- تىزىملاتقان
- 2014-4-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 492
- نادىر
- 0
- يازما
- 17
ئۆسۈش
  96%
|
ھۆرمەلىك مۇنبەر ئەھلى تىل-يېزىق ئۆزگەرىش چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس.بۇ ئىشتا ئاسان ھاياجانلىنىپ كەتسەك بومايدۇ.بىر مىللەتنىڭ تىلى ئۇزاق ئەسىرلەر دۋامىدا شەكىللىنىدۇ.تىل شەكىللىنىش دۋامىدا ئەتىراپىكى مىللەت تىللىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ لېكىسىكا جەھەتتىن نۇرغۇن سۆزلەرنى قوبۇل قىلىدۇ.ھزىرقىدەك ئۇچۇر-مەدەنيەت ئالمىىۋاتقان دۇنيادا ساپ تىل يوق. رۇس تىلىدا 30% ئەراپىدا يۋروپا تىللىرىدن كىرگەن سۆز بار.فىرانسۇز تىلىدىمۇ ئېنگىلىزچە سۆزلەر كۆپ.تۈركىيىدە ئاتا تۈرك مۇستافا كامال تل ئېنىلابى ئېلىپ باىمەن دەپ تۈرك تىلىدىكى ئەرەپ ،پارس تىللىرىنى چىقىرۋىتىش ھەركىتنى قوزغاپمۇ تۈرك تىلىنى سالاشتۇرۇپ بولالمىدى .ھازىرمۇ تۈرك تىلىدا يەىلە بەلگىلىك دەرىجىدە ئەرەپچە،پارسچە سۆزلەر نۇرغۇن .ئۆتمۈشتىكى ئوسمانلى تۈرك تىلىنى باشقا تۈركىي مىللەتلەر چۈشۈنەتتى،بىراق كامالنىڭ تىل ئىنقىلابىدىن كېين تۈرك تىلىنى چۈشۈنۈش بىز ئۈچۈن خېلى تەسلىشىپ كەتتى.ئۆزبېك،تاجىك.ئوردۇ ،پۇشتۇ تىللىرىدىمۇ ئەرەپ ،پارس تىللىرى بەك كۆپ .بىزنڭ تلىمىزدىمۇ 40-50% ئەرەپ-پارسچە سۆزلەر ،10% ئەتىراپىدا رۇس تىلى بار،بىزنڭ ئاخبارات-خەۋەر تىللىرىمىزدا ئاساسەن خەنچە ئىشلتىلمەيدۇ(لۇشيەن،فاڭجېن،زوڭلى،زوڭتوڭ،گوۋۇيەن دېگەنلەرن ھىساپقا ئامىغان).شۇڭا تىل ئىسلاھ قىلىمىز دەپ ئەرەپ-پارىسچىنى قوغلىغىلى تۇرساق.بىر ئاىلىدە ئاتا-بالا سۆزلىشەلمەي قالىمز.مەسىلەن:«جۇمھۇريىتىمىزنىڭ پايتەختى »دېگەن پارسچە گەپنى ھاىرچە نېمە دەيمىز.مەكتەپە مۇئەللىم كىتاپتىن ئىلىم ئۆگەتتى دېگەن جۈملىنىڭ ئالدىنقى 4 ئەرەپچە سۆزنى قانداق ئىپادىلەيمىز. خەنزۇچىدىمۇ ياپونچىدىن كىرگەن ۇرغۇن سۆز بار.ياپونچىدىمۇ خەنزۇچىدى كىرگەن نۇرغۇن سۆز بار.ھەممە مىللت ئۆز تىلىدىكى ئاللىقاچان ئۆزلىشىپ بولغان تىللارنى چىىقرۋەتكىلى تۇرسا بۇ دۇنيا نېمە بولۇپ كېتەر. |
|