قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: burkutningkozi

ئادەمنىڭ تەقدىرى راستىنلا پىشانىسىگە پۈتۈلگەنمۇ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

1

دوست

1795

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   79.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9377
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 539
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 13:37:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ahm0996 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 00:49
مەن سىز يوللىغان ئايەتنى دىمىدىم . ماۋۇ «ئاللاھ ؛ يارى ...

مەنمۇ دەۋاتىمەنغۇ.يارىتىشنى مەن ياراتتىم،يارالمىشىڭ ئۈزەڭدىن دەيدىغان سۆز نەق چىقىشى كىرەكما؟ دەپ.
مەنمۇ ئۇيغۇرچە گەپ قىلىۋاتىمەن سىزگە.

ئايەتكە يەنە بىر قاراڭ.....«ھەرقەۋم ئۆزىنى ئۆزگەرتمىگۈچە»دىگىنى يارالمىشىڭ ئۈزەڭدىن دىگىنى،«ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزگەرتمەيدۇ» دىگىنى يارىتىش مەندىن دىگىنى .بۇنى بۇلۇشلۇق جۈملىگە ئايلاندۇرساق:ھەرقەۋم ئۈزىنى ئۆزگەرتسە(ئۆزى يارالسا)،ئاندىن ئاللاھمۇ ئۇلارنى ئۆزگەرتىدۇ.(يارىتىدۇ).بۇنى بىر ئادەمگە ئېيتساقمۇ،بىر قەۋمگە ئېيتساقمۇ مەنسى ئوخشاش.

بۇ ئايەتتىن ئۇنداق مەنا چىقمايدۇ.بۇ مەنانى قايسى ئالىم دىگەن،مەنبە بارمۇ دەپ تۇرىۋالسىڭىز ئۇمۇ ئىختىيارىڭىز.بۇ مەنانى ئۈزەم ئالغان

بىر چىرايلىق مۇنازىرىدە «ئۇيغۇرچە گەپنى چۈشىنەمسىز-يا» دەپ تەنە ئارىلاش كىبىر كۆرسىتىشنىڭ ئورنى بارما؟

0

تېما

0

دوست

1911

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   91.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24196
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 574
توردىكى ۋاقتى: 191
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 15:12:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kokzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-28 19:06  
korgu يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 08:59
سىز سوئالىمغا يەنە جاۋاپ بەرمەپسىز،ئىتقادىڭىزنى لىل ...

ئىلىم-پەنگە.ئىنسانلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى توپلىغان ھاياتلىق تەجرىبە-ساۋاقلىرىنىڭ جەۋھىرىگە يەنى (ئەقىل -پاراسەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە )ئىتىقاد قىلىمەن.ئىسلام دىنىىڭ پاك دىن ئىكەنلىكىگە ھۆرمەت قىلىمەن. لىكىن ئىتقادىمنى ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق ئەمەس بەلكى، ياخشى نىيەتلىك  ئادەم بولۇپ ياشاش ئارقىلىق ئىپادىلەيمەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

4

تېما

0

دوست

668

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   33.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15491
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 48
تۆھپە : 174
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 17:12:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بەزى ئىشلارنى  تەدىر دەپلا چۈشەندۇرگىلى بولمايدىكەن . مەسىلەن : يامان ئشلارنىڭ ھەممىسى ئاللا تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانمۇ ؟ مېنىڭچە ئاپتورنىڭ ئىزدىنىشىنىڭ خېلى ئاساسى باردەك تۇرىدۇ

مەنمۇ دائىم مۇشۇنداق ئويلاپ قالىمەن، بارلىق ئىشلار تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن پىشانىگە پۈتىۋېتىلگەن ( بۇنچىلىك ئىش ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ زەررىچىسىلىك بولمىسىمۇ)
دىيىلسە، كىمنىڭ قاتىل، ئوغرى، مۇرتەد، تۇزكۇر -مۇناپىق، دۆت، ئەقىللىق..... ئىشقىلىپ ھەممىسى  شۇ بەندىنىڭ ئىشى ئەمەس، ئەكسىچە ئاللاھ تەرىپىدىن بۇرۇنلا شۇنداق قىلىپ پۈتۈلگەندەك  ...تۇيغۇ بېرىدىكەن، گەپنىڭ ئوچۇقىنى قىلسام ئاللاھ ،ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرى، مۇقەددەس كالامىلىرىنى جان دەپ ئېتىرپ قىلساممۇ، ئەمما مۇشۇ گەپنى تا ھازىرغىچە چۈشۈنۈپ بولالمىدىم، راستىنى ئېيتسام ئېتراپ قىلىپ بولالمىدىم.

18

تېما

10

دوست

4119

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   70.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11326
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 1349
توردىكى ۋاقتى: 1045
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 18:00:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
balamir يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 17:12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بەزى ئىشلار ...

بارلىق ئىشلار ئىنسان تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا پىشانىسىگە پۈتۈۋېتىلگەن دېگەن ئايەتنىڭ بېشىنى ئۇقۇدىڭىزمۇ؟ ئايەت دېگەن ئۇ يەردىن-بۇ يەردىن توك-توك ئۈزۈپلا ئوقۇسىڭىز قۇرئاندا نۇرغۇن زددىيەت باردەك ھېس قىلسىز. ئاللاھ قۇرئاندا پىشانىسگە پۈتۈىۋېتىش مەسلىسىنى دىېيىشتىن بۇرۇن، ئاللاھنىڭ قۇدرەت كامالىنىڭ چەكسىزلىكىنى، ھەممە ئىشنى ئالدىدىن بىلىپ تۇردىغانلىقى، ئاللاھنىڭ ياراتقان مەخلۇقلىرىنىڭ ھىچبىرسى ئاللاھقا مەخپىي ئەمەسلىكىنى دەپ بولۇپ، ئاندىن ئۇشبۇ سۆزنى دېگەن. يەنە باشقا زەلزەلە سۈرىسىنىڭ 7-8-ئايتىدە: «كىمكى زەرىچىلىك ياخشى ئىش قىلدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ، كىمكى يامان ئىش قىلدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.» دېيىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ھىچبىر بەندىسىگە زۇلۇم قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. پىشانىگە پۈتۈۋىتىش دېگەن، ئاللاھ بىر بەندىسىنى ئۆزىنىڭ خاھىشى بىلەن سىېنى دوزاخقا تاشلايمەن، سېنى جەننەتكە كىرگۈزمەن دېگەن سۆز بولماستىن، شۇ ئىنساننى تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن بۇ ئىنساننىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى لەۋھۇلمەپۇزدا خاتىرلەپ قۇيدىغانلىقى، يەنە شۇ ئىنساننىڭ قىلدىغان ئىش-ئىزلىرىنى يېزىپ قويغانلىقىدۇر. ئاللاھنىڭ ئالدىدىن بىلىش قۇدرىتىنىڭ يۈكسەكلىكىنى كۆرسىتدۇ. شۇڭا ئاللاھ ئىنساننى ئاللاھنىڭ تۇغرا يولىدا مېڭىش ئۈچۈن، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئادەم ئەلەيھىسالام زامانىسدىن تارتىپ ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن.

شۇنىڭ ئۈچۈن، پەقەت «قۇرئان» ئوقۇش بىلەنلا كۈپايىلەنسەك، ئىسلامدا سورايدىغان سۇئال جىق. «قۇرئان» كەرىمدە يەنە «مەنسۇخ قىلىنغان ئايەتلەر» بار، يەنە ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيىھىسالامغا «قۇرئان كەرىم» نى 23 يىل ئىچىدە نازىل قىلغان. يەنى ئاللاھ قانداقلىكى بىر ئايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرساق، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى ئايەتنى ئالماشتۇردۇق دېگەن. مەسىلەن، ھاراقنىڭ ھارام قىلىنىشى ھەققىدە ئۈچ يەرە ئۈچ خىل ئايەت بار، شۇڭا بەزىلەر «قۇرئان» كەرىمدىكى «ھاراقنىڭ پايدىسىمۇ بار، زىيىنىمۇ بار، ئەمما زىيىنى پايدىسدىنمۇ چوڭدۇر» دېگەن بولسا، سۈرە نىسانىڭ 43-ئايتىدە: «سىلەر مەس بولساڭلار، نېمە دەۋاتقىنىڭلارنى بىلگىنىڭلارغىچە، جۇنۇپ بولساڭلار، يول ئۈستىدە بولغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، غۇسلى قىلمىغىچە نامازغا يېقىنلاشماڭلار....» دېگەن ئايەتنى چۈشۈرگەن، ئەڭ ئاخىردا ئاللاھ ھاراقنى قاتتىق چەكلەش يۈزسىدىن سۈرە مائىدەنىڭ 90-91-ئايىتىدە: «ئې مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئۇيناش، بۇتلار، يەنى (چۇقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چۇقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش، شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق تۇرۇڭلا»-دېگەن، ئۇنداقتا قايسسىغا ئەمەل قىلىش كېرەك؟ شۇنىڭ ئۈچۈن دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنى ماتېرىياللارنىڭ كەم بولۇشى، ئالىم-ئۆلىملارنىڭ ئازىيىپ كېىتىشى سەۋەبلىك نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى ئىسلامغا گۇمان بىلەن قارايدىغان، نۇرغۇن كاللىسىدىن ئۆتىمىگەن سۇئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمەي، ئاستا-ئاستا ئسىلامدىن چىقىپ كەتمەكتە.

شۇڭا، دىنى ئۆگىنىش پەن ئۆگەنگەن ئوخشاش ئىش بولۇپ، قېتىرىقىنىپ ئىزدىنىشگە، ئالىملاردىن، مەشھۇر ئەسەرلەردىن پايدىلىنىپ تەھلىل قىلىشقا مۇھتاج. مەن ھېچنىمىگە ئىشەنمىسەممۇ، «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئىنساننىڭ يېزىپ چىققىنىغا ھەرگىز ئىشەنمەيمەن. بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ ئەقەللىي مۆجىزە، سىلەر مەيلى ئىسلامدىن قانچىلىك شەكلەنسەڭلەرمۇ، ئەمما ئۇنىڭ 1400 يىل ئىلگىرى ئەشۇ بەدەۋىي ياشاۋاتقان ئەرەب دۇنياسىدا بىر ساۋاتسىز ئاددىي ئىنساننىڭ بۇنداق بىر كىتابنى يېزىشىغا ھەرگىز ئىشەنمەيمەن. شۇڭا بۇ ئىسلام ھەقتۇر، ئۇنى ئاللاھ تاكى قىيامەتكىچە ئۆزگەرتمەي ساقلاشقا ۋەدە بەرگەن، ھېلىھەممۇ بېرەر يېرى ئۆزگەرگىنى يوقتۇر...

0

تېما

1

دوست

1795

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   79.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9377
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 539
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 18:39:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
balamir يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 17:12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بەزى ئىشلار ...

تەقدىرنىڭ ئالدىن پۈتۈلۈشى بىلىشكە،ئەمەلىيەتتە ئىجرا بۇلۇشى قۇدرەتكە تەۋە.
لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرلەنگىنى دەل ئالدىن بىلىپ يېزىلغىنى.
ئىجرا بۇلۇشى ئىنساننىڭ ئۈزىنىڭ تاللىشىنىڭ نەتىجىسى،دەل شۇنداق بولغاچقا ئىنسان ياخشى ياماننىڭ جازا مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ.
ئەڭ ئاددى مىسال:« تاماق يىسەڭ قۇرساق تۇيىدۇ» بۇنى ئالدىن بىرسىگە ئېيتتۇق،ئۇ تاماق يىدى قۇرسىقى تويدى.
ئەمدى بىز «تاماق يىسەڭ قۇرساق تۇيىدۇ» دىگەن گەپنى ئېيتىپ قويغانلىقىمدىن ،قۇرسىقىڭ تويدى دىسەك ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ؟
تەقدىرنىڭ ئالدىن يېزىلىشى دەل ئاشۇ تاماق يىسەڭ قۇرساق تۇيىدۇ دىگەننى بىلىش، بىزگە نىسبەتەن ئەڭ ئاددى بىلشتەك بىر ئىش.شۇڭا ئوغرى بۇلىدۇ دەپ يېزىپ قۇيۇش ئۇنى بىلگەنلىكتىن،ھەرگىزمۇ ئۇنى شۇنىڭغا مەجبۇرلىغانلىقتىن ئەمەس.
گىپىم ئارتۇقچە كەتكەن بولسا ئەيىپكە بۇيرىماسسىز.قەلبىڭىزدىكى ئوت ئۆچمىسلا چوقۇم قايىل بۇلىدىغان جاۋاپقا ئېرىشىسز،ياكى بۇرۇن قايىل بولمىغان جاۋاپقا مەلۇم ۋاقىتلاردا قايىل بۇلۇپ،قەلبىڭىز ئارام تاپىدۇ.

4

تېما

0

دوست

668

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   33.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15491
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 48
تۆھپە : 174
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 20:39:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر جەمئىيەتتە ( مەن ياشاۋاتقان ۋە مەن بىلەن مۇشۇ تېمىدا سۆزلەشكەن خېلى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ) « ئادەم تۇغۇلىشىدىن بۇرۇنلا ئۇنىڭ پۈتكۈل ھاياتى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ» دىگەن گەپنى جىق ئاڭلايمىز، مەن يەنىلا چۈشەنمىدىم( بىلمىگەننى سوراش ياكى تولۇق قانائەتلىنەرلىك،قايىل قىلارلىق جاۋاپقا ئېرىشكىچە سوراش  گۇناھ ئەمەس ) ، ئەمىسە يېقىنقى زرماندىن بېرى پەن ئالىملىرىنىڭ غەرب ئەللىرى ۋە غەيرى ئىسلام ئەللىرىدىن جىق چىقىپ، مۇسۇلمانلاردىن ئاز چىقىشىنى ئاللاھ بېكىتىۋەتكەنمۇ، ئاللاھ مۇسۇلمانلارنى ھىمات قىلىدىغان تۇرۇپ نىمە ئۇچۇن يەنە مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان، ئۆزۈمنىڭ قارىشىچە ئاللاھ قۇرئانى كېرىمنى نازىل قىلىش،،پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق  ھەقنى تونۇشنى، ئادەمگە،جەمئىيەتكە زىيانلىق ئىشلاردىن، تۈرلىك ئەخلاقسىز قىلمىشلاردىن،  ئورۇنسىز قان تۆكۈش،....لەردىن يىراق تۇرۇشنى بىلدۈرمەكچىمىكىن، دەپ ئويلايمەن. شۇڭا دىننى، قۇرئاننى  قان بېقىشنىڭ قورالى قىلىۋالماي، بەلكى ياشاشتىكى ئەخلاقىي مىزان قىلىپ، ئىلىم-پەن ۋە تۈرلۈك توغرا ھۈنەر - كەسپنى قەدىرلەشنى ،ئۆگىنىشنىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، دىن بىلەن پەننى زىت قىلماسلىق، دىنىي پەتىۋالار ئارقىلىق پەننى تەرەققىياتقا ۋە پەننى ئالىملارغا پۇتلىكاشاڭ بولماسلىق كېرەك دەپ ،ئويلايدىكەنمەن( كەمىنە ئەلھەمدۇللا مۇسۇلمان، لېكىن ئەسلىيەتچى،رادىكال ئەمەس، دىنىي ئېتىقادىڭ نىمە دەپ سۇئال چىقىپ قالمىسۇن)

0

تېما

0

دوست

1049

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   4.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33141
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 312
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 20:41:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turan1001 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 18:00
بارلىق ئىشلار ئىنسان تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا پىشانىسىگە پ ...

ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن ناۋاتتەك گەپ قىلدىڭىز

18

تېما

10

دوست

4119

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   70.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11326
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 1349
توردىكى ۋاقتى: 1045
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 20:48:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
balamir يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 20:39
ھازىر جەمئىيەتتە ( مەن ياشاۋاتقان ۋە مەن بىلەن مۇشۇ تېم ...

ئەمدى ما گېپىڭىز سەل مۇقامغا چۈشتى... شۇڭا ئىمكان بولسا دىننى ۋە پەننى تەڭ ئۆگەنسىڭىز ئىسلامنى تۇغرا چۈشۈنەلەيسىز. سىزگە ئاللاھ يار-يۆلەك بولسۇن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )