادا. مۇشۇ بىر يىلنىڭزى يەنە سەن جىق پوقلارنى يەۋەتتىڭ. بىز سەزدۇق. سىزۋالدۇق. قولۇڭنى كىسەيلى ، ئۆيدىن چېقىپ كەت دېگىلى بولسۇنمۇ ؟ بولمايدۇ دە. يۈزۈڭ بەكلا قىلىنكەن دادا.  
بۇرۇنقىدىنمۇ ئاشۇرۋەتتىڭ. دادا، ئېيىتقىنە سېنىڭ نىمەڭ كەم . كۆيۈمچان ئايالىڭ، مېھرىڭگە ئىنتىزار 4 بالاڭ بار .توغرا سېنىڭ ئاكا-ئىنىللىرىڭ ئارقا-ئارقىدىن كەتتى. سەن يالغۇزسەن. بىزدىن باشقا ھېچنىمەڭ يوق . بىزمۇ ساڭا ئىچ ئاغرىتىمىز. دادا، نىمىشقا سېنىڭ ئۆزۈڭگە ئېچىڭ ئاغرىمايدۇ. نىمىشقا ئۆزۈڭنى قەدىرلەشنى بىلمەيسەن.  
تاڭ سەھەر، مەن يەنە ئىشقا ماڭدىم. ئەتىگەندىمۇ سەن ئۆيدە يوق . ئىككى كۈن بولدى. تېلېفۇنىڭمۇ ئىتىك. چۈشتىن كېيىن دەم ئىلىپ بەك خۇشال بولدۇم . ئۆي ئىشلىرىنى قىلاي دەپ ئۆيگە كېرسەم ئولتۇرىسەن .كۆزۈمگە راستىنلا سەت كۆرۈندۈڭ. بۇ ئۆيدە بىردىن-بىر ساڭا تىغمۇ-تىغ گەپ قىلالايدىغان، سېنىڭ ئەيىپىڭنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدىغان ئادەم مەن.ساڭا گەپمۇ قىلمىدىم.قىلغۇم كەلمىدى قسقىسى.  
ئۆزۈڭ ئېغىز ئېچىپ، ماڭا 200 يۈئەن بەردىڭ. بالام بۇنىڭغا كىيىم ئىلىپ كىيگىن دەپ. مەن ئالمىدىم. سەن يەنە تەڭلىدڭ. مەن ئىلىپلا تاشلىۋەتتىم. ھەمدە قانداق ئاغزىمغا كەلدى "ماڭا  بۇنداق ھارام پۇلنىڭ كېرىكى يوق"دەۋەتتىم. سەن ئورنىڭدىن تۇرۇپلا تەستكەمگە بىرنى سالدىڭ. يۈزىم ئوت بولۇپ ياندى دادا. ئۆيدە چوڭ ئاناممۇ (ئانامنىڭ ئۆگەي ئانىسى،ئانام ئۆز ئانىسىن چارە كۆرەتتى) بار ئىدى. چوڭ ئانام ئاجرىتۋالدى. ئېچىمگە پاتمىغان پۈتۈن گەپنى بۇلاق كەبى تاشقۇزۋەتتىم .دادا ، ئەسلى پەرزەنىت بولۇش بۇرچىم بىلەن ساڭا يانماسلىقىم كېرەك ئىدى. چىدىمىدىم . ئەقىلسىزلىقىڭگە چېدىمىدىم دادا. پۇتۇن گۇناھىڭنى دېدىم . سەن بەك رەھىمسىزسەن دادا. بۇنى بىلەتتىم . چۇنكى سەن داۋملىق ئانامنى ئۇراتتىڭ.بۈگۈن مېنىڭمۇ ئۇردۇڭ. قولۇڭ ئاغرىپ كەتسە كالتەك بىلەن ئۇردۇڭ. ئەزەلدىنلا بۇ ئۆيدە سەن دېگىنىڭ دېگەن قىلغىنىڭ قىلغان ئىدى. بىز پەرزەنت،ئانىمىزنىڭ كۆڭلىگە بىقىپ باقمىغانسەن. مەن ۋايجانلىساممۇ ئۇردۇڭ. پۇتۇم سۇندى دادا.   ياق .. كۆڭلۈم سۇندى، قەلبىم سۇندى... دادىلىق مېھرىڭ سۇندى.... ئاخىردا ئازاپقا چېدىماي "سەندەك دادام يوق "دەۋەتتىم. چوڭ ئانام يىغلاپ ساڭا ئىسلدى.يانچۇقۇمدىكى تېلېفۇننى ئالامىدىم.بولمىسا سېنى ساقچىغا مەلۇم قىلاتتىم دادا. ئۇرۇن ھاردڭ. نۇرغۇن تىللارنى تىللىدىڭ. سەن ئىشەكسەن.ئاغزىڭدىن چېقۋاتقىنى بىر دادىنىڭ گىپى ئەمەس. مەن شۇ ھان سوغۇقتا تىجارەت قىلۋاتقان ئانامغا تېلېفۇن قىلدىم . ئانام كىلىپ ھالىمنى كۆرۈپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى. سىڭلىم ، ئىنىم ئاچام ، چوڭ ئانام يىغلىۋەتتى. سەن ھايۋانسەن دادا.....  
يەنە چېدىدىم. ئانامنى ئازاپلىماي دەپ ياشلىرىمنى يۈتىۋەتتىم. سەن ئۇرغاندا پۇتۇم سۇندى دەپ ئويلىغان .بىراق بەخىتىمگە يارىشا سۇنماپتۇ. ئانام سەن بىلەن خىلى دېيىشتى. ئانامنىمۇ ئۇردۇڭ. 17 ياشقا كېرگەن ئىنىم ساڭا ياندى دادا. ئۇمۇ ئوغۇل بالا.سەندىن ئۈلگە ئالسا بولاتتى. سەن ئۈلگە بولالمايسەن. ياق بولالامايسەن....  
مەن بىر كۈن دەم ئالدىم ،دوختۇرخانىغا ئاپىراي دېۋىدى ئۇنىمىدىم. بولىدىلا، ئانا ، سېنى چىقىمدار قىلغۇم يوق. سەن بەك جاپا چېكۋاتىسەن.  
شۇنداق دادام، ھەر قېتىم سىرىتتا قونۇپ كېرسە ، ئىككى ئۇسۇل بىلەن بىزنىڭ ئاغزىمىزنى ئىتەتتى. بىرى پۇل بىلەن بىرى بىزدىن ئۈستۇن تۇرۇپ ۋارقىراپ-جارقىراس، تىل -ئاھانەت بىلەن. بىز كۆنۈپ كەتتۇق.  
دادا، ساڭا گەپ قىلمايمەن.  
سېنىڭ مۇشنداقلىقىڭدىن ئاچام يېراق يېزىدا ھەپتىدە بىر كىلىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولدى.  
دادا ، بىز چوڭ بولدۇق.بىز قىز بالا. ئۆتىنەي دادا ، تۈزەلگىن، بىزنىڭ بەختىمىزنىمۇ دوغا تىكۋەتمىگىن. كىمنىڭ قىزلىرى دېسە ... قىمارۋازنىڭ قىزلىرى دەپ ئاتىلىپ قالمايلى ......
مەنبە :ئۆزۇم

0

تېما

0

دوست

550

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   10%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32125
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 172
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 21:21:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ ئىسىل يىزىلىپتۇ.  راس ۋەقە ئەمەستۇ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

1992

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   99.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1758
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 295
تۆھپە : 414
توردىكى ۋاقتى: 111
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 19:26:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدايىم ھەر بەندىسىگە ئىنساپ بەرسۇن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )